مىراسقا ئېرىشكۈچى ۋە ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى قەرزىنى قايتۇرىدۇ
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 11284 قېتىم كۆرۈلدى

مىراسقا ئېرىشكۈچى ۋە ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى

3 e' M# ]$ N) \- E - f! M% J/ l& r

قەرزىنى قايتۇرىدۇ

; \/ ?. J+ d) d0 m- J- V" A' N / H3 { @1 J1 @: J2 P

تاغام ھايات ۋاقتىدا قوشنا-قولۇملارنى چاقىرىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەتتە ئېغىزلىق ھويلا-ئاراملىق ئۆيلەرنى ئىككى ئوغلىغا قالدۇرۇش، 30كۋادرات مېتىرلىق دۇكاننى مېيىپ ئىنىسىغا ھەدىيە قىلىش توغرىسىدا ۋەسىيەت قالدۇرغانىدى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن بىر كىشى تاغامدا 20مىڭ يۈەنلىك ئېلىشى بارلىقى ھەققىدىكى ھۆججەتنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىسى بۇ قەرزنى ئېتىراپ قىلمىدى. ئاتىسىنىڭ قەرزىنى پەرزەنتلەرنىڭ تۆلەش مەجبۇرىيىتى بارمۇ؟

5 K1 u/ Y3 p( G/ H" @$ F- D - |, _1 r8 D0 p# N/ a) i0 `/ M

ۋارىسلىق قانۇنى ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ۋارىسلىق قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكرىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنىڭ روھىغا ئاساسلانغاندا، مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشتا مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە تۆلەشكە تېگىشلىك بېجى ۋە قەرزى تۆلىنىشى كېرەك، ھەدىيە قىلىش ۋەسىيىتىنى ئىجرا قىلىش ئىشى ۋەسىيەت بىلەن ھەدىيە قىلغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە تۆلەشكە تېگىشلىك بېجى ۋە قەرزنى تۆلەشكە دەخلى يەتكۈزمەسلىكى كېرەك. مىراس بۆلۈپ بېرىلىپ قەرز تېخى ئۈزۈلمىگەندە، ناۋادا قانۇنىي ۋارىس، ۋەسىيە بويىچە ۋارىسلىق قىلىنغۇچى، ۋەسىيەت بويىچە ھەدىيىنى قوبۇل قىلغۇچىمۇ بولسا، قانۇنىي ۋارىسلىق قىلغۇچى ئىگە بولغان مىراس بىلەن قەرزنى ئاۋۋال ئۈزۈشى كېرەك، ئۇنىڭ مىراسى قەرزنى ئۈزۈشكە يەتمىسە، قالغان قەرزنى ۋەسىيەت بويىچە ۋارىسلىق قىلغۇچى بىلەن ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى ئىگە بولغان مىراستىن نىسبەت بويچىە قايتۇرىدۇ. دېمەك، مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ قەرزى ئۇنىڭ مىراسىدىن قايتۇرۇلسا بولىدۇ. مىراس ۋارىسلارغا ۋەسىيەت بويىچە بۆلۈپ بېرىلگەن ياكى باشقىلارغا ھەدىيە قىلىۋېتىلگەن بولسا، شۇ مىراسنى ئالغان پەرزەنتلەر ۋە ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى ھەرقايسىسى ئۆزلىرى ئېرىشكەن مىراسنىڭ نىسبىتى بويىچە قەرزنى قايتۇرۇشى كېرەك.ئەھۋال ھەقىقەتەن سىزنىڭ ئىنكاس قىلغىنىڭىزدەك بولسا، تاغىڭىزنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىسى قەرز ھۆججىتىنىڭ راست- يالغانلىقىنى تەكشۈرۈپ، شۇ كىشى تەمىنلىگەن قەرز ھۆججىتىگە ھەقىقەتەن ئاتىسى ئىمزا قويغان بولسا، يۇقىرىقى بەلگىلىمىنىڭ روھى بويىچە مىراسقا ئېرىشىش بىلەن بىللە مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇشى كېرەك.

4 T/ C8 |0 m5 _6 w! v# R" J8 a $ T ]# r- d0 q9 e% t

شىنجاڭ ئادۋوكات تورى

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.