ئاجراشقاندىن كىيىن بالىنى كۆرسەتمىسە قانداق قىلىمىز؟
离婚后不让探视孩子怎么办
  • يوللىغۇچى : قەيسەرجان
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 16159 قېتىم كۆرۈلدى

يېقىندىن بۇيان كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىدىكى ئۆزگىرىش ئارقىسىدا تويلىشىش-مۇھەببەت قارىشىدا ئۆزگىرىش بولۇپ يېڭىلاندى ،كىشىلەر«تويلىشىشتا ئەركىنلىك بولۇش،ئەر-خوتۇن ئائىلىدە باراۋەر بولۇش،ئائىلە ئىناق بولۇش»دەپ قارايدۇ،بولۇپمۇ تويلىشىشتىن ئاجرىشىش قارىشىدىكى ئۆزگىرىش ئالاھىدە گەۋدىلىك بولۇپ تويلىشىشتىن ئاجرىشىشنىڭ نىسبىتى يىلدىن –يىلغا ئۆسۈشى ئارقىسىدا ئاتا-بالىلىق ياكى ئانا بالىلىق ئائىلىلەر كۆپەيگەن،ئاتا-بالىلىق ياكى ئانا بالىلىق ئائىلىلەر تۇرمۇشىنىڭ ناچارلىشىشى ئارقىسىدا پەرزەنتلەر تۇرمۇشتا ئىگىسىز قىلىش ،كوچىدا سەرگەردان بولۇپ قىلىش،ھەتتا جىنايەت يولىغا مېڭىشقا ئوخشاش بىرمۇنچە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تۇغۇلماقتا.

& V9 h/ t, n* x- M( q0 [ / D4 a2 T: f e+ D- `

ئەر-خوتۇنلار تويلىشىشتىن ئاجراشقاندىن كىيىن بالىنى بېقىپ تەربىيەلەيدىغان تەرەپ بالىنى ئۆزىنىڭ خۇسۇسى مۈلكى قىلىۋېلىپ يەنى بىر تەرەپكە كۆرسەتمەي ئۇنىڭدىن ئۆچ ئىلىش بەدىلىگە بالىلارنىڭ چوڭ بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ۋە كىيىنكى تۇرمۇشىغا پايدىسىز ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ ھەم شۇنداقلا بالىنى بىۋاسىتە بېقىپ تەربىيەلىمەيدىغان  تەرەپنىڭ بالىنى كۆرۈش يوقلاش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ.مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن تويلىشىتىن ئاجراشقاندىن كىيىن بالىلارنى يوقلاش ھوقۇقى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.

9 `8 h& M: A! w2 |+ I5 r & @. i3 W4 ]0 S3 T4 [

دۆلىتىمىز«تويلىشىش قانۇنى»نىڭ 38-ماددىسىدا ئېنىق قىلىپ تويلىشىشتىن ئاجراشقاندىن كىيىن بالىنى بىۋاسىتە باقمايدىغان ئاتا ياكى ئانىنىڭ بالىنى يوقلاش ھوقۇقى بولىدۇ.يەنى بىرتەرەپنىڭ ياردەملىشىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ،يوقلاش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىنى،ۋاقتىنى ئىككى تەرەپ كېلىشىدۇ،كېلىشەلمىگەندە ئىككى تەرەپ كېلىشەلمىگەندە سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

/ A4 z, y0 }" S: W9 T $ ?- @, g% J# Q# |7 }# R% ]

