2018 «ئاساسي قانۇن»
2018最新宪法
  • يوللىغۇچى : مەۋلان جۈمە
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 19362 قېتىم كۆرۈلدى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»

# d! P: w! ^8 Y6 g7 H 7 U' b- }2 ^ n V% l

 

) w: F* Y2 q0 y) K# z( B + u! { x. E1 v. e

(جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى 1982-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 5-نۆۋەتلىك مەمىلىكەتلىك خەلق ۋەكىلەر قۇرۇلتىيى چوڭ يىغىنى 5-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان. 1982-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى مەمىلىكەتلىك خەلق ۋەكىلەر قۇرۇلتىيى چوڭ يىغىنىدا ئېلان قىلىنىپ يولغا قۇيۇلغان.1988-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى 7-نۆۋەتلىك مەمىلىكەتلىك خەلق ۋەكىلەر قۇرۇلتىيى چوڭ يىغىنىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ئاساسى قانۇنىغا تۈزۈتىش كىرگۈزۈش لايھەسى» ،1993-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەمىلىكەتلىك خەلق ۋەكىلەر قۇرۇلتىيى 1-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ئاساسى قانۇنىغا تۈزۈتىش كىرگۈزۈش لايھەسى» ،1999-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەمىلىكەتلىك خەلق ۋەكىلەر قۇرۇلتىيى 2-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ئاساسى قانۇنىغا تۈزۈتىش كىرگۈزۈش لايھەسى»،2004-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەمىلىكەتلىك خەلق ۋەكىلەر قۇرۇلتىيى 2-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ئاساسى قانۇنىغا تۈزۈتىش كىرگۈزۈش لايھەسى» ، 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەمىلىكەتلىك خەلق ۋەكىلەر قۇرۇلتىيى 1-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ئاساسى قانۇنىغا تۈزۈتىش كىرگۈزۈش لايھەسى»گە ئاساسەن تۈزۈتىلدى)

% Q. t8 v- q9 D+ w9 h% z; q1 @ / G y+ }4 Y( {# q% T) H

 

2 R2 L! B$ u a8 A + l1 n2 N8 J- S$ m" L% b

 

" m/ V# I8 w) b; C F! S$ t 0 y0 M6 Z# e% J

 

9 m7 W9 M) R& Q3 C \% U( i" x ' f1 H: \2 K2 X

1-باپ: ئومۇمىي پروگرامما

Z9 ]4 [; a0 O% v1 F' K4 z, P2 [( X% L3 v6 {' ?& j% [ q

1-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى-ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىشچى-دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتورىلىقىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت.

5 m. W# e3 R7 b( b/ T6 @. [# K: t& ]& b, A% T6 N

سوتسىيالىستىك تۈزۈم-جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈپ تۈزۈمى. جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگۇچەسوتسىيالىزىمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى. سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

& w' j3 K7 `" [, {$ E8 r3 O; ~ |4 y 9 J4 C; j9 u1 h9 B) a

2-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە بارلىق ھاكىمىيەت خەلققە مەنسۇپ.

8 o0 K4 a' S# g' v. a( Y( H" o/ x , i2 Q/ h" m1 G g

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى خەلقنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزىدىغان ئورگانلىرىدۇر.

( d; w( ^0 ~9 c) Z, Z# T D* r9 C* K6 n/ N$ u

خەلق دۆلەت ئىشلىرى، ئىقتىسادىي ئىشلار ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرى، ئىجتىمائىي ئىشلارنى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە تۈرلۈك يوللار ۋە شەكىللەر بىلەن باشقۇرىدۇ.

; w+ ~0 k: H( D) g- d' u& A 0 @) T# x. F* a* b# \" } c1 `

3-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئاپپاراتلىرى دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پرىنسىپىنى يولغا قويىدۇ.

0 }" f& r9 e) q2 f4 k/ i 5 V2 J, r: ?; j+ B/ }, O

 مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىمۇ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىمۇ دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، خەلق ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، خەلقنىڭ نازارىتىدە بولىدۇ.

/ u" V& ?+ ?/ j7 O# A0 }# a: ?6 a: ^ " s5 f+ z: }: l

دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگىنى، رېۋىزىيە ئورگىنى سوت ئورگىنى، تەپتىش ئورگىنى خەلق قۇرۇلتىيىدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ. ئۇنىڭ نازارىتىدە بولىدۇ.

: S# @! U+ `6 k8 I9 I) X2 V& W 6 N8 S7 x( D4 }

مەركەزدىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرى بىلەن جايلاردىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى مەركەزنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە جايلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئاكتىپلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش پرىنسىپى بويىچە ئايرىلىدۇ.

2 P: z u+ w( E$ X1 z 7 f1 }4 [; s: l+ I+ E5 M

4-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ھەممە مىللەت بابباراۋەر. دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك  ئىتتىپاقلىق ھەمكارلىق ئىناق مۇناسىۋىتىنى قوغدايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ. ھەر قانداق مىللەتنى كەمسىتىش ۋە ئېزىشنى مەنئى قىلىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك قىلىدىغان قىلمىشلارنى مەنئى قىلىدۇ.

" ^( C- @: Q9 T. A5 s / K% N! @1 B. s; M% r# q. @ n

دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.

& s3 w9 c% }4 ~& v7 k " B, e& J* {4 q+ O. T/ k7 \

ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلىدۇ، ئاپتونومىيە ئورگىنى تەسىس قىلىنىدۇ، ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزۈلىدۇ. مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايرىلماس قىسمىدۇر.

" ~% C7 a! ]" {3 h, Q ( N- r+ ^ Q, S+ X6 q7 f# P4 M

مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە، ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئىسلاھ قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە.

, r9 O1 x7 T# B! c 6 B3 p9 a2 B5 K9 I7 K1 ^

5-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدۇ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇلىدۇ. دۆلەت سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنىڭ بىرلىكى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلايدۇ. ھەر قانداق قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە يەرلىك نىزام ئاساسىي قانۇنغا زىت كەلسە بولمايدۇ.

4 l: H& q9 Y$ H' k # T5 \' H( c/ L8 a$ F+ X

بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە قوراللىق كۈچلەر، پارتىيىلەر ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى شەرت. ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنلارغا خىلاپ بارلىق قىلمىشلار سۈرۈشتۈرۈلۈشى شەرت.

+ K; v! x0 `: Y# i , _+ Z7 l$ B; j; F

ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىن ھالقىغان ئىمتىيازغا ئىگە بولۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

7 B4 p3 Y7 X- s7 O " b8 x" `4 ?' E/ B6 t

6-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي تۈزۈمنىڭ ئاساسى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك، يەنى ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكى بىلەن ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكىدۇر. سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە كىشىنى كىشى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان تۈزۈم يوقىتىلغان بولىدۇ، ھەر كىم قابىلىيىتىگە يارىشا ئىشلەش، ھەركىم ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ.

: I$ T2 W3 h" {: O* r7 b& K 0 Q: [* S1 N6 z' T7 C3 Y5 n# F

دۆلەت سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساس قىلىنغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى بىرلىكتە راۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرىدۇ، ئەمگەككە قاراپ تەقسىم قىلىش ئاساس قىلىنىدىغان، كۆپ خىل تەقسىمات شەكلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تەقسىمات تۈزۈمىدە چىڭ تۇرىدۇ.

/ D+ Q4 w4 n2 f3 q. w5 u" I8 V6 v+ T3 z o L. {, B

7-ماددا: دۆلەت ئىگىلىكى، يەنى سوتسىيالىستىك ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى ئىگىلىك-خەلق ئىگىلىكىدىكى يېتەكچى كۈچ. دۆلەت دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

4 _- K4 p7 \. K" Q' e8 C# j7 `9 Y d4 Y" i7 _6 x8 ^9 [" n3 g

8-ماددا: يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ئائىلە ھۆددىگەرلىكى ئاساس قىلىنغان، بىر تۇتاش باشقۇرۇش بىلەن تارقاق باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن قوش قاتلاملىق ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويىدۇ. يېزىلاردىكى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات-سودا، ئامانەت-قەرز، ئىستېمال قاتارلىق تۈرلۈك شەكىلدىكى ھەمكارلىق ئىگىلىكى ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ سوتسىيالىستىك كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكىدۇر. يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارغا قاتناشقان ئەمگەكچىلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە قالدۇرۇق يەر، قالدۇرۇق تاغنى باشقۇرۇش، ئائىلە قوشۇمچە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە قالدۇرۇق چارۋىلارنى بېقىشقا ھوقۇقلۇق.

, ?0 y' @7 d* ]2 C' C6 z: o- o " c( V) ?) E2 q

شەھەر-بازارلاردىكى قول سانائەت، سانائەت، بىناكارلىق، ترانسپورت، سودا، مۇلازىمەتچىلىك قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى ھەمكارلىق ئىگىلىكىنىڭ ھەممىسى ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ سوتسىيالىستىك كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكىدۇر.

! l& a' G! W& N7 y9 w ( n( a1 C. n5 B2 H* O9 V

دۆلەت شەھەر-يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، كوللېكتىپ ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىدۇ، يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ.

5 o3 h% _! d6 T ) e$ B: i* L+ Q6 q) H- Y$ s

9-ماددا: قېزىلما زاپىسى، سۇ، ئورمان، تاغ، يايلاق، بوز يەر، ساھىل قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلار دۆلەت ئىلكىدە، يەنى ئومۇمىي خەلق ئىلكىدە بولىدۇ؛ قانۇندا كوللېكتىپنىڭ ئىلكىدە بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئورمان ۋە تاغ، يايلاق، بوز يەر، ساھىل بۇنىڭغا كىرمەيدۇ.

9 T; N4 E+ V, z5 a" |: C- R6 n [" Q . _) C- m! z/ g) N& X

دۆلەت تەبىئىي بايلىقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، ئەتىۋارلىق ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغدايدۇ. ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ تەبىئىي بايلىقنى ھەر قانداق يول بىلەن ئىگىلىۋېلىشى ياكى بۇزۇشى مەنئى قىلىنىدۇ.

6 z/ @4 M7 R7 J6 g+ E( V8 h5 x% y. k

10-ماددا: شەھەردىكى يەر دۆلەت ئىلكىدە بولىدۇ. يېزىدىكى ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى يەرنىڭ قانۇندا دۆلەت ئىلكىدە بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلىرىدىن باشقىلىرى كوللېكتىپ ئىلكىدە بولىدۇ؛ ئۆيلۈك يەر ۋە قالدۇرۇق يەر، قالدۇرۇق تاغمۇ كوللېكتىپ ئىلكىدە بولىدۇ.

# a! I$ R( l# v& Q6 @ 3 \$ s+ M. J( r( R

دۆلەت جامائەت مەنپەئىتىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە يەرنى يىغىۋالسا ياكى ئېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ ھەمدە تۆلەم بېرىدۇ.

( k+ ^+ M9 M( ?* C 8 U" J0 X) ^$ X6 y6 ~

ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ يەرنى ئىگىلىۋېلىشىغا، ئېلىش-سېتىشىغا ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدۇ.

# M$ s4 l& v# h4 a7 z % ?- ?3 b6 j- ?4 t; K/ k- U& O

يەر ئىشلەتكۈچى بارلىق تەشكىلات ۋە شەخس يەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشى شەرت.

+ W" W& ?% j R0 p 0 I, ~5 i0 \9 \

11-ماددا: قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدىكى يەككە ئىگىلىك، خۇسۇسىي ئىگىلىك قاتارلىق ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر.

- t2 w1 T4 G( H5 ^. T2 j0 l% v7 U+ n6 d5 Q# l$ g# H1 D" `

دۆلەت يەككە ئىگىلىك، خۇسۇسىي ئىگىلىك قاتارلىق ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. دۆلەت ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ھەمدە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.

