قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش ۋە قارار قىلىشنىڭ شەرتلىرى
逮捕审查及批捕的条件
  • يوللىغۇچى : xjadwokat292
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 672 قېتىم كۆرۈلدى

 
+ V- s. X5 c( |+ x قولغا ئېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە قارار قىلىش، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە بېرىلگەن قانۇن نازارەتچىلىك فونكىسىيەسىنىڭ بىرى

$ n: M8 [9 i3 |% s 3 O5 ]6 ?4 X0 l: t2 A

   جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 60- ماددىسىدا قولغا ئېلىش شەرتلىرى بەلگىلەنگەن بولۇپ ، دېلو بىجىرىش داۋامىدا قولغا ئېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان، قولغا ئېلىشنى قارار قىلغاندا، قولغا ئېلىشنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلىرىنى توغرا چۈشىنىش ۋە ئىگەللەش كېرەك . قولغا ئېلىشنىڭ شەرتلىرىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىن چۈشىنىش كېرەك .

1 O7 @* S- x' L: f! S % j0 Z. N# M% Z

   1. جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپات تېپىلغان بۇلۇشى كېرەك. بۇ بىرلا ۋاقىتتا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ ھازىرلانغان بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ :

# A: L; M# o' O9 t+ B; H v , ?5 u1 }& S: i7 ^* a* |: I

   (1) جىنايەت ئۆتكۈزۈلگەنلىكىگە دائىر دەلىل-ئىسپات بۇلۇش ؛

3 a8 @" h9 _" G/ o% J- L Y8 s: Z. J3 Z6 w

   (2) جىنايەتنى جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئۆتكۈزگەنلىكىگە دائىر پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپات بولۇش ؛

, a/ Z4 ]" I% z" `! U% v3 ~1 ~* A3 [6 k

   (3) تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىنايى قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانغان بۇلۇش ؛

/ r; B) ?7 p9 u+ h7 P2 n$ G$ {# v' P. f# A2 s

   جىنايەت پاكىتى جىنايەت گۇماندارى ئۆتكۈزگەن بىر قانچە جىنايى قىلمىش ئىچىدىكى بىرسىگە دائىر بولسا بولىدۇ.

; x& K' a. h/ y9 g+ s0 B% F 0 l# E6 v: ~8 X( f$ n3 ~

   2. قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جىنايى جازا بېرىلىش ئېھتىمالى بۇلۇش يەنى جىنايەت گۇماندارى ئۆتكۈزگەن جىنايى قىلمىشنىڭ مۇئەييەن ئېغىر دەرىجىگە يەتكەن ، تەھقىقلەش باسقۇچىدا دەسلەپكى قەدەمدە تەھلىل ۋە ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق ، ئۇنىڭغا مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جىنايى جازا بېرىلىش ئېھتىمالى بار بۇلۇش . قولغا ئېلىش تەدبىرى قوللىنىشتا ،جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، رىجىمغا ئېلىش ھەمدە ئۇنىڭغا قۇشۇمچە جازا بېرىش ياكى جازانى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش قاتارلىقلارغا دائىر قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللارنى يوققا چىقىرىش كېرەك.

8 n# v# B( u6 Y+ P( _3 @, w ) x9 n! ~4 e% A: m V2 o: p1 J

   3. قولغا ئېلىش زۆرۈر بولغان بۇلۇش . جىنايى ئىشلار داۋاسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ياكى داۋاملىق جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان، ئۇنىڭغا بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بېرىش، تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانغاندا جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش مۇمكىن بولمايدىغان ئەھۋالدا ئۇنى قولغا ئېلىش زۆرۈر 。

! P0 \* F. v7 ?9 u4 E9 m 4 C# o3 J4 z q/ Z

باي ناھيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىدىن ئەخمەتجان توختى 

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.