ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى تەنقىدلىگەندە قانداق سۆزنى دېسە بولمايدۇ؟
老师在批评学生时哪些话不能说?
  • يوللىغۇچى : قەيسەرجان
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 4503 قېتىم كۆرۈلدى

ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى تەنقىدلىگەندە قانداق سۆزنى دېسە بولمايدۇ؟

6 F1 O; z4 K# g h" R" y ; W- \. R) J* x3 T. [

تەن جازاسى بىۋاسىتە تەن جازاسى ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى دەپ ئايرىلىدۇ. ئۆزى ئۇرۇش ۋە باشقىلارنى ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇشقا كۈشكۈرتۈش تەبىئىيكى تەن جازاسىغا كىرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان قىلمىشلار شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسىغا كىرىدۇ، ئالايلۇق، تىزلاندۇرۇپ قويۇش، ئاچ قويۇش، ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇش، تەكرار ئەمگەككە سېلىش ۋە تەنھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇرلاش قاتارلىقلار.

$ y$ O" L: f2 K 3 g @0 v' M* i

ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى تەنقىدلىگەندە قانداق سۆزنى دېسە بولمايدۇ؟

% K- t( M6 E$ Q: ~7 K! g S4 ]. R3 R H

تەھدىت سالىدىغان، تىللايدىغان، مەسخىرە قىلىدىغان، زىتىغا تېگىدىغان، ھاقارەتلەيدىغان، تەڭقىسلىققا قويىدىغان سۆزلەرنى قىلىشقا، كەمسىتىش تۈسىدىكى لەقەملەرنى قويۇشقا بولمايدۇ.

. t6 K K4 u8 O* ]3 r# I 9 T, {; v: M! u7 }8 ?5 d6 l* `. ?

ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلسا بولامدۇ؟

: _4 O6 Z, d( h6 p# l, V. ] + h- _& k+ x9 Y9 Y) x$ ~# T

قانۇندا ئېلىپ يۈرۈش چەكلەنگەن بۇيۇملارنى ئالاقىدار تارماقلارغا تاپشۇرۇپ بېرىش لازىم. قانۇندا چەكلەنمىگەن بۇيۇملارنى بولسا، ئوقۇتقۇچىلار پەقەت ۋاقىتلىق ساقلاپ، باشقۇرۇپ بەرسە، مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىغا ياكى ئاتا – ئانىسىغا قايتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ، ئەمما بۇزۇپ قويۇشقا، يىتتۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ.

6 I4 n- X; a8 }, [ o8 q # V: x, m/ Y- ~+ j9 F

مەكتەپلەر سىنىپلارغا تېلېكامېرا ئورناتسا بولامدۇ؟

- L2 v+ G* K6 m7 i 2 ~0 n( H" M# e2 A `6 Q* K

مەكتەپلەرنىڭ سىنىپلارغا تېلېكامېرا ئورنىتىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي سىرىنى ساقلاش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز يەتكۈزمەيدۇ، ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ مەكتەپلەرنىڭ خالىغانچە تېلېكامېرا ئورناتسا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مەكتەپلەر سىنىپلارغا تېلېكامېرا ئورناتقاندا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك: تېلېكامېرا ئورناتقاندا بەلگىلىمە بويىچە ئەنگە ئالدۇرۇپ تەستىقتىن ئۆتكۈزۈشى؛ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا سىنىپقا تېلېكامېرا ئورنىتىش ئەھۋالىنى ئۇقتۇرۇشى؛ نازارەت قىلىنىدىغان دائىرە مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك، تېلېكامېرانى مەكتەپنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى، تازىلىق ئۆيى، مۇنچا، ياتاق قاتارلىق جايلارغا ئورنىتىشقا بولمايدۇ؛ سىنغا ئېلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئۇچۇرلارنى مەكتەپ پەقەت ئوقۇش – ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشقا ئىشلىتىشى، باشقا مەقسەت ئۈچۈن ئىشلەتمەسلىكى؛ ئورنىتىلغان تېلېكامېرا سىنىپنىلا كۆزىتىشكە قارىتىلىشى، ھەرگىزمۇ بىرەر ئادەمگە قارىتىلىپ قالماسلىقى كېرەك.