* s3 y; I6 u# X. }& p9 M : M1 u) r! K' a r# A8 y# h, s

12-ماددا: سوتسىيالىستىك جامائەت مال-مۈلكى مۇقەددەستۇر، ئۇنىڭغا چېقىلىشقا بولمايدۇ.

8 u3 s* n1 W1 K& @/ S- [ 8 E& Z& [& l8 @

دۆلەت سوتسىيالىستىك جامائەت مال-مۈلكىنى قوغدايدۇ. ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دۆلەت ۋە كوللېكتىپ مال-مۈلكىنى ھەر قانداق يول بىلەن ئىگىلىۋېلىشى ياكى بۇزۇشى مەنئى قىلىنىدۇ.

4 y- F3 d3 K$ Z) D% q% x 6 C W/ @# v" @) v2 O$ I8 p

13-ماددا: پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق خۇسۇسىي مال-مۈلكى دەخلىسىزدۇر.

, r) u) X# |, V) \, j z! Y7 r 1 N' W9 m/ p, P5 O+ |

دۆلەت پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى ۋە ۋارىسلىق ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە قوغدايدۇ.

1 A+ |( _8 Q8 A' q9 E# L& | ; ?* n( N8 C* f& R' O: ], D

دۆلەت جامائەت مەنپەئىتى ئېھتىياجى ئۈچۈن، پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي مۈلكىنى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە يىغىۋالسا ياكى ئېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ ھەمدە تۆلەم بېرىدۇ.

8 |8 \. t8 `6 l, q( y! ?' f2 q/ m3 \. a# m

14-ماددا: دۆلەت ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىلغار پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىقتىساد باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە كارخانا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك مەسئۇلىيەت تۈزۈملىرىنى يولغا قويۇش، ئەمگەك تەشكىلاتلىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ.

& v# O- ~0 I, h, d- W/ Y* C" N/ s ( ~$ _1 W1 d7 M2 [1 g

دۆلەت ئىقتىسادچىللىقنى قاتتىق يولغا قويىدۇ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرىدۇ.

# i' }6 S. o" Y3 L3 f, c0 s) g& z* i' k7 g

دۆلەت جۇغلانما بىلەن ئىستېمالنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ، دۆلەتنىڭ، كوللېكتىپنىڭ ۋە شەخسنىڭ مەنپەئىتىگە تەڭ ئېتىبار بېرىدۇ، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىدا، خەلقنىڭماددىي ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى پەيدىنپەي ياخشىلايدۇ.

, s, J0 ~ U& q1 x* h: M) f+ y* z " [# I6 i4 ^5 Z5 y& ]

دۆلەت ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

# Q, A. C4 Z2 v& Y- B 4 e& E) ?) Z1 _) V3 [9 N

15-ماددا: دۆلەت سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى يولغا قويىدۇ.

! w- _: k/ ?" o/ `* [0 e ' f2 p; P U. x

دۆلەت ئىقتىسادقا دائىر قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، ماكرولۇق تەڭشەشنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

$ P0 `# b' C1 y% D9 d ) J. o! o0 z$ _4 j2 e, ?- r

دۆلەت ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇشىنى قانۇن بويىچە مەنئى قىلىدۇ.

9 S. q: k7 T; c( l# b1 x: B8 x6 q$ o/ p

16-ماددا: دۆلەت كارخانىلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشكە ھوقۇقلۇق.

2 L% v- Y$ I: f. d5 o9 V% }4 e! T; s) @ _ X2 Z* `$ w' b

دۆلەت كارخانىلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا شەكىللەر ئارقىلىق دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.

9 w1 z2 J ?3 \. H% w( `! D 0 D& H6 u2 h% |% w8 T8 X

17-ماددا: كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ئالاقىدار قانۇنلارغا رىئايە قىلىش شەرتى بىلەن، ئۆز ئالدىغا ئىقتىساىي پائالىيەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

: o/ [# m5 i" L- W( n; i* M, j + Z7 J% c/ n0 f

كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە باشقۇرغۇچى خادىملارنى سايلايدۇ ۋە قالدۇرۇۋېتىدۇ، ئىگىلىك باشقۇرۇش جەھەتتىكى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەر ھەققىدە قارار چىقىرىدۇ.

# s _5 } f1 |8 o0 \ 4 @8 K0 A' ]4 y* @* f

18-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چەت ئەل كارخانىلىرى ۋە باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ياكى چەت ئەللىك شەخسلەرنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جۇڭگودا مەبلەغ سېلىشىغا، جۇڭگو كارخانىلىرى ياكى باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەر خىل شەكىلدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى يولغا قويۇشىغا رۇخسەت قىلىدۇ.

% X; v$ c8 m; L0 j7 P! \, B# J& | T0 D9 D* K, i& s

چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگو تەۋەسىدىكى كارخانىلىرى ۋە باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى، شۇنىڭدەك جۇڭگو، چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىشى شەرت. ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنى قوغدايدۇ.

7 w. B% H* r. {) S5 V) O ; F1 ^1 }$ a- y5 A. C' z9 j& J7 @

19-ماددا: دۆلەت سوتسىيالىستىك مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ پەن-مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىدۇ.

^3 B% v/ Q6 X' E6 ^/ [+ w& ~# @# M1 `" n1 g/ m8 `

دۆلەت ھەر خىل مەكتەپلەرنى ئېچىپ، باشلانغۇچ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، ئوتتۇرا مائارىپ، كەسپىي مائارىپ ۋە ئالىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرىدۇ ھەمدە ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپىنى راۋاجلاندۇرىدۇ.

" P! \. h! n; m f+ W7 T 7 k+ L* s* S' a* c9 T

دۆلەت مائارىپ ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتىپ، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىدۇ، ئىشچىلار، دېھقانلار، دۆلەت خادىملىرى ۋە باشقا ئەمگەكچىلەرنى سىياسىي، مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا ۋە كەسىپ جەھەتتىن تەربىيىلەيدۇ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ يېتىلىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

+ }9 c6 e S- s* e! X- ] 1 B9 I2 f3 `; R6 B

دۆلەت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، دۆلەتنىڭ كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مائارىپ ئىشلىرىنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

( ~: \- a ~) q' I4 W5 k' C, f6 [7 `1 X

دۆلەت مەملىكەت بويىچە قوللىنىدىغان پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرىدۇ.

2 a3 \8 ^+ ?9 D* i1 N1 p5 g % O+ T) l* |# D4 ?/ O& K

20-ماددا: دۆلەت تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، پەن ۋە تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، پەن تەتقىقات نەتىجىسى ۋە تېخنىكا ئىجادىيەت-كەشپىياتىنى مۇكاپاتلايدۇ.

5 N( d4 O+ D/ h, C+ Q Q" c* V) s# U. P

21-ماددا: دۆلەت داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنى، زامانىۋى تېبابەتچىلىك، دورىگەرلىك ئىشلىرىنى ۋە ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك، دورىگەرلىك ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ، دۆلەتنىڭ كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە كوچا تەشكىلاتلىرىنىڭ داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، ئاممىۋى تازىلىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسرايدۇ.

- g/ ^. t, C9 o5 N 8 @: v2 t) ~# X2 z

دۆلەت تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، خەلقنىڭ جىسمانىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.

: R+ F3 K# ~* Y: |, Q + ]* k# G1 s: s- |/ _* C

22-ماددا: دۆلەت خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنى، ئاخبارات، رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنى، نەشرىياتچىلىق، تارقىتىش ئىشلىرىنى، كۇتۇپخانا، مۇزېي، مەدەنىيەت يۇرتى ۋە باشقا مەدەنىيەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ.

) n0 B ^# D5 I- `& j4 y9 n9 }, y. c6 D M" b2 W6 D* e0 e

دۆلەت ئاسارئەتىقىلەرنى، قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ۋە باشقا مۇھىم تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغدايدۇ.

- J% m% b6 e. h, z3 A 2 l/ r% K; `* h c; f, @. _/ D- B

23-ماددا: دۆلەت سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىختىساسلىق كەسپىي خادىملارنى يېتىشتۈرۈپ، زىيالىيلار قوشۇنىنى كېڭەيتىدۇ، ئۇلارغا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا رولىنى تولۇق جارى قىلىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

5 F* n2 Y5 m5 a" C+ D 8 q) `+ v7 [3 R5 I1 u+ |

24-ماددا: دۆلەت غايە تەربىيىسى، ئەخلاق تەربىيىسى، مەدەنىيەت تەربىيىسى، ئىنتىزام ۋە قانۇنچىلىق تەربىيىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق، شەھەر-يېزىلاردا ئوخشاش بولمىغان دائىرىدىكى ئامما ئارىسىدا ھەر خىل قائىدە، ئەھدىنامىلەرنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.

9 B* u, e( F# B/ J6 @ 9 U7 `' Q/ m4 o2 }0 A

دۆلەت سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تەشەببۇس قىلىش، ۋەتەننى، خەلقنى، ئەمگەكنى، پەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيىدىغان ئىجتىمائىي ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىدۇ، خەلققە ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، ئىنتېرناتسىئونالىزم، كوممۇنىزم، دىئالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزم تەربىيىسى بېرىدۇ، كاپىتالىستىك، فېئودال چىرىك ئىدىيىگە ۋە باشقا چىرىك ئىدىيىلەرگە قارشى تۇرىدۇ.

. m" X0 Z' T2 A+ v- G# A; L1 c: s

25-ماددا: دۆلەت پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇپ، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا ئۇيغۇنلاشتۇرىدۇ.

5 H& k# W @$ t9 m& E) l ) c: j' W% l3 b! h0 Q8 P

26-ماددا: دۆلەت تۇرمۇش مۇھىتىنى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسرايدۇ ۋە ياخشىلايدۇ، بۇلغىنىشنىڭ ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە ئۇلارنى تىزگىنلەيدۇ.

) `$ R7 C4 d2 {9 ]) H $ w( ]3 F: t+ ]* g

دۆلەت كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ ۋە ئىلھام بېرىدۇ، دەل-دەرەخنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ.

6 g# w2 O+ I" i* |2 z8 u/ a- N + `8 E* v0 K$ g/ J- J

27-ماددا: بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ئىخچام بولۇش پىرىنسىپىنى يولغا قويىدۇ، خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، خادىملارنى تەربىيىلەش ۋە سىناش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، خىزمەت سۈپىتىنى ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ، بيۇروكراتلىققا قارشى تۇرىدۇ.

: S* n( u3 z% Y3 s. k0 A& J9 N8 J # f _; p5 t- }$ E$ l/ m5 W; v& D

بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت خادىملىرى خەلقنىڭ قوللىشىغا تايىنىشى، خەلق بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ تۇرۇشى، خەلقنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىگە قۇلاق سېلىشى، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىشى شەرت.

" v1 w% V3 E+ y4 \3 l2 G: s# d: |5 M8 g. ?, o

دۆلەت خادىملىرى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىشى كېرەك.

8 o7 Z2 P+ O. m" N8 i# ?& V# R6 @; W- C' P1 }

28-ماددا: دۆلەت جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلايدۇ، ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىدىغان ۋە دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا جىنايى ھەرىكەتلەرنى باستۇرىدۇ، جەمئىيەت ئامانلىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان جىنايى ھەرىكەتلەر ۋە باشقا جىنايى ھەرىكەتلەرنى جازالايدۇ، جىنايەتچىلەرنى جازالايدۇ ھەم ئۆزگەرتىدۇ.

% A- S3 R3 S3 b; V / Z% m/ J! i6 G+ g f8 ?5 ~5 a

29-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى خەلققە مەنسۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، تاجاۋۇزچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، ۋەتەننى قوغداش، خەلقنىڭ تىنچ ئەمگىكىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىش، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىش.

