قايتۇرۇش مۆھلىتى كېلىشىلمىگەن قەرز ھۆججىتىنىڭ دەۋا سۈرۈكىنى ھېسابلاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلا قايسىلار
还款期限没有约定借条符合起诉期限的计算,应注意哪些?
  • يوللىغۇچى : قەيسەرجان
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 5553 قېتىم كۆرۈلدى

 

8 ~4 o- M- J* n, A* j# ?8 e( [ ( u8 B0 m( U# D+ A0 J( w7 @

قايتۇرۇش مۆھلىتى كېلىشىلمىگەن قەرز ھۆججىتىنىڭ دەۋا سۈرۈكىنى ھېسابلاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلاردېگىنىمىز

" C+ v; Z( ~* m$ R' \: V# [& i 1 L1 A! ~' R$ y) T& L* H

 

7 n/ m% ^# B2 N- N 4 o3 c; K+ M& P5 T" @

ھوقۇقدار قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە ھوقۇقىنى يۈرگۈزمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئۆزىنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولىدىغان قانۇن – تۈزۈمنى كۆرسىتىدۇ. دۆلىتىمىز (ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى)نىڭ 135 – ماددىسىدا: (خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىپ قىلىنىدىغان دەۋانىڭ ۋاقىت چېكى سۈرۈكى ئىككى يىل بولىدۇ، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا)دەپ بەلگىلەنگەن. 137 – ماددىسىدا: (دەۋانىڭ ۋاقىت چېكى سۈرۈكى ھوقۇقى زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ 20 يىلدىن ئېشىپ كەتسە، خەلق سوت مەھكىمىسى قوغدىمايدۇ)دەپ بەلگىلەنگەن. 140 – ماددىسىدا: (دەۋانىڭ ۋاقىت چېكى دەۋا قىلىنغانلىقى، دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش تەلىپىنى قويغانلىقى ياكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشقا قوشۇلغانلىقى سەۋەبىدىن ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. ئۈزۈلۈپ قالغان ۋاقىتتىن باشلاپ دەۋانىڭ ۋاقىت چېكى سۈرۈكى قايتا ھېسابلىنىدۇ0دەپ بەلگىلەنگەن.

( u5 _/ s$ H2 ^2 W/ x+ s) b% k2 Q$ `- }. k

   يۇقىرىقى بەلگىلىمىلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلارغا ئاساسلانغاندا، قايتۇرۇش مۆھلىتى كېلىشىلمىگەن قەرز ھۆججىتىنىڭ دەۋا سۈرۈكىنى ھېسابلاشتا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:

: l1 f7 A7 X0 S / |. X2 A3 n7 {& R* d7 E

   بىرىنچى، ئادا قىلىش مۆھلىتى يوق ھەقدارلىق، قەرزدارلىق مۇناسىۋىتى توغرىسىدا (ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى)نىڭ 88 – ماددا 2 – تارمىقىدا: (ئادا قىلىش مۆھلىتى ئېنىق بولمىغانلىرىدا قەرزدار مەجبۇرىيىتىنى ھەقدار ئالدىدا ھەر ۋاقىت ئادا قىلسا بولىدۇ، ھەقدارمۇ قەرزداردىن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى ھەر ۋاقىت تەلەپ قىلسا بولىدۇ، لېكىن يەنە بىر تەرەپكە مۇۋاپىق تەييارلىق ۋاقتى بېرىشى كېرەك)دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا ئىككى يىل ئادەتتىكى دەۋا سۈرۈكى ھەقدار ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغان، قەرزدار مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ھوقۇقدار ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلمىغان بولسا دەۋا سۈرۈكى باشلانمايدۇ. قەرزدارنىڭ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشنى رەت قىلىشى ئادەتتە تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئەھۋالدا ئىپادىلىنىدۇ: بىرى، ئاكتىپ رەت قىلىش. يەنى ئادا قىلىشنى ئېنىق رەت قىلىش، بۇنداق ئەھۋالدا دەۋا سۈرۈكى رەت قىلىنغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؛ يەنە بىرى، پاسسىپ رەت قىلىش. يەنى قەرزدار ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغان ھەم قەرزدارغا مۇۋاپىق تەييارلىق مۆھلىتى بېرىپ مۆھلەت توشقاندىن كېيىنمۇ قەرزدار يەنىلا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا، قەرزدارنى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلغان دەپ قاراپ، تەييارلىق مۆھلىتى توشقان ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

9 }' V" e0 Z+ } 7 [7 Y. S* d' d+ z1 I/ y9 p

   ئىككىنچى، دەۋا سۈرۈكى ھەقدارنىڭ ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىشى ياكى قەرزدارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا قوشۇلغانلىقتىن ئۈزۈلۈپ قېلىپ، ھەقدار يېڭى دەۋا سۈرۈكى مۆھلىتىدە ھوقۇقىنى يەنە بىر قېتىم تەشەببۇس قىلىپ، قەرزدار يەنە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا قوشۇلسا، دەۋا سۈرۈكىنى يەنە بىر قېتىم ئۈزۈلۈپ قالغان دەپ قاراشقا بولىدۇ. دەۋا سۈرۈكى قايتا ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، دەۋا سۈرۈكى يەنە قايتا ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا دەۋا سۈرۈكىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىش قېتىم سانىغا قارىتا قانۇندا چەكلىمە يوق بولۇپ، قايتا – قايتا ئۈزۈلۈپ قالسا بولىدۇ. لېكىن دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغاندا يازمىچە ئىلتىماس ئىسپاتى، نەق مەيداندىكى گۇۋاھچى قاتارلىق ئىسپاتلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆز تەشەببۇسىغا قارىتا دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، تەشەببۇس ئېغىزدىلا بولۇپ، ئىسپاتلىغىلى بولماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك، بولمىسا دەۋا سۈرۈكى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.

* ~8 ]0 ?) ^5 i) N" [6 @# Q) ` - f3 {# \* M0 X/ B

   ئۈچىنچى، ھوقۇقدار ئەگەر ئىزچىل ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلمىسا، ھەقدارلىق – قەرزدارلىق مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن كۈندىن باشلاپ 20 يىللىق ئەڭ ئۇزاق دەۋا سۈرۈكىنى تەتبىقلاش كېرەك. 20 يىللىق مۆھلەتتىن ئېشىپ كەتكەنلىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسى قوغدىمايدۇ

مەنبە : قەيسەرجان
  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.