ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتلىرىنى ئارىيەت بەرگۈچى قانداق ئەھۋالدا قاتناش ھادىسىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟
?将机动车借给他人者,怎么样的情形下承担交通事故责任
  • يوللىغۇچى : ئادىلجان 111
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 7215 قېتىم كۆرۈلدى

<<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى>>نىڭ 49 – ماددىسىدا ‹‹ئىجارە، ئارىيەت ئېلىش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى بىلەن ئۇنى ئىشلەتكۈچى بىر ئادەم بولمىغان ئەھۋالدا، قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن جاۋابكارلىق شۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ئارتىلسا، سۇغۇرتا شىركىتى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋابكارلىق چېكى سوممىسى دائىرىسىدە تۆلەم تۆلەيدۇ. يەتمىگەن قىسمىغا قارىتا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەتكۈچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىلىرىدىن زىياننىڭ پەيدا بولۇشىدا خاتالىقى بارلىرى شۇنىڭغا تىگىشلىك تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن.
9 F- _5 y) f- Z& B! A6 a كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى ئىشلەتكۈچىلەر سادىر قىلغان قاتناش ھادىسىسىنىڭ ھەممىسىدىلا جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، ئەمما ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسىدە بىرىنچىدىن، باشقىلارغا ئارىيەت بەرگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ھەيدەشكە بولمايدىغانلىقى، بىخەتەرلىك جەھەتتە يوشۇرۇن خەۋپ ئامىلى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، بۇ ئەھۋاللارنى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەتكۈچىگە دەپ قويماسلىق؛ ئىككىنچىدىن، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەتكۈچىگە بېرىشتىن ئاۋۋال ئىشلەتكۈچىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش سالاھىيىتى بار – يوقلۇقىنى ياخشى تەكشۈرمەسلىك؛ ئۈچىنچىدىن، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تېزلىكىگە، يۈرۈش مۇساپىسىگە چەك قويۇلىدىغانلىقىنى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەتكۈچىگە دەپ قويماسلىق ياكى زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك ئەسكەرتمە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ئىشلار قاتناش ھادىسىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولسا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى مۇناسىپ تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. مەسىلەن: ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ كاشىلىسى بارلىقىنى، ئىشلەتكۈچىنىڭ پىراۋىسى يوقلۇقىنى ۋە ياكى ئىشلەتكۈچىنىڭ ھاراق ئىچكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئارىيەت بېرىپ تۇرۇش قاتارلىقلار...
; H: F# Y* H' Z1 S% v     قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، زىيانلانغۇچى تەرەپ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسىدىن تۆلەم تەلەپ قىلماقچى بولسا، زىيانلانغۇچى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسىدە يۇقىرىقىدەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ھەققىدە يېتەرلىك دەلىل – ئىسپات كۆرسىتەلىشى كېرەك.

" a" ~# J. Q4 ?& E8 c) |3 T + h# [; A7 m% {- E

 

3 y, F q+ O0 w9 b" @5 j# c, N4 K1 w! Z8 D) v3 b( g. q/ l

      باي ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئادىلجان خالىق

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.