) r* Y3 g1 [5 s) T! `5 e0 P2 r& V! {( Y* D' I$ z

دۆلەت قوراللىق كۈچلەرنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئە كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

! }( R; e) o2 i, q 4 d$ u9 i7 f& \( j' r

30- ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە مەمۇرىي رايونلار مۇنداق ئايرىلىدۇ:

' d( u$ X# D8 E' B6 q+ J2 G2 R ) `2 k3 l# _# I% g* s( H- j; C9 I2 V

(1) پۈتۈن مەملىكەت ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە ئايرىلىدۇ؛

' k6 [1 g3 {% E4 z& J 7 c! J* J! l* T0 b' J) f' o

(2) ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلار ئاپتونوم ئوبلاست، ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، شەھەرلەرگە ئايرىلىدۇ؛

1 Z/ j; G$ o5 ?( {8 { # c3 p& G& N1 K- ~+ A2 w1 Y

(3) ناھىيە ۋە ئاپتونوم ناھىيىلەر يېزا، مىللىي يېزا، بازارلارغا ئايرىلىدۇ.

t9 q8 X! c& i. B' f7 `; y7 x" J7 k& K: p; v8 e# q7 W

بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە چوڭراق شەھەرلەر رايون، ناھىيىلەرگە ئايرىلىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاستلار ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، شەھەرلەرگە ئايرىلىدۇ.

. o9 y [9 D5 N7 o% F + I) w% }9 g' E/ Y M

ئاپتونوم رايونلار، ئاپتونوم ئوبلاستلار، ئاپتونوم ناھىيىلەر مىللىي ئاپتونوم جايلاردۇر.

( P8 c4 Y! A. ]4 ^9 y5 ^: @5 | 2 @2 Q7 I" A: z9 \% K. l! ~

31-ماددا: دۆلەت زۆرۈر تېپىلغاندا ئالاھىدە مەمۇرىي رايون تەسىس قىلىدۇ. ئالاھىدە مەمۇرىي رايوندا يولغا قويۇلىدىغان تۈزۈمنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ قانۇندا بەلگىلەيدۇ.

7 u3 k! n: }4 G+ T, V' w+ [' L ! q' ^* Y* ?. L+ H4 N

32-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جۇڭگو تەۋەسىدىكى چەت ئەللىكلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، جۇڭگو تەۋەسىدىكى چەت ئەللىكلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىشى شەرت.

. U- F* H. d( o: t% N9 `8 N 7 W6 V( w8 Z; D n

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سىياسىي سەۋەب بىلەن پاناھ تىلىگەن چەت ئەللىكلەرگە پاناھلىنىش ھوقۇقى بەرسە بولىدۇ.

# D; E( ?3 r- q 6 `3 s0 t) n* Y

2-باب: پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى

- ~; E7 o+ f$ s' W# d- y & r0 N% D6 u" P& r2 m7 L2 z

33-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغانلىكى كىشى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسىدۇر.

9 [; Y& y0 G2 i$ O- _& F# p" [ 2 _( ]; W5 Q3 p* b1 \0 l

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى قانۇن ئالدىدا بابباراۋەر.

' I- X" s0 s0 C" c2 ^+ C , o1 R6 v k5 @+ c2 V# F

دۆلەت كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

7 [4 q9 j: f6 Y: a4 J 1 }( C. E" ]. B" A; L

ھەرقانداق پۇقرا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى شەرت.

% X4 d6 Q7 `& y' c8 ^' @' K1 D1 Z; C% n6 K# A

34-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېشى 18 گە تولغان پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى مىللىتى، ئىرقى، جىنسى، كەسپى، ئائىلە كېلىپ چىقىشى، دىنىي ئېتىقادى، بىلىم دەرىجىسى، مال-مۈلۈك ئەھۋالى ۋە ئولتۇراقلىشىش ۋاقتىغا قارىماي، سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە؛ لېكىن قانۇن بويىچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلار بۇنىڭ سىرتىدا.

+ ^: `4 z- S9 \8 ?2 Y( S1 Y/ r4 @" H# m1 ?8 A7 D% L4 v5 Y- t. C1 f5 o

35-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى سۆز، مەتبۇئات، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ئەركىنلىكىگە ئىگە.

5 ]( p9 e/ n# r & R2 \3 o# D* R! g+ x

36-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە.

% Y( g( j' V+ N. |) p4 Q# e3 H" Q3 C. f$ G

ھەر قانداق دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى ئېتىقاد قىلماسلىققا زورلىشىغا، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىمۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنىمۇ كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

3 C9 N) [' r! ?. E p7 C/ }' _3 S+ m. T% \: G" @6 X

دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتنى قوغدايدۇ. ھەر قانداق كىشىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان، پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە دەخلى قىلىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا يول قويمايدۇ.

1 E, Q' G4 l! d: y8 ^5 K- F. F) C+ e3 n: R" M

دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي ئىشلار چەت ئەل كۈچلىرىگە بېقىنمايدۇ.

- y) A. ` @' d$ ?. g4 }0 @% k$ ` o6 B) c2 w; L8 [! Z

37-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە چېقىلىشقا بولمايدۇ.

8 F- a' f% p$ ] # g- g3 p: a$ q) Q

ھەر قانداق پۇقرا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى ياكى قارارىسىز ۋە ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىسىز ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئىجراسىسىز قولغا ئېلىنمايدۇ.

! n( H }% [* L( q ; @' a' D! f8 P' {, L4 N% n% i, s

پۇقرالارنى قانۇنسىز سولاش ۋە باشقا قانۇنسىز يوللار بىلەن جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش مەنئى قىلىنىدۇ، پۇقرالارنىڭ يېنىنى قانۇنسىز ئاختۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

/ V: | m% Y X, q5 z 1 K# A8 d, O* @ i

38-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ ئىنسانىي ئىززىتىگە چېقىلىشقا بولمايدۇ. پۇقرالارغا ھەر قانداق يول بىلەن ھاقارەت كەلتۈرۈش، تۆھمەت قىلىش ۋە قارا چاپلاش زىيانكەشلىك قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

1 ~3 h4 ?6 S+ J6 V( `9 G5 C3 b 8 a, M) T h3 Q( Z5 T3 J9 j, R# R7 R

39-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ تۇرالغۇسىغا چېقىلىشقا بولمايدۇ. پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇسىنى قانۇنسىز ئاختۇرۇش ياكى ئۇلارنىڭ تۇرالغۇسىغا قانۇنسىز باستۇرۇپ كىرىش مەنئى قىلىنىدۇ.

* `5 H# x; c! Q( Q+ i5 ?* r 3 f+ `' v1 M: s2 e1 e9 ^7 x

40-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكى ۋە خەۋەرلىشىش مەخپىيىتىنى قانۇن قوغدايدۇ. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېھتىياجى ياكى جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى تەپتىش ئورگىنى خەۋەرلىشىش مەزمۇنىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەكشۈرگەندىن باشقا، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ پۇقرالارنىڭ خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكى ۋە خەۋەرلىشىش مەخپىيىتىگە ھەر قانداق باھانە-سەۋەب بىلەن چېقىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

^$ j2 j6 M/ t" d! g 0 @, N2 C i+ T9 v

41-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى ھەر قانداق دۆلەت ئورگىنى ۋە دۆلەت خادىمىغا تەنقىد ۋە تەكلىپ بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە؛ ھەر قانداق دۆلەت ئورگىنى ۋە دۆلەت خادىمىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق قىلمىشىنى مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرىغا ئەرز قىلىش، شىكايەت قىلىش ياكى پاش قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، لېكىن پاكىت ئويدۇرۇش ياكى پاكىتنى بۇرمىلاپ، قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

. b8 i- D- j) T: W6 Q' G* T7 W" r, b0 r5 ]4 w1 k

مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرى پۇقرالار ئەرز قىلغان، شىكايەت قىلغان ياكى پاش قىلغان ئىشلارنى ئېنىقلاپ، بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولۇشى شەرت. ھەر قانداق كىشىنىڭ باستۇرۇپ قويۇشىغا ۋە ئۆچ ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

) [; g4 i6 i6 b0 r5 x ; n; u2 T1 Q8 R, b

پۇقرالىق ھوقۇقى دۆلەت ئورگىنى ۋە دۆلەت خادىملىرىنىڭ چېقىلىشى بىلەن زىيانغا ئۇچرىغانلار قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆلەم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

" g7 A: z3 @. v3 j. L ) [8 W' t4 F+ T, m2 l! G

42-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ ئەمگەك ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار.

* s" f$ v6 Y8 v$ a4 i4 P9 { ! `3 o4 D f' D" I

دۆلەت تۈرلۈك يوللار بىلەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش شارائىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ، ئەمگەك مۇھاپىزىتىنى كۈچەيتىدۇ، ئەمگەك شارائىتىنى ياخشىلايدۇ ھەمدە ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىدا، ئەمگەك ھەققى ۋە پاراۋانلىق تەمىناتىنى ئۆستۈرىدۇ.

z0 U9 |; n6 `& j7 O8 u% w $ \" l! m, D: i! ?" v9 T

ئەمگەك قىلىش ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە ھەممە پۇقرانىڭ شەرەپلىك بۇرچى. دۆلەت كارخانىلىرىدا ئىشلەيدىغان ئەمگەكچىلەرمۇ، شەھەر-يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلاردا ئىشلەيدىغان ئەمگەكچىلەرمۇ ئۆز ئەمگىكىگە دۆلەتنىڭ خوجايىنى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشى لازىم. دۆلەت سوتسىيالىستىك ئەمگەك مۇسابىقىسىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ. دۆلەت پۇقرالارنىڭ خالىس ئەمگەككە قاتنىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

( Y- K. W& V1 c2 J: J+ Z' f9 [ } ; Z! ^* N! Q/ G/ }/ g: k/ Z

دۆلەت ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان پۇقرالارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە مۇۋاپىق تەربىيىلەيدۇ.

7 M" H. s4 S/ {$ `* O3 ~9 L, N @! Z/ I4 Q

43-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەكچىلىرى دەم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

9 X$ {% g- X$ g: a6 @( u. f" e, Z) v* h, \9 b6 S/ C2 g6 T" Z

دۆلەت ئەمگەكچىلەر دەم ئالىدىغان ۋە كۈتۈنىدىغان ئەسلىھەلەرنى كۆپەيتىدۇ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ۋاقتىنى ۋە دەم ئېلىش تۈزۈمىنى بەلگىلەيدۇ.

% ?4 j/ B+ I& [8 |6 @ e, {& L ) c! ~! T7 }. a+ P6 v3 N

44-ماددا: دۆلەت قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنى پېنسىيىگە چىقىرىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ تۇرمۇشىنى دۆلەت ۋە جەمئىيەت كاپالەتلەندۈرىدۇ.

3 x9 h3 f& ]4 s. }( t ( C$ ^3 B! Q, ~% @( d+ S$ _: ~

45-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى ياشانغاندا، كېسەل بولغاندا ياكى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغاندا، دۆلەت ۋە جەمئىيەتتىن ماددىي ياردەم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە. دۆلەت پۇقرالارنىڭ بۇ ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ.

0 m7 [6 x+ U4 y, ^; T4 f/ `8 w! G# ~

دۆلەت ۋە جەمئىيەت مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، قۇربان بولغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە نەپىقە بېرىدۇ، ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىدۇ.

: z& f2 Z F( K! C1 `! i # |7 K1 a' E, f4 o$ ^/ {3 y

دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئەما، گاس، گاچا ۋە باشقا مېيىپ پۇقرالارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، تۇرمۇشىنى سەرەمجانلاشتۇرۇشىغا ۋە بىلىم ئېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

& Z) |! i, d. C, i7 E) R0 J+ C$ A3 i9 P- u7 v# X& C

46-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ بىلىم ئېلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار.

