جىسمانىي زىيان تۆلەمدە قايسى ھەقلەر تۆلىندۇ ؟
?人身损害赔偿中赔偿哪些费用
  • يوللىغۇچى : xjadwokat292
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 651 قېتىم كۆرۈلدى

  ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى›› ۋە ‹‹ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانىي زىيان تۆلەم دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەدبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى›› نىڭ 17- ۋە 18-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى جىسمانىي زىيانغا ئۇچرىغاندا، زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، تۆلەم مەجبۇرىيىتى بار تەرەپ تۆۋەندىكىدەك ھەق تۆلىشى كېرەك:

9 F/ z' Z% U- R4 w- ?5 R) s& U$ @ : \& K7 T5 k0 f7 U+ _( C5 _: R

   (1) زىيانغا ئۇچرىغۇچى جىسمانىي زىيانغا ئۇچرىغاندا، داۋالىنىش ئۈچۈن كەتكەن خىراجەتلىرى ۋە ئىشتىن قېلىپ كېمەيگەن كىرىمىنى، جۈملىدىن داۋالىنىش خىراجىتى، دەخلى يەتكەن ئىش ھەققى، قاراش ھەققى، قاتناش ھەققى، ياتاق ھەققى، بالنىتسىدا ياتقۇچىنىڭ تاماق ياردەم پۇلى، زۆرۈر ئوزۇقلۇق ھەققىنى تۆلەم مەجبۇرىيىتى بار كىشى تۆلىشى كېرەك.

+ k* s/ L& H" v 2 ~. X/ g7 {; |7 I

   (2) زىيانغا ئۇچرىغۇچى مېيىپ بولۇپ قالغاندا، تۇرمۇش ئېھتىياجى كۆپەيگەنلىكتىن كېتىدىغان زۆرۈر خىراجەت ۋە ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقانلىقتىن ئازايغان كىرىمنى، جۈملىدىن مېيىپلىك تۆلەم پۇلى، مېيىپلەر قوشۇمچە سايمان ھەققى، بېقىلغۇچىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى، شۇنىڭدەك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قاراشقا، داۋاملىق داۋالىنىشقا ئەمەلىي كەتكەن زۆرۈر ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىراجىتى، قاراش خىراجىتى، كېيىنكى داۋالاش خىراجىتىنى تۆلەم مەجبۇرىيىتى بار كىشى تۆلىشى كېرەك.

7 y* H) \# N% w% }+ B* o 1 `. x6 t c. c) Z) r5 k4 Q

   (3) زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندە، تۆلەم مەجبۇرىيىتى بار كىشى قۇتقۇزۇش-داۋالاش ئەھۋالىغا قاراپ، مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەرنى تۆلىگەندىن باشقا، دەپنە خىراجىتى، بېقىلغۇچىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى، ئۆلۈم تولۇقلىما خىراجىتى، شۇنىڭدەك زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ مېيىتنى ئۇزىتىشقا كەتكەن قاتناش خىراجىتى، ياتاق خىراجىتى ۋە ئىشتىن قېلىپ ئۇچرىغان زىيىنى قاتارلىق باشقا مۇۋاپىق خىراجەتلەرنىمۇ تۆلىشى كېرەك.

- p; W" R% A1 V5 ?5 E" {: e $ T" A$ n5 N/ ?. H" j8 Y# _

باي ناھيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئەخمەتجان توختى 

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.