پۇقرالار قانداق ئەھۋالدا قانۇن ياردىمى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؟
公民在何种情况下可以申请法律援助
  • يوللىغۇچى : قەيسەرجان
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 6690 قېتىم كۆرۈلدى

 

% M4 j! r3 E# X! i" o- G) u 4 j( v2 c" m# T; K; p

پۇقرالار قانداق ئەھۋالدا قانۇن ياردىمى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؟

v" T% s, K. I+ \* D0 w . Z3 N1 I: ?; o- ^9 n( C6 b' L

قانۇن ياردىمى ھۆكۈمەت قۇرغان قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنىڭ ئادۋوكات، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەتچىسى قاتارلىق قانۇن مۇلازىمەت خادىملىرىنى تەشكىللەپ، ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇلارنى ماسلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە قىيىنچىلىقى بولغان ياكى پەۋقۇلئاددە دېلودىكى ئالاقىدارغا ھەقنى كېمەيتىپ ياكى ھەقسىز قانۇن مۇلازىمىتى قىلىدىغان بىر تۈرلۈك قانۇن – تۈزۈمنى كۆرسىتىدۇ. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار پۇقرالار جىنايى ئىشلار دەۋاسى، مەمۇرىي دەۋا، ھەق تەلەپ دەۋاسىدىن ئىبارەت دەۋالاردا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتلىرىدىن قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئېنىقراق ئېيتقاندا، تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەندە، پۇقرالار قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ:

. ~7 ]8 X: Q9 J6 y9 T0 l ! g* K& a9 c3 T* n0 o. F; X

   1.جىنايەت گۇماندارىنى تەھقىقلىگۈچى ئورگان 1 – قېتىم سوراق قىلغاندىن كېيىن ياكى ئۇنىڭغا مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانغان كۈندىن باشلاپ جىنايەت گۇماندارى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولغانلىقتىن ئادۋوكات تەكلىپ قىلمىغان بولسا؛

* G# q& [" ?" z( l! R. z2 J7 c 1 P2 V/ E% H( \+ B

   2.ئەيىبلەنگەن دېلودىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ياكى يېقىن تۇغقىنى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولغانلىقتىن دېلو تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ ۋاكالەتچىلىك قىلىشنى دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلمىغان بولسا؛

, r }5 r$ P/ T0 Y* A1 D 8 p9 {6 ^$ G/ n1 B% k: s

   3.بىۋاسىتە دېلو دەۋاسىدىكى بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولغانلىقتىن دېلونى خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ۋاكالەتچىلىك قىلىشنى دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلمىغان بولسا.

( z" E a% w5 l/ r e; _. ^ . f# r: V* A T, b: E

   ئەگەر ئەيىبلىگۈچى سوتقا چىقىپ ئەيىبلەيدىغان دېلودا جاۋابكار ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلمىغان بولسا، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قانۇن ياردىمى بېرىشى كېرەك.

6 x( }# b0 Y" V& L5 _& o. H# i ( p+ w* _1 O- e. x9 e6 w

   جاۋابكار ئەما، گاس – گاچا بولغانلىقتىن ياكى قورامىغا يەتمىگەنلىكتىن ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلمىغان بولسا ياكى جاۋابكار ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى بولسىمۇ ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلمىغان بولسا، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى جاۋابكارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى تەكشۈرمەيلا قانۇن ياردىمى بەرسە بولىدۇ.

مەنبە : قەيسەرجان مەمەت
  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.