0 `% \- \* `! V( d 6 h# R& `+ l, c

دۆلەت ياشلار-ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارنى تەربىيىلەپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلدۈرىدۇ.

* `- s4 N- `& N# f& ]1 } ( _3 |* }# D. T! i$ \

47-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى پەن تەتقىقاتى، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە باشقا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئەركىنلىكىگە ئىگە. دۆلەت مائارىپ، پەن-تېخنىكا، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە باشقا مەدەنىيەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچى پۇقرالارنىڭ خەلققە پايدىلىق ئىجادىي خىزمىتىگە ئىلھام ۋە ياردەم بېرىدۇ.

- ^$ E7 h! {& u$ y/ w) ]; Z. A . C7 J, J* P% k" K& x8 A1 q

48-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاياللىرى سىياسىي تۇرمۇش، ئىقتىسادىي تۇرمۇش، مەدەنىيەت تۇرمۇشى، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئائىلە تۇرمۇشىدا ئەرلەر بىلەن تەڭ ھوقۇققا ئىگە.

- ^! R% x# ~& R% e/ K 0 F) N! N* f( p' _# d, B

دۆلەت ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئوخشاش ئىشىغا ئوخشاش ھەق بېرىدۇ، ئايال كادىرلارنى يېتىشتۈرىدۇ ۋە تاللاپ ئۆستۈرىدۇ

( l- f) Y& [+ y # E2 b, r J' K

49-ماددا: تويلىشىش، ئائىلە، ئانا ۋە بالىنى دۆلەت قوغدايدۇ.

& ^% W6 @/ f; ?/ H' C5 p$ ~1 q8 I $ K7 s9 Q% c$ C$ O6 m! b: c0 T

ئەر بىلەن خوتۇننىڭ پىلانلىق پەرزەنت كۆرۈش مەجبۇرىيىتى بار. ئاتا-ئانىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلىرىنى بېقىش ۋە تەربىيىلەش مەجبۇرىيىتى بار، قۇرامىغا يەتكەن بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى بېقىش ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار.

- D4 Z2 N0 ]6 E) R9 c" C$ b4 z$ z1 I1 M3 H

تويلىشىش ئەركىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ، ياشانغانلار، ئاياللار ۋە بالىلارنى خارلاش مەنئى قىلىنىدۇ.

0 @: r$ J6 k! h0 ~ 0 T4 |4 c$ z, I* Y# ^, U# n! @( U7 n

50-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جۇڭگو چىياۋمىنلىرىنىڭ ھەققانىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، ۋەتەنگە قايتقان چىياۋمىنلارنىڭ ۋە چىياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق ۋە مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

, z0 Z2 X9 ]2 ~/ r8 }7 h / q! S2 r2 C8 Y8 H& [2 ?- Z

51-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى ئەركىنلىك ۋە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولغاندا، دۆلەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭ، كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتىگە ۋە باشقا پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ئەركىنلىكىگە ۋە ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ.

8 z( Q5 f7 v: X8 x& @% G6 V! E 5 _1 Q0 b' b0 B8 s, V* e$ Q/ b; [

52-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.

1 O" y5 ~1 v$ Z, ~% ` ! ~+ _5 T( O& V6 u

53-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى، دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلىشى، جامائەت مال-مۈلكىنى ئاسرىشى، ئەمگەك ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىشى، جامائەت تەرتىپىگە رىئايە قىلىشى، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىشى شەرت.

+ }+ b. ]! }& N5 I " N/ S9 D. r6 E. Z- @3 X" P

54-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ ۋەتەننىڭ خەۋپسىزلىكى، شان-شۆھرىتى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار، ئۇلارنىڭ ۋەتەننىڭ خەۋپسىزلىكى، شان-شۆھرىتى ۋە مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

' k" u" D5 B$ w! k( ^9 C& W/ I4 p0 k) n M# A7 r& c

55-ماددا: ۋەتەننى قوغداش، تاجاۋۇزچىلىققا تاقابىل تۇرۇش جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەر بىر پۇقراسىنىڭ مۇقەددەس بۇرچىدۇر.

) j5 h8 S, r2 H6 n# U. z5 {+ U : ?2 a. O9 @7 J' p1 n

قانۇن بويىچە ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ۋە خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتىغا قاتنىشىش جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ شەرەپلىك مەجبۇرىيىتىدۇر.

* F- S0 |8 H" q1 X . @7 B" V: x/ W' p Y. ?% u, ^+ i

56-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار.

4 o) f0 c& j# `+ V * k* o9 r1 e p3 k2 J4 F9 v

3-باب: دۆلەت ئاپپاراتلىرى

2 W7 d V! g; N# ]* L8 \& d & O# d; p+ t0 O9 ]0 S! {* U5 K2 r

1-پاراگراف: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى

' ?9 g+ F# X) R/ L, E3 D6 s; A P1 |

57-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنىدۇر.

* s5 J/ h# f/ h, o" \6 J% P 4 R$ q9 j5 q3 H0 H" O$ w

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئۇنىڭ دائىمىي ئورگىنىدۇر.

! U- H% U0 f* P4 ? ) W8 E, `5 t8 k4 \

58-ماددا: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.

A0 E4 @( @; x# | ; ~; S3 v1 m+ [8 R

59-ماددا: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلار ۋە ئارمىيە سايلىغان ۋەكىللەردىن تەركىپ تاپىدۇ. ئۇنىڭدا ھەممە ئاز سانلىق مىللەتنىڭ مۇۋاپىق ساندا ۋەكىلى بولۇشى كېرەك.

$ i. P5 @7 z9 l0 s / U9 n' U1 n+ ?

خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاشقا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

4 C% g( L: Q& G ) S( N. q1 Y/ s6 B* B: q% _1 B

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋە ئۇلارنى سايلاش چارىسى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.

7 y* m" h8 b0 o( p0 Z# q( `: b 3 ^9 c8 O/ E5 B( a: c

60-ماددا: ھەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى 5 يىل بولىدۇ.

* O! K) [. ^1 y( q; V ( ^5 g$ y, ?# e9 u$ E+ u

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى توشۇشتىن 2 ئاي ئىلگىرى، كېلەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاپ بولۇشى شەرت. سايلام ئۆتكۈزگىلى بولمايدىغان پەۋقۇلئاددە ئەھۋال بولۇپ قالسا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، سايلامنى كېچىكتۈرۈپ، شۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋاكالەت مۇددىتىنى ئۇزارتسا بولىدۇ. پەۋقۇلئاددە ئەھۋال ئاياغلىشىپ بىر يىل ئىچىدە كېلەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاپ بولۇش شەرت.

# P8 Q5 A+ Y! j) R* N7 s9 r# {, b$ ~$ M- l1 n4 l5 Y

61-ماددا: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ، يىغىننى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى چاقىرىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى زۆرۈر تاپسا ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى تەكلىپ بەرسە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى قەرەلسىز چاقىرىلسا بولىدۇ.

, B: T- v+ R2 f! j * l3 _' W; q) k4 F& J

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىن ئاچىدىغان چاغدا، يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان ھەيئەت رىياسىتىنى سايلايدۇ.

" U% a3 u( `2 D8 g6 ]) Q + G. }5 G' @# W }9 L1 |. w# ^

62-ماددا: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:

3 A8 h1 D. T5 H) P% @" j % g( z- J$ l ~) k

(1) ئاساسىي قانۇننى تۈزىتىش؛

. S$ L8 J/ i/ u9 a : _9 k6 Q+ `& f7 n d: |0 ^ d3 t

(2) ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىش؛

2 ^# n; R' |. b2 l; ^& q+ v( c L5 K 5 f( ?& z: K" ^ J, Z- |1 _# }

(3) جىنايى ئىشلار، ھەق تەلەپ ئىشلىرى، دۆلەت ئاپپاراتى ۋە باشقا ئىشلارغا دائىر تۈپ قانۇنلارنى چىقىرىش ۋە تۈزىتىش؛

2 n9 u' S6 Q* a+ F7 M! n- h, P, } 4 J1 w1 j! b# V9 Z) {- \: b& w8 C) F

(4) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسىنى سايلاش؛

, R$ _2 i2 X! c' T6 {- u 1 P0 }3 m2 J5 p( _& j

(5) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىنىڭ نامزاتىنى بېكىتىش؛ گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، مىنىستىرلار، كومىتېت مۇدىرلىرى، باش مۇپەتتىش ۋە باش كاتىپ نامزاتىنى بېكىتىش؛

9 E5 W5 A+ @ w8 B1 W/ S* g& [5 ~# _

(6) مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسىنى سايلاش؛ مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رەئىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەركىبىدىكى باشقا خادىملار نامزاتىنى بېكىتىش؛

" Q* D' S2 W% h; ]' q/ H ) T/ @) o Z& i' O B; B" V

(7) دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرىنى سايلاش؛

i1 U, S1 g' M4 ^; S9 V 9 W$ k$ H3 z, |# [8 Z8 [: G

(8) ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى سايلاش؛

" K& k; B( X7 A6 b# Y5 u " [2 U# e0 G1 g2 k

(9) ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى سايلاش؛

+ x9 o$ ?7 T( M: D2 L - g3 ?( s- _8 Z

(10) خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى، پىلاننىڭ ئىجراسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش؛

7 W% u! U x' I0 u ! p1 v8 ^/ \2 h2 ]) Q

(11) دۆلەت خام چوتى ۋە خام چوتنىڭ ئىجراسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش؛

+ d) [4 `8 V% X 2 M" [8 P; N2 D9 K. D5 |, }3 |, m

(12) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نامۇۋاپىق قارارلىرىنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىش؛

( X9 u( M+ x9 D8 n& ` ) m7 g+ t3 Q& B& S& ` P5 T( q

(13) ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى تەستىقلاش؛

' f" q' Z& {0 Z& W2 F. Y6 U9 _ 3 i+ q9 T; u1 k5 }. f$ a6 `

(14) ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە تۈزۈمى توغرىسىدا قارار چىقىرىش؛

6 p" v/ j8 y r9 ^) N4 V! u0 y. [8 n, I Z% v

(15) ئۇرۇش ۋە تىنچلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىش؛

# y8 j6 y2 G4 }: ]) G" E - L( ~. v1 }" Q0 J7 R

(16) دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى يۈرگۈزىدىغان باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرى.

* f; }# V' ^0 |$ l/ v; O2 U4 L3 k& K3 s+ z0 @

63-ماددا: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۆۋەندىكى خادىملارنى قالدۇرۇۋېتىشكە ھوقۇقلۇق:

5 @" h* I% z# H & G, e' a) T% g/ r- f* Y. r7 `% X

(1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى؛

7 w/ [% O2 y8 c$ L 7 ^" m2 i9 X% ]

(2) گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، مىنىستىرلار، كومىتېت مۇدىرلىرى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپ؛

3 y! F1 I0 ^% x. n+ V! p ' M* v3 A1 A+ w& z1 \

(3) مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەركىبىدىكى باشقا خادىملار؛

$ H3 f1 @/ ~$ Y0 h, X, R$ F; f l 4 `3 E# ~, m2 U& u+ ~1 J+ D2 ]; Q

(4) دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى؛

7 G+ o. j' f- ^' Z( ]# F: \ j. R/ D : i. B% T1 I) h; o

(5) ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى؛

2 C; i6 I3 q2 N% ]) @) B6 E1 _8 f M% l! L; U; q( Z5 b( ~6 d/ `' ^

(6) ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى.

; E, m# z/ L2 {! a3 w8 S, s 8 \, O% F$ H% F# f' X

64-ماددا: ئاساسىي قانۇنغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەكلىپى ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ تەكلىپى ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ ماقۇللىشى بىلەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ.

