ئەر- خۇتۇن ئاجراشقاندىن كىيىن ئارىلىقتا بالا بولسا بېقىش مەسلىسى قانداق بىر تەرەپ قىلىندۇ، پەرزەنتىنىڭ زۆرۈر خىراجىتى قانداق ھىساپلىندۇ ؟
  • يوللىغۇچى : تۇرغۇنجان
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 11883 قېتىم كۆرۈلدى

ئەر- خۇتۇن ئاجراشقاندىن كىيىن ئارىلىقتا بالا بولسا بېقىش مەسلىسى قانداق بىر تەرەپ قىلىندۇ، پەرزەنتىنىڭ زۆرۈر خىراجىتى قانداق ھىساپلىندۇ ؟
     ئەر- خۇتۇن ئاجراشقاندىن كىيىن ئارىلىقتا بالا بولسا ، بالىنى كىم بېقىشىنى ئەر –خۇتۇن پۈتۈشسە بۇلىدۇ .پۈتۈشەلمىسە  خەلق سوت مەھىكىسىمگە ئەرز قىلىش ئارقىلىق ماجرانى ھەل قىلسا بۇلىدۇ ، يەنى بالا ئاپىسىنى ئىمۋاتقان بولسا ئادەتتە ئاپىسى باقىدۇ ، ئانا سۈتىدىن ئايرىلغان ، 10 ياشقا توشمىغان بالىنى بېقىشتا ، قايسى تەرەپنىڭ ئەھۋالى بالىنىڭ ھۇقۇق – مەنپەئەتى ، ئۆسۈپ يىتىلىشىگە پايدىلىق بولسا ، شۇ تەرەپ باقىدۇ .10 ياشتىن ئاشقان بالا قايسى تەرەپ بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالىسا شۇ تەرەپ بىلەن بىللە تۇرسا بۇلىدۇ ، يەنى بالىنىڭ ئۆزىنىڭ تاللاش ھۇقۇقى بولغان بۇلىدۇ .بالىنى بىۋاستە باقىمغان تەرەپ قارشى تەرەپكە زۆرۈر خىراجەت بېرىدۇ .
   ئاجراشقاندىن كىيىن ، بىر تەرەپ بېقۋاتقان بالىنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش خىراجىتى ۋە تەربىيە خىراجىتىنىڭ بىر قىسىمىنى ياكى ھەممىسنى يەنە بىر تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ ، ئۈستىگە ئالدىغان خىراجەتنىڭ مىقدارىنى ۋە تۆلەش مۇددىتىنى ئىككى تەرەپ كىلىشسە بۇلىدۇ .ئەگەر كىلىشلەلمىسە ، خەلىق سوت مەھىكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىدۇ . ئادەتتە بالىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقىتىسادى ئەھۋالى شۇ جاينىڭ تۇرمۇش سەۋىيسگە قاراپ بېكىتىلىدۇ .مۇقىم كىرىمى بولسا ، ئايلىق كىرىمنىڭ %20-%30 تى بۇيىچە بىرىدۇ ، مۇقىم كىرىمۇ بولمىسا ، يىللىق كىرىمى ياكى ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى بۇيىچە يۇقارقى نىسپەتتە بىرىدۇ .

5 Z. `2 s- Q6 ?$ I! c6 T/ m ( }, w; L; B2 t

     باي ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن   گۈلباھار ئىبراھىم  تەييارلىغان .

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 1

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
巴迪妈妈

有固定收入 就按20%~30%之间给付抚养费

18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.