ئۆزىنى مەلۈم قىلىش بىلەن ئىقرار قىلشنىڭ پەرقى
自首与坦白的区别
  • يوللىغۇچى : xjadwokat292
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 1371 قېتىم كۆرۈلدى

 بىز قانۇن ئىجراچىلىرىغا كۈندىلىك خىزمەتلىرىمىزدە، مەيلى جىنايەت سادىر قىلغۇچىنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ جىنايىتىنى ئۆزلىكىدىن تاپشۇرۇشى بولسۇن ياكى تۇتۇلغاندىن كېيىن ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى ئىقرار قىلىشى بولسۇن، دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۆزىنى مەلۇم قىلىش بىلەن ئىقرار قىلىشنىڭ چەك – چېگرىسىنى توغرا ئايرىش جىنايەتچىلەرگە جازا ئۆلچەشتە ھالقىلىق رول ئوينايدۇ.

2 o1 r/ k& w' |1 O / ` Z/ W3 |* k+ N8 C8 R

   ئۆزىنى مەلۇم قىلىش جىنايى پاكىتنى ئۆزلىكىدىن ئەينەن تاپشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

" G7 ?" `3 x+ y3 a& h' W9 D Z; Z: p& V& p2 |

   ئىقرار قىلىش بولسا، جىنايەتچى تۇتۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتلىرىنى ئەينەن تاپشۇرۇشنى ھەمدە دۆلەتنىڭ سوتى ۋە ھۆكۈمىنى قوبۇل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

. B" S8 @0 h6 n' L& w* ?) Q! h5 j) |: d

   شۇڭا ئۆزىنى مەلۇم قىلىش بىلەن ئىقرار قىلىش جىنايەتچى جىنايەت سادىر قىلغاندىن كېيىنكى پوزىتسىيە دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئەمما ئىككىسى يەنە ماھىيەت جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ:

1 w5 \/ H9 o. ]: U3 ? + R5 K* C: f. D8 L- A5 W& z

   ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھالقىلىق مەسىلە ئۆزلىكىدىن دېلوسىنى مەلۇم قىلغانمۇ ياكى پاسسىپ تۇتۇپ كېلىنگەنمۇ دېگەن مەسىلىدۇر.يەنى جىنايەتچى دېلونى ئۆزلىكىدىن مەلۇم قىلغاندىن كېيىن جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان بولسا، ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ھېسابلىنىپ، جازا بېرىلگەندە يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ. ئىقرار قىلىش بولسا، جىنايەتچى تۇتۇپ كېلىنگەندىن كېيىن جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرۇش بولۇپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلشتىن خېلى زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ.

4 s( I4 G4 E% h1 c$ _ % k5 F8 P" ?1 l

   ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزىنى مەلۇم قىلىش بىلەن ئىقرار قىلىشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىككىسىنى پەرقلەندۈرىدىغان يەنە بىر ھالقىلىق مەسىلە بولسا ئىقرار قىلغان جىنايى قىلمىشى ئەدلىيە ئورگانلىرى تېخى ئىگىلىمىگەن باشقا جىنايى قىلمىشقا تەۋە بولىدىغان – بولمايدىغانلىق مەسىلىسى بولۇپ، ئەگەر ئەدلىيە ئورگانلىرى قولغا چۈشۈرمىگەن دېلو يىپ ئۇچى بولسا، ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا تەۋە بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا ئىقرار قىلىشقا تەۋە بولىدۇ. يەنى شىكايەت قىلىنىپ بولغان جىنايەت قىلمىشلىرىنى ئەدلىيە ئورگىنى ئاللىبۇرۇن ئىگىلەپ بولغان بولىدۇ.

' Z7 L9 a! ?% x' \6 j ' h6 d: a( {' P+ j

   يۇقىرىقى پەرقلەر ئۆزىنى مەلۇم قىلىش بىلەن ئىقرار قىلىشتىكى جىنايەتچىلەرنىڭ جىسمانىي خەۋپلىك دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. يەنى ئۆزىنى مەلۇم قىلىش جىنايەتچىنىڭ جىسمانىي خەۋپلىكىنىڭ بىر قەدەر يېنىكلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇڭا بۇنى جىنايى ئىشلار قانۇنىدا كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلەنگەن. ئەكسىچە ئىقرار قىلغۇچىنىڭ جىسمانىي خەۋپلىكى ئۆزىنى مەلۇم قىلغان جىنايەتچىگە قارىغاندا نىسبەتەن ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىقرار قىلىش پەقەت كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشتا ئويلىشىدىغان ئەھۋالدۇر.

+ R! \9 |/ ^: Z9 ^4 v1 Y ^+ n7 `5 t+ b- U8 s

باي ناھيەلىك خەلق  سوت مەھكىمىسدىن  ئەخمەتجان توختى 

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 1

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
aliya

رەھمەت سىزگە

18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.