* P& W% d+ H1 p6 A/ F 4 V4 v4 ~! p$ ]! Y2 E

قانۇن تەكلىپى ۋە باشقا تەكلىپلەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىنىدۇ.

( X! V' R1 }, U$ Y $ M9 _" _( u" j/ ~2 @, c; j

65-ماددا: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تۆۋەندىكى خادىملاردىن تەركىپ تاپىدۇ:

) ^) T) q% V. @! H: d. k9 I T - c0 x# P0 |% e5 i

كومىتېت باشلىقى، مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى، باش كاتىپ، كومىتېت ئەزالىرى.

* Q! j" r. a; H( y / w- O; I+ G+ b% n! @! w

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر ئىچىدە مۇۋاپىق ساندا ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىلى بولۇشى كېرەك.

+ B: d4 R% B! f: o- M+ Y. i9 F! b G7 t( T- g1 S

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكىلەرنى سايلايدۇ ۋە قالدۇرۇۋېتىشكە ھوقۇقلۇق.

% _/ x1 a9 V# }0 @, F( e ' e4 [' i2 l+ S0 ~& Z0 M* B" p) L

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگىنى، رېۋزىيە ئورگىنى، سوت ئورگىنى ۋە تەپتىش ئورگىنىدا ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ.

1 P4 M P0 a+ _7 o2 ?- V* M7 q1 M/ v- E" G: I$ ]2 |# T$ _6 l

66-ماددا: ھەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى ھەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، ئۇ خىزمەت ھوقۇقىنى كېلەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېڭى دائىمىي كومىتېتىنى سايلىغۇچە يۈرگۈزىدۇ.

" @& \+ V4 f9 n/ X/ w6 n : L0 \8 X; Q; s( R

كومىتېت باشلىقى ۋە مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى ئۇدا ئىككى نۆۋەتتىن ئارتۇق ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ.

4 E( D" l& Z+ j1 b! u 9 |4 z" d, q* Y! I4 c

67-ماددا: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:

: B! A+ A* W+ j2 M # \6 y% R* R3 e$ Q+ m

(1) ئاساسىي قانۇننى ئىزاھلاش، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىش؛

6 b, I7 a8 h- ]4 b1 h, D! p# F& M. {! a3 `' t

(2) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى چىقىرىدىغان قانۇنلاردىن باشقا قانۇنلارنى چىقىرىش ۋە تۈزىتىش؛

9 {. q' P8 X# V+ d1 `1 J$ }1 I* s8 r) i

(3) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى چىقارغان قانۇنلارنى قىسمەن تولۇقلاش ۋە تۈزىتىش، لېكىن شۇ قانۇنلارنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىغا زىت بولماسلىق؛

; [- k% ]+ H4 Y/ z 5 x1 r" s/ ?2 |# T, T0 i/ n" z

(4) قانۇننى ئىزاھلاش؛

3 N; [) g: `" i1 f; D8 m/ B- Q9 b! t2 z1 R4 X% j- m1 E8 ]7 o

(5) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلىدە، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ۋە دۆلەت خام چوتىنىڭ ئىجراسى جەريانىدىكى زۆرۈر قىسمەن تەڭشەش لايىھىسىنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش؛

/ l; J( B( x+ M 4 U$ {. @8 N+ n' F4 ~$ a O2 ?

(6) گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىش؛

/ H, s) p' D' `2 X4 C6 Q# k7 i # Z2 [; F3 _3 y A2 e) l

(7) گوۋۇيۈەننىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارغا زىت كېلىدىغان مەمۇرىي نىزام، قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى بىكار قىلىش؛

$ U; {! p& O( v6 v- e6 h 4 T9 l' ?. `) y4 r

(8) ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا زىت كېلىدىغان يەرلىك نىزام ۋە قارارلىرىنى بىكار قىلىش؛

. D; h( \# g" x/ h9 p 9 K+ V ?8 ~' w6 f

(9) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلىدە، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، مىنىستىرلار، كومىتېت مۇدىرلىرى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپ نامزاتنى بېكىتىش؛

% Z( t0 s' y2 {4 ^ 7 {2 U6 ]0 H% k# j% Q

(10) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلىدە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رەئىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەركىبىدىكى باشقا خادىملار نامزاتىنى بېكىتىش؛

% A- G, `6 a' _2 v5 V3 o+ H3 w( P

(11) دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېت مۇدىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ھەيەتلىرىنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش؛

* X9 [ [6 x7 [9 s u4 ^ ~7 f) M3 r8 c' ^: P' w& i/ B

(12) ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوتچىلىرى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھەربىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش؛

q7 g2 q' T$ O, ] " u4 m# s" j2 p; H0 U

(13) ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش ھەمدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشلىرىنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇشنى تەستىقلاش؛

9 Z* p* K% y& x- q# Z" Z' m 2 r6 r# d/ f0 A5 z* A

(14) چەت ئەلدە تۇرىدىغان تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللەرنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇشنى بېكىتىش؛

& o0 e7 [0 X9 |( d9 Y% W3 M* y% k' B! x# }

(15) چەت ئەل بىلەن تۈزگەن شەرتنامە ۋە مۇھىم كېلىشىمنى تەستىقلاش ۋە بىكار قىلىشنى قارار قىلىش؛

- e0 q, Q- c+ R1 J% m 1 j$ {8 z( z: g, I/ B

(16) ھەربىيلەر ۋە دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى ۋە باشقا مەخسۇس ئۇنۋان تۈزۈملىرىنى بەلگىلەش؛

' A- e E) S: K9 {' C ; Z; L/ ~0 e7 T# z/ c' C# q& i

(17) دۆلەتنىڭ ئوردېن ۋە پەخرىي نامىنى بەلگىلەش ۋە ئۇنى بېرىشنى قارار قىلىش؛

- j9 e8 U1 g$ I' [ F 3 x8 {- ]" L+ G! d+ q+ I

(18) ئالاھىدە كەچۈرۈم قارارى چىقىرىش؛

. S& U* E' o9 x2 d! m : p) H6 _3 I5 p* S$ c& T( `5 Z

(19) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، دۆلەت قوراللىق تاجاۋۇزغا ئۇچراپ قالسا ياكى تاجاۋۇزدىن ئورتاق مۇداپىئەلىنىش توغرىسىدىكى خەلقئارا شەرتنامىلەرنى ئىجرا قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلسا، ئۇرۇش ھالىتى ئېلان قىلىش توغرىسىدا قارار چىقىرىش؛

0 R& H; m: V; W# w. A$ `) Z3 B* G- Q# `

(20) مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي سەپەرۋەر قىلىش ياكى قىسمەن سەپەرۋەر قىلىشنى قارار قىلىش؛

$ v' d/ z$ U6 W. @1 m! O3 k' a 9 D2 x4 W- @* p4 T7 P

(21) مەملىكەت بويىچە ياكى ئايرىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ جىددىي ھالەتتە تۇرۇشى توغرىسىدا قارار چىقىرىش؛

' L$ t$ y2 g' {# Q% ~0 o% K% u" h: W+ l4 l W% }9 k

(22) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بەرگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقى.

6 N) d; a" N2 \& n' W b- G 6 }- L" I4 Z1 r( C7 I) h3 d8 E6 r

68-ماددا: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى چاقىرىدۇ. مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى، باش كاتىپ كومىتېت باشلىقىنىڭ خىزمىتىگە ياردەملىشىدۇ.

0 ]* D% J0 \0 }6 S( f4 p . A M: }. p; j" ?% E

كومىتېت باشلىقى، مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى ۋە باش كاتىپتىن تەركىپ تاپقان كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۈندىلىك مۇھىم خىزمەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

. x" p5 W6 m1 C* [. I8 Y( T # ^3 W2 M/ c* {" o# D1 E

69-ماددا: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ.

1 m9 ?, f+ Y, u1 X- w + Z& ?' f# D3 u9 T6 l# p3 }( x0 d

70-ماددا: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى، مالىيە ئىقتىساد كومىتېتى، مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، جۇڭگو چىياۋمىنلىرى كومىتېتىنى ۋە زۆرۈر بولغان باشقا مەخسۇس كومىتېتلارنى تەسىس قىلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپيىق مەزگىلدە، مەخسۇس كومىتېتلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ.

6 K r: j8 X% \! I5 v* ~$ g% Q& t$ f! h, i- o% M

مەخسۇس كومىتېتلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئالاقىدار تەكلىپلەرنى تەتقىق قىلىدۇ، قاراپ چىقىدۇ ۋە تەييارلايدۇ.

6 V- L3 O% J8 B7 y! W D, V/ S+ w4 a: v' \- R ) M( m. S+ z3 U: n, a

71-ماددا: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى زۆرۈر تاپقاندا، مۇئەييەن مەسىلىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەشكىل قىلسا ۋە تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن مۇناسىپ قارار چىقارسا بولىدۇ.

: v/ M* i. w/ ^4 e' W . p* J- @. }" m$ R( l# J: n9 m- w

تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەكشۈرۈشتە، ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇنىڭغا زۆرۈر ماتېرىياللارنى بېرىش مەجبۇرىيىتى بار.

" x. E5 ~2 f; X1 y$ v4 Z3 p7 A# o) W" e0 D6 T y9 P; O

72-ماددا: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان تەكلىپلەرنى بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

6 b0 h: C7 W ^% f# \# C7 `2 R8 K" y ! V! B/ |; S9 g+ k% r0 A

73-ماددا: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى ئېچىلىۋاتقاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر دائىمىي كومىتېتنىڭ يىغىنى ئېچىلىۋاتقاندا، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە گوۋۇيۈەنگە ياكى گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىك كومىتېتلىرىغا سۈرۈشتۈرمە بېرىشكە ھوقۇقلۇق. سۈرۈشتۈرمىنى قوبۇل قىلغان ئورگان سۈرۈشتۈرمىگە مەسئۇللۇق بىلەن جاۋاب بېرىشى شەرت.

# R0 d7 D# t: _& H5 a$ L1 D7 a ( D4 C: |! c/ P: p: N2 {% o

74-ماددا: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ھەيئەت رىياسىيىتىنىڭ رۇخسىتىسىز، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رۇخسىتىسىز قولغا ئېلىنمايدۇ ياكى جىنايى ئىشلار بويىچە سوتلانمايدۇ.

. |. E2 f$ N: B0 Y6 D& H % c* v% O& j/ V# t

75-ماددا: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر خىل يىغىنلىرىدا قىلغان سۆزى ۋە بەرگەن ئاۋازى قانۇندا سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ.

, p7 f5 k6 n; ?( t9 T9 L0 I $ l! S- w3 o9 {+ r. |4 _

76-ماددا: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىشى، دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلىشى ھەمدە ئۆزى قاتناشقان ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە، ئاساسىي قانۇننىڭ ۋە قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ياردەملىشىشى شەرت.

, T) m0 t2 {* `$ F, n2 H: J & B6 ?, {" z8 x% ^3 t: l

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنى سايلىغان ئورۇن ۋە خەلق بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ، خەلقنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى ئاڭلاپ ۋە ئىنكاس قىلىپ تۇرۇشى، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىشى لازىم.

* E5 [/ i. C" ~: F: q3 z( x3 U* K- t, j

77-ماددا: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنى سايلىغان ئورۇننىڭ نازارىتىدە بولىدۇ. سايلىغۇچى ئورۇن ئۆزى سايلىغان ۋەكىلنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇۋېتىشكە ھوقۇقلۇق.

7 q& C2 W2 [4 w- Z7 J% P 0 `! [3 H1 U- a7 Y8 H x4 K2 A

78-ماددا: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەشكىلاتى ۋە خىزمەت تەرتىپى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.