, W- R/ B r" F+ ^5 C: |3 n1 {0 Y, C# o0 a: U) @) J6 U% S& F+ i

مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي بۇيۇملىرىنى تەكشۈرسە بولامدۇ؟

3 n+ T. x, Y1 {0 M. N1 i: @- K. u- _. a- y% J# h) j' J- W0 _

مەكتەپ (مائارىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش)باھانىسى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي سىرىنى ساقلاش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز يەتكۈزسە بولمايدۇ. بىخەتەرلىكنى چىقىش قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتىقىنى بىر تۇتاش تەكشۈرسە بولىدۇ، لېكىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىيىم ئىشكاپى، ساندۇقلىرىنى خالىغانچە ئاختۇرۇشقا بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن جەزمەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.

/ ~ O* g* o. K; s4 A * Q% ^2 k6 C) Q' K7 u1 ~" a/ B% g7 p

مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تۈزۈم تۈزۈش ھوقۇقى بولامدۇ؟

) H+ H8 ^7 {; C : H' M! \ Z2 _2 H! v* X

(مائارىپ قانۇنى)دىكى بەلگىلىمە بويىچە، مەكتەپ ھەم باشقا مائارىپ ئورۇنلىرىنىڭ ئۆز نىزامنامىسى بويىچە باشقۇرۇش ھوقۇقى دۆلەتنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشىشى كېرەك. شۇڭا مەكتەپنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئۆز ئالدىغا تۈزۈش ھوقۇقى بار، لېكىن قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

3 k. @4 ^, k, W/ U+ P( [* K: M) v5 B6 q

مەكتەپ قانداق ئەھۋالدا دەرس توختاتسا بولىدۇ؟

1 f, k% m! M# j $ D7 v, F- s3 L( p6 N" I

(مائارىپ قانۇنى)دىكى بەلگىلىمە بويىچە، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئوقۇش – ئوقۇتۇش پىلانىدىكى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ھوقۇقى بولىدۇ، مەكتەپ ناچار ھاۋارايى، يۇقۇملۇق كېسەل تارقىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يوقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا تەستىقلىتىش ئارقىلىق دەرس توختاتسا بولىدۇ، لېكىن ئۆز ئالدىغا دەرس توختاتسا بولمايدۇ.

) q) g! ]" j5 A; N1 V4 {7 H2 _$ d; c }1 ~

ئوقۇتقۇچىلار ئاتا – ئانىلارغا ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتسا بولامدۇ؟

3 l2 @( O1 X% p% G3 j1 f5 a; s& v# l; A+ ~

مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالىنى توغرا ئىگىلەش ئۈچۈن، ئاتا – ئانىسى بىلەن ۋاقتى – ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ تۇرۇش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. لېكىن (ئاتا – ئانىنى ئىزدەش)شەكلى بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئاتا – ئانىغا ئىتتىرىپ قويۇشقا بولمايدۇ.

[ C% k4 V& x$ M4 C+ u( E7 m3 D# O

ئوقۇتقۇچى كۆپچىلىك ئالدىدا ئوقۇغۇچىنى تەنقىدلىسە بولامدۇ؟

+ d) Q6 A" p% I* Z) B( r/ d & {& F! O$ x- Q

ئوقۇغۇچىغا قارىتا، ئوقۇتۇش بىلەن قوغداشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش ئاساسىي پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىپ، ئوقۇغۇچىنىڭ غۇرۇرىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەزكۇر ئوقۇغۇچىنىڭ قانۇنغا، مەكتەپ ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلمىغان ئەھۋالدا، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئىسمىنى ئاتاپ تەنقىدلەشكە بولمايدۇ

مەنبە : قەيسەرجان مەمەت
  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.