بۇ بەلگىلىمىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى :بۇ ئىنتايىن بىر مۇھىم مەزمۇندىن ئىبارەت.ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى  مۇناسىۋەت ئاتا-ئانىلارنىڭ تويلىشىشتىن ئاجرىشىشى بىلەن يوقالمىغان ئىكەن،ئۇ ھالدا ،تويلىشىشتىن ئاجراشقاندىن كىيىن بالىنى بىۋاسىتە باقمايدىغان دادا ياكى ئانىنىڭ بالىنى بېقىش ۋە تەربىيەلەش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتىكى ئىنتايىن   مۇھىم بىر تەرەپ بالىنى كۆرۈپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۇنى يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت.كۆرۈپ تۇرۇش ئارقىلىق بالىلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىشىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىپ ،كۆيۈنۈش ۋە مېھرىبانلىقنى ئۇلارغا بېرەلەيدۇ.بالىلارمۇ ئۆزلىرىنى بىۋاسىتە باققان دادىسى ۋە ئانىسىدىن باشقا يەنى دادىسى ۋە ئانىسىنىڭ غەمخورلۇقى ،تەربىيەسى ۋە مېھرىگە  ئېرىشىپ تاۋلىنىشنىڭ لازىملىقىنى ھېس قىلىدۇ.بۇمۇ ئۇلارنىڭ ئەسلىدىنلا بار بولغان تۇغما ھوقۇقى بولۇپ ،بۇ ھوقۇقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشمۇ ئاتا-ئانىنىڭ ھەر دائىم كۆرۈپ تۇرۇشى بىلەن بولىدۇ. 

/ Q; `* V3 l; m" e* v ; F/ G! t8 ?: V b: g9 T- g \

رېئال تۇرمۇشقا قارايدىغان بولساق :بەزى كىشىلەر تويلىشىشتىن ئاجراشقاندىن كىيىن بالىنى ئۆزىنىڭ خۇسۇسى مۈلۈكى ،ھەتتا قولىدىكى تۇتقۇن ھېسابلاپ ،بالىنى قارشى تەرەپكە ئۇزۇنغىچە كۆرسەتمەسلىكنى ،قارشى تەرەپنى جازالاش قورالى ،ئىچ –ئىچىدىن ئۆچمەنلىك ۋاسىتىسى قىلىپ دادا بىلەن بالا ياكى ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتنى ھايات تۇرغۇزۇپ ئايرىپ تاشلاپ،بەزى بالىلارنى چوڭ بولغاندىمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئۇقمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.بۇ ئىنسان قېلىپىدىن  چىققان قىلمىش ھەم باشقىلارنىڭ ھەم بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغانلىق بولۇپ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىسىز.

! `8 W4 L Q: h4 P* H2 j , Y3 a" ~) H/ Z1 U6 G# v' E

بالىنى بىۋاسىتە باقمايدىغان تەرەپنىڭ يەنى بىر تەرەپكە ماسلىشىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ .ماسلىشىش دېگىنىمىز : يەنى بىرتەرەپنىڭ كۆرۈشكە قولايلىق يارىتىپ  بېرىش ،بالىنى كېلىشكەن ۋاقىت،ئورۇندا تاپشۇرۇپ ئىلىش ۋە ئاپىرىپ بېرىش.بالىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بىرتەرەپنىڭ بالىنى كۆرۈشكە ئۇزاق مۇددەت  رۇخسەت قىلماسلىققا قارىتا يەنى بىر تەرەپ بالىنى بىۋاسىتە بېقىش ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىپ بېرىش توغرىسىدا ئەرز قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ئەھۋالنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانسا ،بۇنداق ئەرزنى قوللاش كېرەك.بالىغا نىسبەتەن خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىنى يەنىلا ئادا قىلمىغانلارنى خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 102-ماددىسىغا ئاساسەن توختىتىپ قويسا ۋە جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

+ J- H! J7 |3 B7 G& v ; J3 \: a2 }5 u$ b( Z

قىسقىسى :ئاتا-ئانىلار تويلىشىتىن ئاجراشقاندىن كىيىن بالىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يوقاپ كەتمەيدۇ، يەنى شۇ دادا يەنى شۇ ئانىنىڭ بالىسى شۇڭا بالىنى بىۋاسىتە باقىدىغان تەرەپ بىۋاسىتە باقمايدىغان تەرەپكە. بالىنى كۆرسىتىپ بالىنى كۆرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە ماسلىشىشى كېرەك

7 u- x8 T6 E( f9 w- { | $ Z! l. ^) W. `- l& y2 R4 \* R

 

مەنبە : قەيسەرجان
  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.