8 K$ w, K& n, q. ^3 v 4 Q% r* A6 @; X4 Y9 W- j0 l0 s

2-پاراگراف: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى

) S, ?: v" U$ W/ {4 f - |) ?4 G4 c0 v

79-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى سايلايدۇ.

3 L7 y* s/ L7 \) E 1 L6 F6 R. Y+ F5 N4 c# g1 |

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە 45 ياشقا تولغان پۇقراسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكى، مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانسا بولىدۇ.

5 ^5 Y# [, n! d! K( W8 b8 I 9 T3 ^. T2 N+ Y

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

& q- \: _( Z; o% j+ m& A9 q, P! D$ ?. h) q

80-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قارارىغا ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن قانۇنلارنى ئېلان قىلىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسىنى، مۇئاۋىن زۇڭلىلىرىنى، دۆلەت كومىسسارلىرىنى، مىنىستىرلارنى، كومىتېت مۇدىرلىرىنى، باش مۇپەتتىشنى، باش كاتىپنى تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ، دۆلەتنىڭ ئوردېن ۋە پەخرىي ناملىرىنى بېرىدۇ، ئالاھىدە كەچۈرۈم بۇيرۇقى چىقىرىدۇ، جىددىي ھالەتتە تۇرۇشنى جاكارلايدۇ، ئۇرۇش ھالىتى جاكارلايدۇ، سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىدۇ.

5 t2 X. B5 s8 G* w4 g: i 5 c! t* y% e, B

81-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ۋاكالىتەن دۆلەت ئىشلىرى بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. چەت ئەل ئەلچىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، چەت ئەللەردە تۇرىدىغان تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللەرنى ئەۋەتىدۇ ۋە چاقىرىتىۋالىدۇ، چەت ئەللەر بىلەن تۈزگەن شەرتنامە ۋە مۇھىم كېلىشىملەرنى تەستىقلايدۇ ۋە بىكار قىلىدۇ.

) o! W# s: ?. w+ A 8 A/ P4 h: f- w( f0 _6 c

82-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رەئىسنىڭ خىزمىتىگە ياردەملىشىدۇ.

, v3 E9 k1 C7 d/ ]7 G 5 E3 u, K9 x; U- F4 l4 \. `' ^+ ]

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رەئىسنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، رەئىسنىڭ قىسمەن خىزمەت ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزسە بولىدۇ.

" a2 L& r; J+ p0 [3 x& k D 2 H% A( w+ A# E6 f% y) p

83-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى خىزمەت ھوقۇقىنى كېلەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى سايلىغان رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىس ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغۇچە يۈرگۈزىدۇ.

% b5 x2 M0 b1 \3 z t . H& E/ t. h2 D0 J

84-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ ئورنى بوش قالغاندا، مۇئاۋىن رەئىس رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.

' _7 j; A6 `& V: ?& d. U8 d/ D ) S/ h/ p* q- k1 n4 ?6 u

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ ئورنى بوش قالغاندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تولۇقلاپ سايلايدۇ.

( q6 D6 u% |9 R& o7 ~8 i4 o5 o - t. \% e$ E4 Z" W' f

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ ئورنىمۇ، مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ ئورنىمۇ بوش قالغاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تولۇقلاپ سايلايدۇ؛ تولۇقلاپ سايلىغۇچە مۇۋەققەت رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋاقتىنچە ئۆتەپ تۇرىدۇ.

1 I/ x& o# d! X + W( S1 O3 V+ \- E4 J0 l& S

3-پاراگراف: گوۋۇيۈەن

% N7 R I* ~+ d* u' n2 | . w6 ? X( g* T& v1 `9 E

85-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گوۋۇيۈەنى، يەنى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى ۋە دۆلەتنىڭ ئالىي مەمۇرىي ئورگىنىدۇر.

" ^/ }& S# Q8 C9 {6 u- H2 `2 { , Z8 O" A; W. A5 o9 W

86-ماددا: گوۋۇيۈەن تۆۋەندىكى خادىملاردىن تەركىپ تاپىدۇ:

5 A9 n! ?' p: R b8 |6 o$ f$ e# T% | & H/ h% m& Q# U7 @

زۇڭلى، مۇئاۋىن زۇڭلىلار، دۆلەت كومىسسارلىرى، مىنىستىرلار، كومىتېت مۇدىرلىرى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپ.

@ t A" y1 y' O 1 \4 O. B6 K; `6 s0 n7 c' V1 {$ r

گوۋۇيۈەندە زۇڭلى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. مىنىستىرلىك ۋە كومىتېتلاردا مىنىستىر، مۇدىر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

) @0 c1 J5 q! w/ L* f- F; [2 S & X! Y: ^: {# P3 o

گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلاتى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.

& q9 N5 Z, j% Y0 f+ N 9 ^" p5 J- o% N6 X+ o7 `/ i2 U

87-ماددا: گوۋۇيۈەننىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. زۇڭلى، مۇئاۋىن زۇڭلى، دۆلەت كومىسسارى ئۇدا ئىككى نۆۋەتتىن ئارتۇق ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ.

' F1 k% C1 u* m : q& R& D4 N& {) d5 Z, O8 ` j

88-ماددا: زۇڭلى گوۋۇيۈەننىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. مۇئاۋىن زۇڭلىلار، دۆلەت كومىسسارلىرى زۇڭلىنىڭ خىزمىتىگە ياردەملىشىدۇ.

7 a$ P4 O& {5 q* ~4 T5 [9 ? ! `. V5 S0 c, I

زۇڭلى، مۇئاۋىن زۇڭلىلار، دۆلەت كومىسسارلىرى ۋە باش كاتىپتىن گوۋۇيۈەن دائىمىي كېڭىشى تەشكىل قىلىنىدۇ.

; i1 C1 F* X4 `$ v2 `& Q Q 6 p1 [) R) |1 r' l ?+ A3 @/ Q

زۇڭلى گوۋۇيۈەن دائىمىي كېڭىشىنىڭ يىغىنى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى چاقىرىدۇ ھەم ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

! _1 c* [- P/ w0 a 0 I6 c3 v. v1 o" Z9 Q

89-ماددا: گوۋۇيۈەن تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:

& {0 d0 w/ b) O4 U& d& D- Z, W/ p* Y3 S

(1) ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا بىنائەن، مەمۇرىي تەدبىرلەرنى بەلگىلەش، مەمۇرىي نىزاملارنى چىقىرىش، قارار ۋە بۇيرۇقلارنى ئېلان قىلىش؛

) E4 ]3 q) h7 s: X- D( m) H* I8 w + W( Q. b% N7 Z

(2) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەكلىپ بېرىش؛

$ Z- s& u. m7 ^% e ) S5 g: M, e7 z6 ?" J; Y

(3) مىنىستىرلىك ۋە كومىتېتلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلەش، مىنىستىرلىك ۋە كومىتېتلارنىڭ خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش ھەمدە مىنىستىرلىك ۋە كومىتېتلارغا تەۋە بولمىغان مەملىكەت خاراكتېرلىك مەمۇرىي خىزمەتكە رەھبەرلىك قىلىش؛

3 U- \1 c6 G7 `# n4 M# n% z 8 R' g! c5 u# V

(4) پۈتۈن مەملىكەتتىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، مەركەزدىكى دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ كونكرېت خىزمەت ھوقۇقىنى بەلگىلەش؛

& n% i& d6 G. s/ Y1 n. [% z+ g7 c# Q, k% t1 p: K

(5) خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى، دۆلەت خام چوتىنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش؛

8 h3 `: g3 m9 N. J6 y , H" V" p3 Z. n8 ^

(6) ئىقتىسادىي خىزمەتكە ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرلۇشى؛

* A, u; @+ `& l( C " t: B5 H; Y q9 x3 k5 l d

(7) مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش؛

8 S+ c# R+ h2 _6 p* G, j/ b 9 v4 j' W3 z6 e+ ]5 A

(8) خەلق ئىشلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە مەمۇرىي خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى باشقۇرۇش؛

- s$ c' |) k. m6 z0 H! T; l6 a8 v3 i1 X5 U6 F) W% @, f; l$ ?

(9) تاشقى ئىشلارنى باشقۇرۇش، چەت ئەللەر بىلەن شەرتنامە ۋە كېلىشىم تۈزۈش؛

8 M& d; W1 n$ m: w# s & A; Z; d, ]5 H: z

(10) دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش؛

! H; e$ z/ ~1 T & z) @$ ]6 z3 ~: w

(11) مىللەتلەر ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىنى ۋە مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش؛

0 h2 t" k# X7 {: C3 K4 K# y0 C 0 F8 y% A5 J1 a

(12) جۇڭگو چىياۋمىنلىرىنىڭ مۇۋاپىق ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش، ۋەتەنگە قايتقان چىياۋمىنلار ۋە چىياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش؛

+ P' O5 L/ K; {) P E3 [9 l0 H1 _/ a# D) k' S4 P

(13) مىنىستىرلىك، كومىتېتلارنىڭ نامۇۋاپىق بۇيرۇق، يوليورۇق ۋە قائىدىلىرىنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىش؛

@+ a7 \7 \" B F6 K+ h. |; h 0 q! s) I* n% ^8 n% `0 N

(14) يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ نامۇۋاپىق قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىش؛

" w+ I; E) Q2 i7 m4 m* M8 a: x- Z& S0 [2 P5 O: i, |! D# ]

(15) ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ چېگراسىنى تەستىقلاش، ئاپتونوم ئوبلاست، ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە ۋە شەھەرلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە چېگراسىنى تەستىقلاش؛

: E0 A, G) Q. L7 G, ]8 ? ( Q3 @8 u$ d. q8 c+ _8 }& @

(16) قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر تەۋەسىدىكى قىسمەن رايونلارنىڭ جىددىي ھالەتتە تۇرۇشى توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛

2 v7 B5 Z# W- s3 X+ T" l, M' H* J! g/ n/ v2 M0 E$ U

(17) مەمۇرىي ئاپپاراتلارنىڭ ئىشتاتىنى بېكىتىش، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە مەمۇرىي خادىملارنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش، تەربىيىلەش، سىناش، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش؛

, g+ {% M; ~0 J1 i4 M7 d e! s/ h; \5 m- B% `

(18) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەرگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرى.

! J a# C' w/ H$ ]4 X$ a# ~3 g! z' W) ?! j! |& l' P* H

90-ماددا: گوۋۇيۈەندىكى مىنىستىرلار، كومىتېت مۇدىرلىرى ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ مىنىستىرلىك ئىشلىرى يىغىنى ۋە كومىتېت يىغىنى، كومىتېت ئىشلىرى يىغىنى چاقىرىپ ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمىتىگە دائىر چوڭ-چوڭ ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىدۇ.

3 @& r8 I4 P" `( q: Z( P% G8 A# k3 I; R8 W. u

مىنىستىرلىك ۋە كومىتېتلار قانۇنغا، گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي نىزام، قارار ۋە بۇيرۇقلىرىغا بىنائەن بۇيرۇق، يوليورۇق ۋە قائىدىلەرنى ئۆز تارمىقىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدە چىقىرىدۇ.

4 U% r7 A! M4 S S/ ^8 | 1 u: j7 Y3 k1 k: g. R

91-ماددا: گوۋۇيۈەندە ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى تەسىس قىلىنىدۇ، ئۇ گوۋۇيۈەن تارماقلىرى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مالىيە كىرىم-چىقىمىنى، دۆلەتنىڭ مالىيە-پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋە كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلارنىڭ مالىيە كىرىم-چىقىمىنى تەپتىش، نازارەت قىلىدۇ.

