ئۆگەي ئاپىڭىز بۇ مىراسقا ئېرىشەلمەيدۇ
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 12100 قېتىم كۆرۈلدى

 ئۆگەي ئاپىڭىز بۇ مىراسقا ئېرىشەلمەيدۇ

" U- s2 x) N9 _8 ] 1 x) b7 E$ D) v+ f5 I* R; N% ?

 

" _8 H! N w2 x+ U3 T0 o! f ' L( s+ s3 l. o3 @

دادام يېقىندا كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئىككى قېتىم نىكاھلانغان بولۇپ، ئالدىنقى ئايالىدىن مەن ۋە ئىنىلىرىم بولۇپ ئۈچ پەرزەنتلىك بولغان. كېيىنكى ئايالىدىن ئىككى پەرزەنتلىك بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن 11 يىلنىڭ ئالدىدا نىكاھتىن ئاجرىشىپ كەتكەندە، قىزى ئاپىسىنىڭ بېقىشىغا، ئوغۇل دادامنىڭ بېقىشىغا قالدۇرۇلغانىكەن. دادىمىزنىڭ تەربىيىسىدە قۇرامىغا يەتكەن دادا بىر، ئانا باشقا ئىنىمىز دادام كېسەل سەۋەبىدىن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاندا دادامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماي ئاپىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ تۇرىۋالدى. مەن ئىنىم بىلەن دادىمىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدۇق. دادام كېسىلىنىڭ ساقايمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئۆز ئىگىدارلىقىدىكى پۇل ۋە باشقا مال-مۈلۈكلەرنىڭ بىزگە مىراس قالغانلىقى توغرىسىدا ۋەسىيەت قالدۇرغانىدى. دادام قازا قىلىپ كەتكەندىن كېيىن، دادامنىڭ ئاجراشقىنىغا 11 يىل بولغان ئايالى بۇ مىراستا مەن بىلەن داداڭلارنىڭ پۇشتىدىن بولغان بالىلارنىڭمۇ تېگىشلىك ھەققى بار، دەپ بىزدىن مىراس تالىشىۋاتىدۇ. دادام قالدۇرغان ۋەسىيەتنامە قانۇنىي كۈچكە ئىگىمۇ؟

, C9 }5 `. V4 K2 n# f: i% @ ) ?( @. W! S* J- B

نىكاھ قانۇنىدا، ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ مىراسقا ئۆزئارا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بار، دەپ؛ ۋارىسلىق قانۇنىدا، مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش باشلانغاندىن كېيىن، قانۇنىي ۋارىسلىق بويىچە ئىش كۆرۈلىدۇ، ۋەسىيەت قىلىنغان بولسا، مىراس قالدۇرۇش ۋەسىيىتى بويىچە ئىش كۆرۈلىدۇ. پۇقرالار شەخسىي مال-مۈلكىنى قانۇنىي ۋارىسلاردىن بىر ياكى بىر نەچچە كىشىگە مىراس قالدۇرۇش توغرىلىق ۋەسىيەت قالدۇرسا بولىدۇ، دەپ بەللگىلەنگەن. يۇقىرىقى بەلگىىمىلەرنىڭ روھىغا ئاساسلانغاندا، ۋارىسلىق ھوقۇقى ۋارىسلارنىڭ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ياكى مىراس قالدۇرغۇچى ھايات ۋاقتىدا قالدۇرغان قانۇنىي كۈچكە ئىگە ۋەسىيەتكە ئاساسەن مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. ۋەسىيەت بويىچە ۋارىسلىق قىلغۇچى قانۇنىي ۋارىسلار دائىرىسى ئىچىدە بەلگىلەنگەن مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلغۇچىلار بولۇپ، كىم مۈلۈككە ۋارسىلىق قىلغۇچى، كىم قانداق مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىدۇ، بۇ ۋەسىيەتلىك ۋارىسلىقتا ئوچۇق بەلگىلىنىدۇ.مىراسقا ۋەسىيەتتە كۆرسىتىلگەن ۋارىس ۋارىسلىق قىلىپ، قانۇن بويىچە مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئەھۋال ھەقىقەتەن سىزنىڭ ئىنكاس قىلغىنىڭىزدەك بولۇپ، دادىڭىز ھايات چاغدا قانۇندا كۆرسىتىلگەن بەلگىلىمىلەرنىڭ تەلىپى بويىچە سىلەرگە ۋەسىيەت قالدۇرغان بولسا، ئۇ ۋەسىيەتنامە قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. سىلەر شۇ ۋەسىيەتتە كۆرسىتىلگىنى بويىچە مىراسقا ۋارىسلىق قىلساڭلار بولىدۇ.

! o, S2 M. l* u0 @' F0 r . F( X, z$ ?3 O4 E" [) w9 A

 شىنجاڭ ئادۋوكات تورى

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.