8000 يۈەنلىك چاپاننى 800 يۈەنگە سېتىپ قويۇپ يېنىۋېلىشقا بولامدۇ
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 17209 قېتىم كۆرۈلدى

مەلۇم سودا سارىيىدىن بىر خۇرۇم چاپان سېتىۋالغانىدىم.ئەينى چاغدا مال ساتقۇچى ماڭا خۇرۇم كىيىم-كېچەكلەرنىڭ ئەتىيازلىق باھاسى چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتىپ 800يۈەنگە تالون كېسىپ بەرگەندىن كېيىن  ئىناۋەتلىك كارتا ئارقىلىق  پۇلنى تاپشۇرغانىدىم. شۇ ئاينىڭ ئاخىرى سودا ساراينىڭ سېتىشقا مەسئۇل خادىمى ماڭا تېلفون بېرىپ: سىز سېتىۋالغان خۇرۇم چاپاننىڭ ئەسلى باھاسى 8000يۈەن بولۇپ، مال ساتقۇچى ئۇقۇشماسلىقتىن سىزگە 800يۈەن دەپ تالون كېسىپ بېرىپتۇ، ئاينىڭ ئاخىرى ھېسابات تەكشۈرگەندە ئۇنىڭ ھېساباتىدىن خاتالىق كۆرۈلگەندىلا بۇنى بايقاپ، سىزنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىڭىزدىكى تەپسىلىي ئادرېسىڭىز بويىچە بۇ ئۇقۇشماسلىقنى سىزگە يەتكۈزدۇق، سىز سودا سارىمىزغا كېلىپ كەم قالغان پۇلنى تاپشۇرۇۋەتكەن بولسىڭىز، دېدى. مەن ئۇلارغا مال ساتقۇچى كېسىپ بەرگەن تالوندىكى باھا بويىچە چاپاننى سېتىۋالغانلىقىم ئۈچۈن، ئوتتۇرىمىزدا سېتىش-سېتىۋېلىش توختامىنىڭ شەكىللىنىپ بولغانلىقىنى ئېيتىپ، تەلىپىنى رەت قىلسام ئۇلار ئۈستۈمدىن سوتقا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.ئەگەر ئۇلار دەۋا قىلسا قانۇن جەھەتتە قوللاشقا ئېرىشەمدۇ؟

+ M( i; ?: }0 c8 U$ E; {% `! \4 q. V j

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «ھەق تەلەپ قانۇنىي ئومۇمىي قائىدىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا دائىر بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى پىكرى» 71-ماددىسىدا: ھەرىكەت قىلغۇچى ھەرىكىتىنىڭ خاراكتېرى، دەۋالاشقۇچى قارشى تەرەپ، نىشان قىلىنغان نەرسىنىڭ تۈرى، سۈپىتى، ئۆلچىمى ۋە سانى قاتارلىقلارغا قارىتا خاتا تونۇشتا بولغانلىقتىن، ھەرىكىتىنىڭ ئاقىۋىتى بىلەن ئۆزىنىڭ پىكرى قارىمۇ قارشى بولۇپ قالسا ھەمدە خېلى زور زىيان پەيدا قىلسا، ئۇ چوڭ ئۇقۇشماسلىق، دەپ قارىلىدۇ. ئۇقۇشماسلىق دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇش ۋە مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەق تەلەپ پائالىيىتى جەريانىدا  ئۇقۇشماسلىقنىڭ شەكىللىنىشىدە تۆۋەندىكى شەرتلەر يەنى، دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ مەقسىتىنى ئۇقۇشماستىن ئىپادىلىگەن بولۇشى؛ ئۇقۇشماسلىقنىڭ ئوبيېكتى توختام مەزمۇنى بولۇشى؛ ئۇقۇشماسلىقنى ئالاقىدارنىڭ خاتالىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى؛ ئۇقۇشماسلىقتا قەستەنلىك بولماسلىقى قاتارلىقلار ھازىرلىنىشى كېرەك. ئالاقىدار ئۇقۇشماسلىق ياكى ئادىلسىزلىق بولغان ھەق تەلەپ ھەرىكەتلىرىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇيدۇ. دەۋالاشقۇچىلار بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ياكى بىكار قىلىشقا بولىدىغان ھەق تەلەپ ھەرىكىتىنى  ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگەرتسە ياكى بىكار قىلسا بولىدۇ،دەپ كۆرسىتىلگەن. توختام قانۇنىنىڭ 54-ماددىسىدا: زور ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلىدىن توختام تۈزۈلگەن بولسا ياكى توختام تۈزگەندە روشەن ھالدا ئادىل بولمىغان ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، تەرەپلەردىن بىرى  خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ياكى كېسىم ئورگىنىدىن ئۆزگەرتىش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. زور ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلىدىن توختام تۈزۈلگەن بولسا ياكى توختام تۈزگەندە روشەن ھالدا ئادىل بولمىغان ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، تەرەپلەردىن بىرى  خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ياكى كېسىم ئورگىنىدىن ئۆزگەرتىش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق،دەپ بەلگىلەنگەن.دېمەك،توختام تۈزۈشكۈچى بىر تەرەپنىڭ توختامغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، ئۇنى بىكار قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتى ئارقىلىق بولىدۇ. ئەھۋال سىزنىڭ ئىنكاس قىلغىنىڭىزدەك، مال ساتقۇچى ھەقىقەتەن ئۇقۇشماستىن تالونغا چاپاننىڭ باھاسىنى خاتا يېزىپ قويغان بولسا، ئوتتۇراڭلاردىكى توختام ئۇقۇشماسلىقتىن تۈزۈلگەن توختام ھېسابلىنىپ، سودا سارىيىنىڭ چاپاننىڭ كەم قالغان پۇلىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىشى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئەگەر ئۇلار  بۇ ھەقتە سوتقا ئۈستىڭىزدىن دەۋا قىلسا قانۇن جەھەتتىن قوللاشقا ئېرىشەلەيدۇ. 

+ p; r1 r( A2 A; ^7 u9 T h + R6 [ k& M# }/ R" h0 M0 A

شىنجاڭ ئادۋوكات تورى

+ [' o* F* n. u$ l * M$ [7 r, ^3 Z9 n% J: z5 T

تۈرلۈك توختام ماجرالىرى توغرىسىدا مەسىلھەت سوراش يانفون:18999174577

a9 T2 n& ^/ Y6 @" | 3 r! e% z9 n3 Y* t! ~

ئۈندىدار: 542570244

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.