8 B3 m2 S+ t" u# @8 x; Q4 j) t + r1 H' |3 Z6 l/ |2 R/ \ c

ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى تەپتىشلىك، نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، باشقا مەمۇرىي ئورگانلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى ئارىلاشتۇرمايدۇ.

k7 T6 u5 g: Y M 6 ?- c/ H0 d% e. I" K' \% b

92-ماددا: گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ.

' _. G8 ~. w7 y6 _ , r0 b$ t7 G( R

4-پاراگراف: مەركىزىي ھەربىي كومىتېت

$ ^: ?- w1 l8 F1 R2 u" a2 ?' F5 t9 Y) y5 ?( I* O

93-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى قوراللىق كۈچلەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

1 k' a( b6 u i9 T $ t# ?8 B2 B8 o: k/ T3 \2 I

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تۆۋەندىكى خادىملاردىن تەركىپ تاپىدۇ:

+ R# Y8 P6 r+ \. l8 G- ` 7 Y7 S9 { n4 M, ~8 T* u

رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلەر، كومىتېت ئەزالىرى.

) ^. B1 F4 w6 p5 U ! @3 L: R9 _5 v4 E4 C* R

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتا رەئىس مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

3 \! `" j; d' n5 g& y; P 3 p' T! d$ b. ^* m x- |- I% Q

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

# H+ ]' M: W$ w$ V! [! ]3 R6 {$ a* h# `

94-ماددا: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.

5 w' V, W v* z! I ! R8 ?) q& W0 r4 ]

5-پاراگراف: يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى

h2 ]2 ~6 E5 p1 x& E : d9 q: s& [) L# W" k* ~" H( L& e# b' t

95-ماددا: ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ناھىيە، شەھەر، شەھەرگە قاراشلىق رايون، يېزا، مىللىي يېزا، بازارلاردا خەلق قۇرۇلتىيى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى تەسىس قىلىنىدۇ.

! e3 B) l; T- d8 r* Z 8 c# d2 }! ~. m* S4 f2 k

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلاتى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.

7 ?& m1 o. T# ^" f" V8 s " J( {. [' j" e* A: }

ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەردە ئاپتونومىيە ئورگىنى تەسىس قىلىنىدۇ. ئاپتونومىيە ئورگىنىنىڭ تەشكىلاتى ۋە خىزمىتى ئاساسىي قانۇننىڭ 3-باب 5-، 6-پاراگرافىدا بەلگىلەنگەن ئاساسىي پىرىنسىپلار بويىچە قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.

4 o; `& L: S8 {% b$ X2 _ ' V+ J& n4 R' n6 F% m' E% j( J

96-ماددا: يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى دۆلەتنىڭ يەرلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدۇر.

. M$ l+ p& a- ?$ N" N. y$ Q8 L; M ( F0 A6 G+ f- l% S8 x- `1 k2 l

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا دائىمىي كومىتېت تەسىس قىلىنىدۇ.

. I3 F/ C( \1 W# S' r# v' F4 b# w9 l8 f" [/ C7 f

97-ماددا: ئۆلكىلىك، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە رايون بار شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق قۇرۇلتىيى سايلايدۇ؛ ناھىيىلىك، رايونسىز شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلىغۇچىلار بىۋاسىتە سايلايدۇ.

6 I! d# c/ E0 Z; U& b1 k1 w " | @9 R! k i8 k' h6 l' R

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋە ۋۇجۇدقا كېلىش چارىسى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.

- o/ L. B$ s% J$ Y 0 {: n# r0 K* I, s( g3 @" ]

98-ماددا: يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى 5 يىل بولىدۇ.

0 E; d0 [* q0 Q) [% @6 j& x 4 D6 e7 `, Y! r! v8 [

99-ماددا: يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدا ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە مەمۇرىي نىزاملارنىڭ ئەمەل قىلىنىشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە قارارلارنى ماقۇللايدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە جامائەت ئىشلىرى قۇرۇلۇشى پىلانىنى تەكشۈرىدۇ ۋە بېكىتىدۇ .

/ l9 y8 e# ^9 x/ N! o9 d1 v6 x' q. p- a+ a# N8 H$ B2 L

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى، خام چوتىنى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئىجراسى ھەققىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نامۇۋاپىق قارارلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

& E* R. J0 ?5 Q 2 E! k, _: B9 l& [( v+ r2 g5 n

مىللىي يېزىلىق خەلق قۇرۇلتايلىرى مىللىي ئالاھىدىلىككە ماس كېلىدىغان كونكرېت تەدبىرلەرنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە قوللانسا بولىدۇ.

3 \8 J5 M$ ^7 x* M S H9 s9 j3 M( E. q

100-ماددا: ئۆلكىلىك، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارغا ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا زىت كەلتۈرمەسلىك شەرتى بىلەن، يەرلىك نىزاملارنى چىقىرىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ. رايونى بار شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتى، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملار ۋە شۇ ئۆلكە، ئاپتونوم رايۇننىڭ يەرلىك نىزاملىرىغا زىت كەلمەسلىك شەرتى ئاستىدا، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە يەرلىك نىزام تۈزۈپ، شۇ ئۆلكە، ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويسا بولىدۇ.

4 @" {& q' {7 R, H/ ?* p " Y9 \; j; _) y5 {+ R) u" r

101-ماددا: يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرىنى، يەنى ئۆلكىنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرىنى، شەھەرنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرىنى، ناھىيىنىڭ ھاكىمى ۋە مۇئاۋىن ھاكىملىرىنى، رايوننىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرىنى، يېزىنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرىنى، بازارنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرىنى سايلايدۇ ھەمدە قالدۇرۇۋېتىشكە ھوقۇقلۇق.

x, N7 Q7 [2 K( C8 I 6 o8 p- M+ ^- S6 d; M

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شۇ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى سايلايدۇ ھەمدە قالدۇرۇۋېتىشكە ھوقۇقلۇق. خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ سايلانغان ياكى قالدۇرۇلىدىغان باش تەپتىشىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشىنىڭ تەكلىپى بىلەن، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىش شەرت.

F7 X3 R* }+ W 9 @: L! O& F6 S

102-ماددا: ئۆلكىلىك، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، رايون بار شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئۆزىنى سايلىغان ئورۇننىڭ نازارىتىدە بولىدۇ؛ ناھىيىلىك، رايونسىز شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى سايلىغۇچىلارنىڭ نازارىتىدە بولىدۇ.

# q# Z( l5 ?* X; o1 M0 Z6 ~) g4 B( L! F8 u: \

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلىغۇچى ئورۇن ۋە سايلىغۇچىلار ئۆزى سايلىغان ۋەكىلنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.

) I' u9 I$ v, X: z K. ? [, ?/ N$ S% O

103-ماددا: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىرلار ۋە كومىتېت ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ.

% z" r4 w: s% O4 j . k& e' W# @9 L k

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنى سايلايدۇ ھەمدە قالدۇرۇۋېتىشكە ھوقۇقلۇق.

; X8 A! a3 l& Q% I6 y4 L4 r. D2 g9 r

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگىنى، رېۋىزىيە ئورگىنى، سوت ئورگىنى ۋە تەپتىش ئورگىنىدا ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ.

5 A: `3 U* \5 _ n4 v # o# b+ c: [( z) y

104-ماددا: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ خىزمەتلىرىدىكى چوڭ-چوڭ ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ۋە قارار قىلىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نامۇۋاپىق قارارى ۋە بۇيرۇقىنى بىكار قىلىدۇ؛ بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نامۇۋاپىق قارارىنى بىكار قىلىدۇ؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇشنى قارار قىلىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلىدە، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئايرىم ۋەكىللىرىنى ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇۋېتىدۇ ۋە تولۇقلاپ سايلايدۇ.

2 b& r# ^2 S3 H5 E7 \. _; I 5 L- o# x/ t9 G! T* i0 B* ^$ I9 @

105-ماددا: يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ ئىجرائىيە ئورگانلىرى ۋە دۆلەتنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگانلىرىدۇر.

, u- o) G U* e- K, s% y5 r( b8 W: z( C0 } 7 T8 q0 n# S) N8 d

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدە ئۆلكە باشلىقى، شەھەر باشلىقى، ھاكىم، رايون باشلىقى، يېزا باشلىقى، بازار باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ .

; N# {) W/ u3 q5 ~! m9 {" }3 A( I 8 G& Y9 d0 A! f6 W& c$ {) {# t

106-ماددا: يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى شۇ دەرىجىلىك خەل قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

$ m, k9 K0 |% s- x4 q5 W* Q& ?- d6 `

107-ماددا: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئىقتىساد، مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى، شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ۋە مالىيە، خەلق ئىشلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، مىللەتلەر ئىشلىرى، ئەدلىيە مەمۇرىي ئىشلىرى، پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق مەمۇرىي خىزمەتلەرنى باشقۇرىدۇ، قارار ۋە بۇيرۇقلارنى ئېلان قىلىدۇ. مەمۇرىي خادىملارنى تەيىنلەيدۇ ۋە قالدۇرىدۇ، تەربىيىلەيدۇ، سىنايدۇ، مۇكاپاتلايدۇ ۋە جازالايدۇ.

) \. [$ P7 e( W5 I8 ^6 ?: K . O7 p# W7 ~! d

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قارارى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ قارارى ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي خىزمەتلىرىنى باشقۇرىدۇ.

( `5 b) \% i9 h* E* I & L3 _& [7 y. @* O6 O5 V4 ?$ g

ئۆلكىلىك، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا، مىللىي يېزا، بازارلارنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ۋە چېگراسىنى بەلگىلەيدۇ.

! o4 p: S z$ w' k t8 W& } }, X1 M5 H& Q; f9 a0 R5 s

108-ماددا: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قارىمىقىدىكى خىزمەت تارماقلىرىنىڭ ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، قارىمىقىدىكى خىزمەت تارماقلىرىنىڭ ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ نامۇۋاپىق قارارىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

1 a7 ?* [0 K. `! C) | ) k7 `. E$ W4 G7 ]' U9 c _

109-ماددا: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى تەسىس قىلىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تەپتىشلىك، نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.

' x# C n, t2 F* s0 o. K8 \0 }: X% g1 i& t/ o, o' w6 a

110-ماددا: يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ.

- Q7 x% i! F" V 9 Z& Q3 i' ]* s' T4 B

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىر دەرىجە يۇقىرى دۆلەت مەمۇرىي ئورگىنى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتتىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى گوۋۇيۈەننىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدىكى دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرى بولۇپ، بىردەك گوۋۇيۈەنگە بويسۇنىدۇ.

1 X' j% _# B" x( @( W* s2 _$ O( c4 T1 J, a1 X$ K _/ _

111-ماددا: شەھەر ۋە يېزىلاردا ئاھالە ئولتۇراقلاشقان رايون بويىچە تەسىس قىلىنغان شەھەر ئاھالە كومىتېتى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى تەشكىلاتىدۇر. شەھەر ئاھالە كومىتېتىنىڭ ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ۋە ئەزالىرىنى ئاھالىلەر سايلايدۇ. شەھەر ئاھالە كومىتېتى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.

$ f" z l) H2 k- D# J7 P' g. i+ b5 P% J; K7 b7 M+ I

شەھەر ئاھالە كومىتېتى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتىدا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى، ئامانلىق ساقلاش ھەيئىتى، ئاممىۋى تازىلىق ھەيئىتى قاتارلىق ھەيئەتلەر تەسىس قىلىنىدۇ، ئۇلار ئۆز رايونىدىكى ئىجتىمائىي ئىشلارنى ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرىنى بېجىرىدۇ، ئەل ئارا ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىدۇ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاشقا ياردەملىشىدۇ ھەمدە خەلق ھۆكۈمىتىگە ئاممىنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىدۇ ۋە تەكلىپ بېرىدۇ.

