شىركەت كاپالەت پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 14374 قېتىم كۆرۈلدى

شىركەت كاپالەت پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك

~- m7 Z" Z5 t4 B# U. n# s# _ 8 R1 F2 P" Z9 J# _& y

 مەن مەلۇم بىر ماركىدىكى بالىلار كىيىم-كېچەكلىرىنى زەنجىرسىمان سېتىش شىركىتىدىن شۇ خىل ماركىدىكى بالىلار كىيىم-كېچەكلىرىنى ئېلىپ زەنجىرسىمان سېتىش دۇكىنى ئېچىش ئۈچۈن، مەزكۇر شىركەت بىلەن  بىر يىللىق توختاملاشتىم ھەمدە مەزكۇر شىركەتنىڭ تەلىپى بىلەن ئۇلارغا 5000يۈەن كاپالەت پۇلى تاپشۇرغانىدىم. توختام ۋاقتى توشۇشقاندىن كېيىن باشقا تىجارەت قىلماقچى بولۇپ كاپالەت پۇلىنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسام ئۇلار رەت قىلدى. ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشى توغرىمۇ؟

1 [! Y. d1 J+ ?* c/ _7 U ' b% y! K2 v' j% f5 _, y; Q$ h( i

توختام قانۇنى بىلەن كېپىللىك قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنىڭ روھىغا ئاساسلانغاندا، ئالاقىدارلار توختامنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ھەققىدە قوشۇمچە شەرتلەرنى تۈزۈشسە بولىدۇ. توختام كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئالاقىدارلار كاپالەت پۇلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، كېڭىشىپ تولۇقلىسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار توختامنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنى ھەققىدە ئېنىق پۈتۈشمىگەن، قوشۇمچە كېلىشىم ھاسىل قىلمىغان بولسا، توختامدىكى ئالاقىدار ماددىلار ياكى سودىلىشىش ئادىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ. توختام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئالاقىدار تەرەپ كاپالەت پۇلىنى مال پۇلىغا ھېسابلىسىمۇ ياكى قايتۇرۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ. كاپەلەت پۇلى ۋاكالەتچى سودىگەرنىڭ ئىناۋىتىنىڭ كاپالىتى   بولۇپ،ئەھۋال ھەقىقەتەن سىز ئىنكاس قىلغاندەك ئوتتۇراڭلاردىكى توختام ئاخىرلاشقان بولسا ھەمدە توختام داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلمىغان ئەھۋالدا كاپالەت پۇلىنى تۇتۇپ قېلىشى بەلگىلىمىگە خىلاپ.ئەگەر شىركەت كاپالەت پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمىسە سوتقا دەۋا قىلىش ئارقىلىق مەنپەئىتىڭىزنى قوغدىسىڭىز بولىدۇ.

, R6 |4 Y! g1 q$ ~/ i! r8 Z1 V8 y" |0 m

شىنجاڭ ئادۋوكات تورى

& G: A5 o3 z" z0 z 9 N9 Z* O- L! o

 

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.