تاكسىيدا ئولتۇرغاندا ھادىسە يۈزبېرىپ يارىلانسا تۆلەم جاۋابكارلىقىنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ
出租车发生交通事故,谁赔偿
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 23050 قېتىم كۆرۈلدى

ئالدىنقى ھەپتە مەلۇم تاكسىي شىركىتىگە قاراشلىق مۇرادىل ئىسىملىك بىرەيلەننىڭ تاكسىيسىنى توسۇپ دۆڭكۆرۈككە ماڭغانىدىم، ئويلىمىغان يەردىن مەن ئولتۇرغان تاكسىي ئالدىدىكى بىر كىچىك تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىل بىلەن سوقۇلۇپ كەتتى. مۇرادىل جىددىي تورمۇز قىلغاچقا، مەنمۇ ئۈزۈمنى كونترول قىلالماي يۈزۈم ئالدىمدىكى تۆمۈر رىشاتكىغا تېگىپ كەتتى، كېيىن قارىسام بۇرنۇم يېرىلىپ بىر تال چىشىم چۈشۈپ كېتىپتۇ، دوختۇرخانىغا بارغاندىن كېيىن 5000 يۈەنلىك داۋالاندىم. مۇرادىل بۇ چىقىملارنى مەن ئۈستۈمگە ئالمايمەن، دەيدۇ. ئۇنداقتا كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟

# R7 v( A0 `( P: e0 o$ ? 4 n8 g u% D5 y

توختام قانۇنىنىڭ 290 - ماددىسدا: توشۇغۇچى يولۇچى ۋە مالنى پۈتۈشكەن سۈرۈك ئىچىدە ياكى مۇۋاپىق سۈرۈك ئىچىدە پۈتۈشكەن جايغا بىخەتەر توشۇپ ئاپىرىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. دېمەك مۇرادىل توشۇغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن سىزنى پۈتۈشكەن جايغا بىخەتەر ئاپىرىپ قويۇش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ، ئەمما ئۇ توشۇش جەريانىدا سىز يارىلاندىڭىز، سىزنى بىخەتەر ئاپىرىپ قويالمىغانلىقى ئۈچۈن تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك. ئۇنداقتا مۇرادىل تۆلەم جاۋابكارلىقىنى قانداق ئۈستىگە ئېلىش مەسىلىسىگە نىسبەتەن ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانىي زىيان تۆلىمى دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشتىكى بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى تەدبىقلايمىز. بۇ ئىزاھاتنىڭ 9 - ماددىسىدا: ياللانما خادىم ياللانما پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش داۋامىدا باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى خوجايىن ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ ياللانما خادىم قەستەنلىك ياكى ئېغىر دەرىجىدە سەۋەنلىك بىلەن باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، خوجايىن بىلەن بىللە چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. خوجايىن چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ياللانما خادىمدىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. مۇرادىل بولسا مەلۇم تاكسىي شىركىتىگە ياللىنىپ ئىشلەۋاتقان ياللانما خادىم ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا ئۇ ياللانما ئەمگەك بىلەن شوغۇللىنىش جەريانىدا، باشقىلارغا زىيان پەيدا قىلسا تۆلەم جاۋابكارلىقىنى تاكسىي شىركىتىنىڭ غوجايىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. بۇ ھادىسىدە مۇرادىلدا قەستەنلىك بولغان ياكى بولمىغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار بىزگە نامەلۇم، شۇڭا بۇ يەردە بۇ توغرىلىق توختالمايمىز.

+ Y9 C; H0 E% `/ D% e3 W8 Z9 \. U7 g1 o" j1 g

مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىن مەسلىھەت سوراش ئۈندىدار نومۇرى: oz0428

& T* C3 Y, b* d3 f8 z% j 4 J, B0 x7 R' r- F, o) g( q

كودى:

: |8 ^) N: k5 ]9 b; n$ k # m# j, [2 K2 w) u, \

مەنبە : 新律网
  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.