«ئىجارە ئۆينىڭ سىر پۇرىقى ئېغىر» دەپ توختامنى بىكار قىلىشقا بولامدۇ
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 2142 قېتىم كۆرۈلدى

«ئىجارە ئۆينىڭ سىر پۇرىقى ئېغىر» دەپ توختامنى بىكار قىلىشقا بولامدۇ

1 r0 x! Z7 x. I) d1 a% \ ) `' i2 @% ~9 v! h

بۇلتۇر سېنتەبىردە ئائىلەمدىكىلەر ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كېلىپ، مەلۇم ئولتۇراق رايوندىن بىرەيلەننىڭ يېقىندىلا يېڭىدىن زىننەتلىگەن ئۆيىنى ئىككى يىللىق ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغانىدىم. ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن ھەممەيلەندە بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ھاۋالە قىلىپ ئۆينىڭ مۇھىتىنى تەكشۈرسەك، ئۇلار ئۆينى زىننەتلىگەن ماتېرىياللارنىڭ خىمىيەلىك ماددىسىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، داۋاملىق ئولتۇرسا سالامەتلىككە ئېغىر زىيان ئىكەنلىكى ھەققىدە يەكۈن چىقاردى. مەن ئىجارە توختامى بويىچە ئۆي ئىگىسىگە بىر يىللىق ئىجارە ھەققى بېرىپ بولغانىدىم. ھازىر بۇ ئۆيدە داۋاملىق ئولتۇرۇشقا مۇمكىن بولمىغان ئەھۋالدا، ئالدىن تاپشۇرغان ئىجارە ھەققى بىلەن ئۆينىڭ مۇھىتىنى باھالىتىشقا كەتكەن چىقىملارنى ئۆي ئىگىسىدىن قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسام بولامدۇ؟

( |& a, n* a$ C8 r5 D x! P3 _1 t" T. F5 [

توختام قانۇنىدا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، توختام تۈزۈشكۈچىلەر توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ:1) يەڭگىلى بولمايدىغان كۈچ سەۋەبىدىن توختامدىكى مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولمىسا؛2)ئاداقىلىش مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى توختام تۈزۈشكۈچى تەرەپلەرنىڭ بىرى ئاساسلىق قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرسە ياكى ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلىسە»3)توختام تۈزۈشكۈچى بىر تەرەپ ئاساسلىق قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى كېچىكتۈرۈپ، سۈيلىگەندىن كېيىن مۇۋاپىق مۇددەتتە يەنىلا ئادا قىلمىغان بولمىسا؛4)توختام تۈزۈشكۈچى تەرەپلەرنىڭ بىرى قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى كېچىكتۈرۈپ ياكى توختامغا خىلاپ باشقا قىلمىشنى سادىر قىلىپ، توختامدىكى مەقسەتنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقىغا سەۋەب بولسا؛5)قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار بولسا. توختام بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، توختام تېخى ئىجرا قىلىنمىغان بولسا، ئىجرا قىلىش توختىتىلىدۇ. ئىجرا قىلىنغان بولسا، ئىجرا قىلىش ئەھۋالىغا ۋە توختامنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن، توختام تۈزۈشكۈچىلەر ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈپ بېرىشنى ۋە باشقا ئوخشاش تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ھەمدە زىياننى تۆلىتىپ ئېلىشقا ھوقۇقلۇق، دەپ بەلگىلەنگەن. ئەھۋال ھەقىقەتەن سىزنىڭ ئىنكاس قىلغىنىڭىزدەك بولسا، ئىجارە توختامى تۈزۈشتە ھەر ئىككى تەرەپ باراۋەر ھوقۇق-مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ، شۇڭا ئۆي ئىجارىگە بەرگۈچى سىزگە چوقۇم ئولتۇرۇش شارائىتى بولغان ئۆينى بېرىشى كېرەك. يېڭى زىننەتلەنگەن ئۆيدىكى بىزەك ماتېرىياللاردىن چىققان خىمىيەلىك ماددىلار ئېشىپ كەتكەن ئۆينى سىزگە ئىجارە بەرگىنى توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا سىز توختامنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىللە، ئۆي ئىگىسىدىن ئالدىن تۆلىگەن ئىجارە ھەققىڭىز بىلەن تەكشۈرۈشكە سەرپ قىلغان چىقىملىرىڭىزنى تۆلىتىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر كېلىشەلمىسەڭلار مۇشۇ ھەقتىكى دەلىل-ئىسپاتىڭىزنى سوتقا تەمىنلەپ، دەۋا قىلىش ئارقىلىق ھوقۇق-مەنپەئىتىڭىزنى قوغدىسىڭىز بولىدۇ.          

( V- Y% j' r }$ U3 a 8 x+ e. N* y- e& q; W3 w

شىنجاڭ ئادۋوكات تورى

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.