ئۆي بېزىلىپ بولغاندىن كېيىن مەسىلە كۆرۈلسە، ئۆي ئىگىسىنىڭ كۆچۈش ھەققى ۋە ئىجارە ھەققىنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟
房屋装修完以后出现问题,业主搬迁费和租赁费由谁承担?
  • يوللىغۇچى : قەيسەرجان
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 7803 قېتىم كۆرۈلدى

 
5 E& g- s2 O' j3 w : B3 j( H7 ~, \
ئۆي بېزىلىپ بولغاندىن كېيىن مەسىلە كۆرۈلسە، ئۆي ئىگىسىنىڭ كۆچۈش ھەققى ۋە ئىجارە ھەققىنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟
% y5 b. A+ _: k2 c. Z. ^ : E5 u' s- |# X- {# s5 G+ m; T
 
8 m( N% }% p5 a0 W' V$ N- f# y% } 8 T6 G0 ~3 }6 [ b
 گۈلنار ياشىنىپ قالغان ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆيىنى بېزىمەكچى بولۇپ، مەلۇم ئۆي بېزەكچىلىك شىركىتى بىلەن ماتېرىيالنى ئۆزى چىقىرىپ بېزەش توختامى تۈزگەن. ئۆي بېزىلىپ بولغاندىن كېيىن، گۈلنارنىڭ ئاتا – ئانىسى بۇ ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن. لېكىن تۆت ئاي ئۆتكەندە، تام، بالكون ۋە تورۇسنىڭ نەچچە يېرىدە يېرىق پەيدا بولۇپ قالغان، كىيىم ئىشكاپىدىمۇ يېرىق پەيدا بولغان، بېزەكچىلىك شىركىتى مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى تاپالمىغان. شۇنىڭدىن كېيىن بېزەكچىلىك شىركىتى ئۆينى قايتا رېمونت قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ باشقا يەرگە كۆچۈپ تۇرۇشىنى، كۆچكەن ھامان ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۆينى قايتا رېمونت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنداقتا، گۈلنار ئۆينى رېمۇنت قىلىدىغان مەزگىلدە ئۆي ئىجارە ئالسا، ئىجارە ھەققىنى كىم تۆلەيدۇ؟ رېمونت قىلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە مەسىلە چىقسا قانداق قىلىدۇ؟
) @0 ~3 n5 l5 j9 B- V - u8 F k5 ]# O o7 r' y
   بۇ ھەقتە مۇتەخەسسىس مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: مەزكۇر ئۆي بېزەش ماجىراسىدا بېزەكچىلىك شىركىتىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار. (توختام قانۇنى)نىڭ 111 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقى ئۈستىدە پۈتۈم بولمىسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۇنى يەنىلا بېكىتكىلى بولمىسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى تەرەپ زىياننىڭ چوڭ – كىچىكلىكىگە قاراپ، قارشى تەرەپنىڭ رېمونت قىلىش، ئالماشتۇرۇش، قايتىدىن ئىشلەش، مالنى قايتۇرۇش، مال پۇلىنى ياكى ئىش ھەققىنى كېمەيتىپ بېرىش قاتارلىق توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. (توختام قانۇنى)نىڭ 112 – ماددىسىدا (توختامدىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلمىغان ياكى توختامدىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمىگەن توختام تۈزۈشكۈچى بىر تەرەپ توختامدىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغاندىن كېيىن ياكى ئوڭشاش تەدبىرى قوللانغاندىن كېيىن، قارشى تەرەپنىڭ يەنە باشقا زىيىنى بولسا، زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك) دەپ بەلگىلەنگەن. زىياننى تۆلەش دائىرىسى بارلىق ئەمەلىي زىياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇڭا شىركەت گۈلنارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كۆچۈپ چىقىشىنى تەلەپ قىلسا، ئىككى تەرەپ كۆچىدىغان كونكرېت ۋاقىتنى كېلىشىۋېلىشى، بېزەكچىلىك شىركىتى شۇ مەزگىلدىكى ئۆي ئىجارە ھەققىنى ئۈستىگە ئېلىشى ۋە گۈلنارغا مەلۇم سوممىدا تۆلەم بېرىشى كېرەك. ئۆي رېمونت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆينى ئالاقىدار ئورۇنلارغا باھالىتىش، باھالاشتا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئاندىن كۆچۈپ كىرىش كېرەك. ئىككى قېتىملىق كۆچۈشنىڭ كۆچۈش خىراجىتىنىمۇ بېزەش شىركىتى چىقىرىشى كېرەك.

مەنبە : قەيسەرجان مەمەت
  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.