پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بىرىش مەسلىسى توغرىسىدا
  • يوللىغۇچى : تۇرغۇنجان
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 1041 قېتىم كۆرۈلدى

پۈتۈن  كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بىرىش مەسلىسى توغرىسىدا
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئۇرۇن پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا،  تۇلۇق بىرىشى كىرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان ئەمگەكچىلەرگە بىرىدىغان سائەتلىك ئىش ھەققى شۇ يەردىكى ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.
پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان ئەمگەكچىلەرنىڭ سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى ئۆلكە،ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر بەلگىلەيدۇ ھەم ئەمگەك كاپالەت مىنىستىرلىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ. سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى  بىكىتىش ۋە تەڭشەشتە شۇ يەردىكى ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان ئايلىق ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى، ئورۇن تاپشۇرۇشقا  تىگىشلىك ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققى ۋە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى( شۇ يەردىكى ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان ئايلىق ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى شەخسىلەر تاپشۇرۇشقا تىگىشلىك  ئىجتىمائى سۇغۇرتا ھەققىنى نەزەرگە ئېلىش كىرەك).   پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان ئەمگەكچىلەرنىڭ خىزمەتنىڭ مۇقىملىقى ، ئەمگەك شارائىتى ۋە سىجىللىقى، پاراۋانلىق ئەھۋالى قاتارلىقلار بىلەن پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئەمگەكچىلەر ئوتتۇرسىدىكى پەرق قتارلىق ئامىللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك نەزەرگە ئېلىش كىرەك. 
باي ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن :نۇربىيە ئەركىن

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.