ھۆكۈم بىلەن كىسىمنىڭ پەرقى
判决与裁定的区别
  • يوللىغۇچى : xjadwokat292
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 2148 قېتىم كۆرۈلدى

ھۆكۈممۇ، كېسىممۇ خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار، ھەق تەلەپ، مەمۇرىي دېلولارنى سوت قىلغاندا ئەيىبلىگۈچى ۋە دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋا تەلىپى ھەققىدە دۆلەتكە ۋاكالىتەن چىقارغان قانۇنى چەكلەش كۈچىگە ئىگە قاراردۇر. ھۆكۈم بىلەن كېسىمىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىگى شۇكى، بۇلارنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرى ۋە نوپۇزى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى ھۆكۈم بىلەن كېسىمىنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرىدۇر. مەجبۇرلاش خاراكتېرى ئۇلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك چەكلەش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىدە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ، ھۆكۈم ۋە كېسىم قانۇنى كۈچكە ئىگە بولۇش بىلەنلا، دەۋالاشقۇچى ئىككىلا تەرەپ ئۇنىڭغا رىئايە قىلىپ ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىپلا قالماستىن، دېلو بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەر قانداق كىشىنىڭ، مەمۇرىي ئورگاننىڭ ۋە باشقا ئورۇننىڭ ئۇنىڭ ئىجراسىغا ياردەملىشىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى چىقارغان ھۆكۈم بىلەن كېسىم يازما شەكىلدە بولوپ، مۇھىم قانۇن ھۆججىتى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا ھۆكۈم بىلەن كېسىمىنىڭ قانداق پەرقى بار؟

3 v- R! v2 L/ ^; T7 C1 s& | 9 m( j6 o( F, V6 m! H9 J

    1- خاراكتېرى ئوخشىمايدۇ. ھۆكۈم خەلق سوت مەھكىمىلىرى قاراپ چىققان دېلودىكى ئەمەلىي مەسىلە ئۈستىدە سۇبىستانسىيە قانۇنغا ئاساسلىنىپ چىقارغان قارار، ئۇ دۆلەت سىياسىتى ۋە قانۇننىڭ كونكرېتلاشتۇرۇلۇشى. كېسىم بولسا خەلق سوت مەھكىمىلىرى دېلولارغا قاراپ چىقىش جەريانىدا دەۋا تەرتىپىگە ئائىت بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە ۋە ھۆكۈم چىقىرىشىدىن ئىلگىرىكى قىسمەن ئەمەلىي مەسىلىلەر ئۈستىدە تەرتىپ قانۇنىغا ئاساسلىنىپ چىقارغان قاراردۇر.

& O7 {' u( m3 e( I: c 6 z; N( ^( z, Z' F' Z/ }

    2- ئىشلىتىش دائىرىسى ئوخشىمايدۇ. ھۆكۈم - بىرىنچى سوت، ئىككىنچى سوت ۋە يېڭىباشتىن قىلىنغان سوت ئاخىرلاشقاندا ھۆكۈم ئىشلىتىلىدۇ. كېسىمىنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى بولسا- ھۆكۈمنىڭكىدىن كۆپ، كەڭ بولىدۇ، ئۇ سوت تەرتىپىنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ۋە ئىجرا جەريانىنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ. دېمەك بىر دېلودا بىرلا ھۆكۈم، بىر نەچچە كېسىم بولىدۇ.

S' w; ~, p7 P w2 S l ; Y( C. A* v( Q

    3- شەكىل جەھەتتە ئوخشىمايدۇ. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھۆكۈمنى ئاغزاكى ئەمەس، يازما شەكىل بىلەن چىقىرىشى شەرت. كېسىمىنىڭ بەزىلىرى يازما شەكىلدە بولىدۇ، بەزىلىرى ئاغزاكى شەكىلدە بولىدۇ. لېكىن ئاغزاكى كېسىم چىقىرىشتىمۇ يازما كېسىم چىقىرىشتىمۇ قانۇن بويىچە ئىش قىلىش، ئۇنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. يازمىچە ھۆكۈم كېسىمگە سوتچى، پۈتۈكچى ئىمزا قويغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تامغىسى بېسىلغاندىن كىيىن دەۋالاشقۇچىلارغا يەتكۈزۈلۈپ بېرىلىدۇ، ئاغزاكى كېسىم شۇ سوتتا ئوقۇپ ئۆتۈلسە ھەمدە كېسىمىنىڭ مەزمۇنى خاتىرىگە يېزىپ قويۇلسا بولىدۇ.

( q) D- i6 C& n # {- e% E$ t( U6 ?! E

    4- نارازىلىق ئەرز بېرىش ھوقۇقى ۋە سۈرىكى ئوخشاش بولمايدۇ. دەۋالاشقۇچىلار بىرىنچى سوتتا قاراپ چىققۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىنايى ئىشلار ھەق تەلەپ، دېلولىرىغا چىقارغان ھۆكۈمىگە قايىل بولمىسا نارازىلىق ئەرز بېرىش سۈرىكى ئىچىدە نارازىلىق ئەرز بەرسە بولىدۇ. بىرىنچى سوتتا قاراپ چىققۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىمگە قايىل بولمىسا قانۇندىكى بەلگىلىمە بۇيىچە بەزىلىرى ئۇستىدە نارازىلىق ئەرز بەرسە بولىدۇ، بەزىلىرى ئۇستىدە نارازىلىق ئەرز بېرىشكە بولمايدۇ. جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى ئىشلار ھۆكۈمىگە قايىل بولمىغانلارنىڭ ئەرز بېرىش سۈرىكى 10 كۈن، كېسمگە قايىل بولمىغانلارنىڭ نارازىلىق ئەرز بېرىش سۈرىكى بەش كۈن بولىدۇ، ھەق تەلەپ دەۋا قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ھەق تەلەپ ھۆكۈمىگە قايىل بولمىغانلارنىڭ ئەرز بېرىش سۈرىكى 15 كۈن، كېسمىگە قايىل بولمىغانلارنىڭ نارازىلىق ئەرز بېرىش سۈرىكى 10كۈن بولىدۇ.

8 L, f9 M2 }8 B# ~7 K* @: i! C" q

    ئۇنىڭدىن باشقا ئاخىرقى ھۆكۈم ۋە كېسىم ، شۇنىڭدەك نارازىلىق ئەرز بېرىشكە يول قويۇلمايدىغان كېسىم بەلگىلىنىش بىلەنلا قانۇنى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. دەۋالاشقۇچىلار ئۇنى ئىجرا قىلىشى شەرت.
) h" r- H7 _& O H& A) ^باي ناھيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئەخمەتتجان توختى 

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 4

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
aliya

رەھمەت ،ياخشى چۇشەنچىگە ئىگە بولدۇم

ئەسقەرجان

بەك تەپسىلى، قاتلاملىرى ئېنىق چۈشەندۈرۈلۈپتۇ، بۇ يىلقى ئەدىلىيە ئىمتاھاندا يەنە نەچچە نومۇر ئارتۇق ئالدىغان بولدۇم

زوراگۇل -بۈگۈر

ياخشى چۇشەنچىگە ئىگە بولدۇم ،رەھمەت

xjadwokat552

شۇنداق چۈشىنىشلىك بوپتۇ ، جاپا چەكتىڭىز

18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.