بۇ دىلولاردا نارازىلىق ئەرىز بىرىش ھوقوقىڭىز بولمايدۇ !
  • يوللىغۇچى : تۇرغۇنجان
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 13272 قېتىم كۆرۈلدى

بۇ  دىلولاردا  نارازىلىق ئەرىز بىرىش  ھوقوقىڭىز  بولمايدۇ !  

! V+ i; m7 X, K# i+ ]. Y0 L9 P ( s; @2 i/ `! R; D* q- ]

 ھەق  تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 162-ماددىسىدا  دەۋا  نىشانى  ئۆلكە ،  ئاپتونوم رايون ،  بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ئالدىنقى يىلدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ %30 ىدىن  تۆۋەن بولغانلىرىنى ئاز سوممىلىق  دەۋا  تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت  قىلىش ،  يەنى بىرلا سوت بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش  بەلگىلەنگەن بۇلۇپ ، بۇ خىل  دىلولارغاقارىتا بىر دەرىجە يۇقىرى  خەلق  سوت  مەھكىمىسىگە نارازىلىق  ئەرىز بىرىشكە  بولمايدۇ .  يەنى  ئالىي  خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى » نى  تەتبىقلاش  توغرىسىدىكى ئىزاھاتىنىڭ  274-ماددىسىدا  « پۇل  بېرىم  دىلولىرىدىن  تۆۋەندىكىلىرى  ئاز  سوممىلىق دەۋا تەرتىپى  قوللىنىپ سوت قىلىنىدۇ  :  (1) ئېلىم-سېتىم  توختامى ،   قەرىز پۇل توختامى ،  ئىجارە توختام  ماجىراسى ؛   (2)  سالاھىيەت مۇناسىۋىتى  ئېنىق بولسىمۇ ،   بېرىدىغان  سوممىسى ،  ۋاقتى ،   ئۇسۇلى جەھەتتىلا تالاش  بولغان ھالىدىن  خەۋەر ئېلىش ھەققى ،   بېقىپ  تەرببيىلەش  ھەققى ،  يار-يۆلەك  بۇلۇش  ھەققى ماجىراسى ؛  (3)  جاۋابكارلىق  ئېنىق بولسىمۇ ،  بېرىدىغان سوممىسى ،  ۋاقتى ،  ئۇسۇلى جەھەتتىلا تالاش بولغان قاتناش  ھادىسسى  زىيىنىنى  تۆلەش  ۋە  باشقا جىسمانىي  زىياننى تۆلەش ماجىراسى ؛  (4) سۇ ،  توك ،  گاز ،  ئىسسىقلىق بېرىش  ۋە  ئىشلىتىش  توختامى ماجىراسى ؛  (5) بانكا كارتىسى ماجىراسى ؛  (6)  ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئېنىق بولسىمۇ ،  ئەمگەك ھەققى ،  ئىشتا  يارلانغانلارنىڭ  داۋالىنىش ھەققى ،  ئىقتىسادىي تۇلۇقلىما  پۇلى  ياكى  تۆلەم  پۇلىنى  بېرىش سوممىسى ،  ۋاقتى ،  ئۇسۇلى جەھەتتىلا تالاش بولغان ئەمگەك  توختام  ماجىراسى ؛  ( 7) ئەمگەك مۇلازىمەت مۇناسىۋىتى ئېنىق بولسىمۇ ،  ئەمگەك مۇلازىمەت ھەققىنى  بېرىش سوممىسى ،  ۋاقتى ،  ئۇسۇلى جەھەتتىلا تالاش بولغان ئەمگەك مۇلازىمەت توختام  ماجىراسى ؛  ( 8) غوجىلىق ،   تېلېگراف  مۇلازىمىتى قاتارلىق مۇلازىمەت توختام  ماجىراسى ؛  ( 9) باشقا پۇل بېرىم ماجىراسى » دەپ بەلگىلەنگەن بۇلۇپ ،  يۇقارقى دىلولارنى ئاز سوممىلىق دەۋا تەرتىپى  بويىچە سوت قىلغان  بولسا  سىزنىڭ  بۇ  دىلودا  چىقىرىلغان ھۆكۈم ،  كېسىملەرگە  قارىتا نارازىلىق ئەرىز بىرىش ھوقوقىڭىز بولمايدۇ .   

5 q; w2 o, L5 F+ H. P 2 y9 m' ~6 J; V( `- H

باي ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن   گۈلپىيەم  مەممەت 

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.