مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش ھوقوقى ھەققىدە
关于遗产继承权
  • يوللىغۇچى : xjadwokat292
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 4173 قېتىم كۆرۈلدى

بىر قىسىم پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسى ھايات تۇرۇپ، ئۆزلىرىگە تېگىشلىك مىراسنى بۆلۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپى يوللۇقمۇ يوق؟ قانۇن ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قوللامدۇ-يوق؟

# k: T% E9 \* {; P& H& [3 {. Y) w2 ]+ w! I: \

‹‹مىراس›› ئۇ مىراس قالدۇرغۇچى ھايات ۋاقتىدا بەرپا قىلغان، مىراس قالدۇرغۇچى ۋاپات بولغاندىن كېيىن باشلىنىدىغان، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋارىسلار ۋارىسلىق قىلىدىغان، مىراس قالدۇرغۇچى (ئۆلگۈچى) قالدۇرغان شەخسىي قانۇنى مۈلۈكتىن ئىبارەت بولۇپ، كونكرېتنى قىلىپ ئېيتقاندا، مىراس ئادەتتە 1) پۇقرالارنىڭ كىرىمى؛ 2) پۇقرالارنىڭ ئۆي-ئىمارەتلىرى، ئامانەت قويغان پۇللىرى ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى؛ 3) پۇقرالارنىڭ دەل-دەرەخلىرى، چارۋا ماللىرى ۋە قۇشلىرى؛ 4) پۇقرالارنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، كىتاب-ماتېرىياللىرى؛ 5) پۇقرالارنىڭ ئىگە بولۇشىغا قانۇن يول قويغان ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى؛ 6) پۇقرالارنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى ۋە پاتنېت ھوقۇقى دائىرىسىدىكى مال-مۈلۈك ھوقۇقى؛ 7) پۇقرالارنىڭ باشقا قانۇنىي مال-مۈلۈكلىرىدىن ئىبارەت.

7 q4 j* y( @! m, E2 I% K1 l; M 2 i6 D! w! {" ]& r

    مىراسنىڭ ئېنىقلىمىسىدىن ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى مىراسقا ۋارسىلىق قىلىش مىراس قالدۇرغۇچى ۋاپات بولغان ۋاقىتتىن باشلىنىدۇ. مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ ئۆلۈشى ۋارىسلىق قىلىشنىڭ باشلىنىشىدىكى بىردىنبىر سەۋەب ياكى شەرىتتۇر. شۇڭا پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسى ھايات تۇرسا ئۇلاردىن مىراس بۆلۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ. ئاتا ياكى ئانىسىنىڭ بىرسى ئۆلۈپ كېتىپ، يەنە بىرسى ھايات بولغان بولسىمۇ، ھايات قالغان كىشىدىن ئۆلگۈچىنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن مال-مۈلۈكىنى مىراس قىلىپ بۆلۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشىغىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋارىسلىق قانۇنى» نىڭ 10-ماددىسىدا مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش رەت تەرتىپى: 1-رەتتىكىلەر: ئەر ياكى خوتۇن، ئوغۇل-قىز، ئاتا-ئانا؛ 2-رەتتىكىلەر: ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل، بوۋا-مومىلار؛ مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش باشلانغاندىن كېيىن 1-رەتتىكى ۋارىسلار ۋارىسلىق قىلىدۇ، 2-رەتتىكى ۋارىسلار ۋارىسلىق قىلمايدۇ. مىراسقا ۋارىسلىق قىلىدىغان 1-رەتتىكى ۋارىسلار بولمىسا، 2-رەتتىكى ۋارىسلار ۋارىسلىق قىلىدۇ دەپ ئېنىق بېكىتىلگەن

% s. B: q. O8 H7 ^4 J" E ; W5 X! q& n ~( d2 y2 U6 g1 H

         

' X* n5 E! E/ T; ]+ U7 i + K1 G# M6 u2 g2 H$ ?

                       باي ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسدىن ئايگۈل توخنىياز

! [4 z' Y) x1 x # |0 K1 M( o T9 L5 I$ `

 

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.