كېلىشىمنامىدىكى ئىمزانى قارىغا بويىۋەتسىمۇ كېلىشىم ئوخشاشلا كۈچكە ئىگە بولۇۋېرىدۇ
擅自涂改协议签名协议仍然有效
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 15458 قېتىم كۆرۈلدى

كېلىشىمنامىدىكى ئىمزانى قارىغا بويىۋەتسىمۇ كېلىشىم ئوخشاشلا كۈچكە ئىگە بولۇۋېرىدۇ

; `! O& K1 f! ]" P - x, Z. ^7 }* u' [

مەسلىھەت سورىغۇچى: بىزنىڭ ئائىلىدە ئاكا- ئىنى، ئاچا – سىڭىل بولۇپ يەتتە پەرزەنت بولۇپ، ئانام ۋاپات بولغىلى خېلى يىللار بولغانىدى. ئاتاممۇ ياشىنىپ قالغاچقا، بىز يەتتە پەرزەنت بۇلتۇر ئۆكتەبىردە ئاتامنى بېقىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ كېلىشىم تۈزۈشكەنىدۇق. كېلىشىمدە، بۇلتۇر ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئاتام مېنىڭ ئۆيۈمدە تۇرىدىغان ھەم ئاتامنىڭ تۇرمۇشىغا مەن مەسئۇل بولىدىغان، تۆت سىڭلىم ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئاتامنى يوقلايدىغان ھەم ئاتامنىڭ كىيىم – كېچەكلىرى ۋە يوتقان كىرلىكلىرىنى يۇيۇپ بېرىدىغان، ئىككى ئىنىم ھەسەن بىلەن ھاكىم ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئاتامنى ئىككى قېتىم يوقلايدىغان، ئاتامنىڭ دورا پۇلى ئاتامنىڭ بانكا ئامانەت كارتىسىدىن چىقىرىلىدىغان، يەتمىگەن قىسمىنى يەتتە پەرزەنت ئۈستىمىزگە ئالدىغان، ئاتام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئاتامنىڭ تەئەللۇقاتى ۋە دۆلەتتىن بېرىلىدىغان نەپىقە پۇللىرىنىڭ ھەممىسى ماڭا قالىدىغان بولۇپ پۈتۈشكەنىدۇق. كېلىشىمگە يەتتەيلەن ئىمزا قويدۇق، ئاتام بۇ يىل يانۋاردا ئالەمدىن ئۆتتى. دۆلەتتىن 37  مىڭ يۈەن نەپىقە پۇلى بېرىلدى، ئاتامنىڭ ھېساباتىدا يەنە 20 مىڭ يۈەن بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كېلىشىم بويىچە ماڭا قالدى، ئويلىمىغان يەردىن ئىنىم ھاكىمنىڭ ئايالى كېلىشىمنامىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن ئۆيىگە ئەكىتىپ، ھاكىمنىڭ ئىمزاسىنى قارىغا بويىۋېتىپ قايتۇرۇپ كەپتۇ. كېيىن ھاكىم مېنى ئىزدەپ كېلىپ ئاتامدىن قالغان پۇللارنى بۆلۈشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ مۇشۇنداق قىلغىنى يوللۇقمۇ؟

3 E; A5 K# M' {5 O& }$ X / I% Y( i q0 i" D/ A

ئۆزقۇت ئادۋوكات: سىلەر يەتتە پەرزەنت تۈزگەن كېلىشىمنى سىلەرنىڭ ئاتاڭلارنى بېقىش توغرىسىدىكى ھوقۇق – مەجبۇرىيىتى ئېنىق ئايرىلغان توختام، دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ كېلىشىم كېڭىشىىش ۋە ئىمزا قويۇلۇش جەريانىدا، ئىنىڭىز ھاكىممۇ ئىختىيارىي تاللاش ئاساسىدا، قانۇن يول قويغان دائىرىدە، ئۆز ھوقۇق – مەجبۇرىيىتىنى بەلگىلىگەن، بۇ توختامنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە كۈچكە ئىگە بولۇش شەرتلىرىگە تامامەن ئويغۇن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، يەتتە پەرزەنت كېلىشىمگە ئىمزا قويغان ۋاقىتتىن باشلاپ بۇ كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولغان، بۇ كېلشىم سىلىرگە نىسبەتەن قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە. ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئۇمۇمىي قائىدىسىنىڭ  57- ماددىسىدا:  ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى ۋۇجۇدقا كەلگەن ۋاقىتتىن باشلاپ قانۇن جەھەتتە چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. ھەرىكەت قىلغۇچى ئۆز ھەرىكىتىنى قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ياكى قارشى تەرەپنىڭ رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتسە ياكى بىكار قىلسا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ دېلودىكى ھاكىمنىڭ ئىمزاسىنى قارىغا بۇيۇۋېتىش قىلمىشى قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن ئەمەس. ئۇ بۇنداق قىلىشتىن ئىلگىرى باشقا ئالتە قېرىندىشىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالمىغان بولۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىشكە تەۋە. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ قانۇىي كۈچى يوق. تەرەپلەرنىڭ توختام تۈزۈشىدىكى مەقسىتى بولسا ھەق تەلەپ ھەرىكىتىنى قىلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈندۈر. ھاكىمنىڭ ئۆز ئىمزاسىنى قارىغا بويۇۋېتىشى مەجبۇرىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، ھوقۇقتىنلا بەھرىمان بولۇشقا تەۋە بولۇپ، بۇنىڭغا قانۇنلا ئەمەس، ئىجدىمائىي ئەخلاقمۇ يول قويمايدۇ. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ھاكىمنىڭ مىراسىنى بۆلۈشنى تەشەببۇس قىلىشى كېلىشىمگە خىلاپ قىلمىش، ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەرزىنى سوت مەھكىمىسىمۇ قوللىمايدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق قىلغىنى پۈتۈنلەي يولسىزلىق.

مەنبە : 新律网
  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 1

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
xjadwokat540

幸苦了老师

18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.