0 W* C9 O0 R% z 7 B% G, J( Q" n. J6 S M

6-پاراگراف: مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى

. A7 C, [ |0 V/ j) l 8 H2 T7 X$ d. h7 \/ B

112-ماددا: ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق ۋە ئاپتونوم ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرىدۇر.

- B/ \+ C' G7 m+ h( v K0 e # l3 m- z5 _ h H; r" i3 A- T

113-ماددا: ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق ۋە ئاپتونوم ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا، تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن باشقا، شۇ مەمۇرىي رايوندا ئولتۇراقلاشقان باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ مۇۋاپىق ساندا ۋەكىلى بولۇشى كېرەك.

0 h3 m1 ~, b) u6 ]1 u' Q" Y, W) b

ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئاپتونوم ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلىقى ياكى مۇئاۋىن مۇدىرلىقىنى ئۆتىگۈچىلەر ئىچىدە تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ پۇقرالىرى بولۇشى كېرەك.

$ }7 n+ R* Y/ {; i# F T8 N |! N" a$ C j6 e; W

114-ماددا: ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم ناھىيىنىڭ ھاكىمى تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەت پۇقراسىدىن بولىدۇ.

) |% ~" Y6 i; p3 L9 z( s( J8 s; V7 o& ]! [

115-ماددا: ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاست ۋە ئاپتونوم ناھىيىلەرنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئاساسىي قانۇننىڭ 3-باب 5-پاراگرافىدا بەلگىلەنگەن يەرلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاساسىي قانۇن، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە باشقا قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، دۆلەتنىڭ قانۇن، سىياسەتلىرىنى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىجرا قىلىدۇ.

; C4 I& x- E8 }. f ( N. E3 ^" U* N4 N

116-ماددا: مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملارنى چىقىرىشقا ھوقۇقلۇق. ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەرنىڭ ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملىرى ئۆلكىلىك ياكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن كۈچكە ئىگە بولىدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.

! s$ {- B: m" e) t 4 o. B# Z2 y2 s! h

117-ماددا: مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى يەرلىك مالىيىنى باشقۇرىدىغان ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە. دۆلەتنىڭ مالىيە تۈزۈلمىسى بويىچە مىللىي ئاپتونوم جايلارغا تەئەللۇق بولغانلىكى مالىيە كىرىمىنى مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ.

0 l& ]" N+ U( d * j: A; v; J8 w- c) m8 ~; {

118-ماددا: مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەت پىلانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يەرلىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.

) q9 m* g# W$ D4 @ % L) P5 w! Y5 K0 v& h: P* {

دۆلەت مىللىي ئاپتونوم جايلاردا بايلىق ئىچىش ۋە كارخانا قۇرۇشتا، مىللىي ئاپتونوم جاينىڭ مەنپەئىتىگە ئېتىبار بېرىشى كېرەك.

5 x0 t5 ?/ |( t9 g" l% t6 b 6 Q k% i0 X; y- C

119-ماددا: مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىنىڭ مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئاسراش ۋە رەتلەش، مىللىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈشتە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرىدۇ.

) Z& N! v4 @6 e4 H: P2 B3 J# T 8 s/ J, k# _+ H" l* z# l" h

120-ماددا: مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ ھەربىي تۈزۈمى بويىچە ۋە ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، ئۆز جايىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلايدىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى قىسمىنى تەشكىل قىلسا بولىدۇ.

( N# m# p. Q% o( q T+ b & ^' P& K. ]/ h+ L. Q2 P* |

121-ماددا: مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا، شۇ مىللىي ئاپتونوم جاينىڭ ئاپتونومىيە نىزامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل تىل-يېزىقنى قوللىنىدۇ.

. I/ w" X' Z* P/ W/ U & P" {3 ?" u8 ~. o( ~) |% M) q, U3 I' f

122-ماددا: دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇشىغا مالىيە، ئەشيا، تېخنىكا جەھەتتىن ۋە باشقا جەھەتلەردىن ياردەم بېرىدۇ.

5 Z' O' R5 [* }( } " \- f( w; d+ s5 Q* N, z

دۆلەت مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ شۇ جايدىكى مىللەتلەردىن ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى، ئىختىساسلىق كەسپىي خادىملارنى ۋە تېخنىك ئىشچىلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.

+ Y) K+ i! ]4 h & @* z, R* t8 |5 w; q. l0 B

7-پاراگراف: دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى

$ v$ Q1 A0 t: `5 ^, x ' d, Y! Q! F% r1 Q, M

123-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەر دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتى دۆلەتنىڭ رېۋىزىيە ئورگانلىرىدۇر.

# J5 w+ w6 J; E% L1 z4 s# Y+ i j1 G0 F; [9 v4 r- L

124-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت رېۋزىيە كومىتېتى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتلىرىنى تەسىس قىلىدۇ.

8 U% u" i+ d( z$ e& N6 u ! J1 ~3 z2 F# E

رېۋىزىيە كومىتېتى تۆۋەندىكى خادىملاردىن تەركىب تاپىدۇ:

/ n( q% |, A3 Q0 b9 w" w& P' t6 D' H7 c% _1 ^

مۇدىر،

_5 b+ E/ d$ I* | - S; _0 F& x' P) a, E

 مۇئاۋىن مۇدىرلار،

8 q9 N- ]2 F" h/ ^* j 1 U8 c9 L- }& J3 W3 H* k3 R% Y& c, x

 ھەيەتلەر.

6 [: C% D! _% x( n7 z1 T$ R1 P0 T8 O1 ?

رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئۇدا 2 نۆۋەتتىن ئارتۇق ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ.

) }+ J3 A! Y& [2 Q, Q " F2 k0 `# E. {1 o" C1 m, w3 R4 y

رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تەشكىلى ۋە خىزمەت ھوقۇقى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.

! J. e9 Z/ O, r# c3 P- G; y* c& H& z0 K4 e" J g+ w8 f1 B; G# W

125-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت رېۋزىيە كومىتېتى ئالىي رېۋزىيە ئورگىنىدۇر.

9 Z6 V* D3 \6 F0 [ ; G6 h4 x' _- [1 c

دۆلەت رېۋزىيە كومىتېتى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك رېۋزىيە كومىتېتلىرىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك رېۋزىيە كومىتېتى تۆۋەن دەرىجىلىك رېۋزىيە كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

' [4 F: @4 w# e& g: a7 l/ X * D N$ a, T$ {4 j7 }

126-ماددا: دۆلەت رېۋزىيە كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك رېۋزىيە كومىتېتى ئۆزىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك رېۋزىيە كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.

, a, ]' J% v. M4 x+ y/ C7 b 6 I6 M9 c* y# b, @- @; b

127-ماددا: قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، رېۋزىيە كومىتېتى رېۋزىيە ھوقۇقىنى مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، مەمۇرىي ئورگانلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى ئارىلاشتۇرمايدۇ.

' }8 u& J8 s* U% a- Z: }4 } ' {& x: j8 p/ p- R1 v; I# v; \+ e

رېۋزىيە ئورگانلىرى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ۋە ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت دېلولىرىنى بېجىرىشتە، سوت ئورگانلىرى، تەپتىش ئورگانلىرى، قانۇن ئىجىرا قىلغۇچى تارماقلار بىلەن ئۆز ئارا ماسلىشىپ، بىر-بىرىنى چەكلەپ تۇرىشى كېرەك.

0 S6 d, P3 N z Q" F : Q3 o( A$ @, ^: @! K3 _

8-پاراگراف: خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

; r; `2 _% C" m; {1 }" L 2 w1 d. e& {- r6 F, j

128-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرى دۆلەتنىڭ سوت ئورگانلىرىدۇر.

9 o# i% \0 z6 `3 @+ a: d) o $ l5 J2 k+ i5 g" n0 e

129-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنى ۋە ھەربىي سوت مەھكىمىسى قاتارلىق مەخسۇس خەلق سوت مەھكىمىلىرىنى تەسىس قىلىدۇ.

/ f/ W' d7 z0 i0 q2 q 9 R* n3 @1 K) a0 d

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، ئۇ ئۇدا 2 نۆۋەتتىن ئارتۇق ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ.

& o! I% |& M( M* | ^4 r ) Z% O- ?1 @, O* W+ b

خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلاتى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.

6 }1 ]3 t# }5 s# n" h+ J2 [, P 0 M* `% J6 c( u

130-ماددا: قانۇندا ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى دېلونى پۈتۈنلەي ئوچۇق قاراپ چىقىدۇ، جاۋابكارلار ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق.

: E* q, C8 _8 y" E" ~* A- g4 j3 ?" w! Q/ M

131-ماددا: قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، خەلق سوت مەھكىمىلىرى سوت قىلىش ھوقۇقىنى مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، مەمۇرىي ئورگانلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى ئارىلاشتۇرمايدۇ.

6 \; P u- Z( Z2 z9 W 5 U/ e" f$ h# J" @" r

132-ماددا: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئالىي سوت ئورگىنىدۇر.

T1 t% i2 p6 @" `5 g 2 V$ z2 @2 k$ z1 z& H0 b" K/ G6 n

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ۋە مەخسۇس خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت خىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت خىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ.

& ^, y% q9 `- L4 ? 8 l; ]3 j- J, T: P2 e! Y

133-ماددا: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۆزىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.

4 F! _' j. l" _' `2 _) a% |6 m2 P- m9 R, o

134-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دۆلەتنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكى ئورگىنىدۇر.

0 K7 I9 r4 p+ N1 e) W! j ~5 ~ # i3 }2 \# c, c

135-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنى ۋە ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىق مەخسۇس خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنى تەسىس قىلىدۇ.

% r, C( n! x% X0 _, U 6 @1 K- a! t- S! l

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، ئۇ ئۇدا ئىككى نۆۋەتتىن ئارتۇق ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ.

1 w* U$ e6 j1 T# ? ! F+ }9 W& k: c% r

خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلاتى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.

7 M: R7 c7 h$ }% P! d& c% J + G" h3 T; E1 n& w

136-ماددا: قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەپتىش ھوقۇقىنى مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، مەمۇرىي ئورگانلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى ئارىلاشتۇرمايدۇ.

% ~- X2 Q9 L- L& l1 b$ S J: g& m " \, j9 l- \. Y$ a( n/ l2 k

137-ماددا: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالىي تەپتىش ئورگىنىدۇر.

! `/ z ~& `* B1 l& S 2 j+ }+ f* V" J0 O

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ۋە مەخسۇس خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

`& ]7 | S4 G ' Z0 B8 H9 U# V

138-ماددا: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئۆزىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.

% G4 m6 o7 ]) K# S: z( X( b2 n% [& n ^

139-ماددا: ھەر مىللەت پۇقرالىرى ئۆزىنىڭ مىللىي تىل-يېزىقى بىلەن دەۋالىشىشقا ھوقۇقلۇق. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان تىل-يېزىقنى بىلمەيدىغان دەۋا ئىشتىراكچىلىرىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

. t$ U2 |1 P+ w7 n: h1 `: C, m " J: L+ i* K v) H: U& t3 f

ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ياكى مىللەتلەر ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان جايلاردا قاراپ چىقىش ئىشلىرى شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان تىل بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك؛ ئەيىبنامە، ھۆكۈمنامە، ئېلان ۋە باشقا ھۆججەتلەر ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ، شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان بىر خىل ياكى بىرنەچچە خىل يېزىق بىلەن جاكارلىنىشى كېرەك.

4 R- ]! V% p; d4 ~7 ` " G* Z' \6 F7 ], m R: S/ _2 P2 r3 z

140-ماددا: خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتە ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولۇپ، بىر-بىرىگە ماسلىشىپ، بىر-بىرىنى چەكلەپ، قانۇننىڭ توغرا ۋە ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

! `8 ~) _1 q: U8 p * ]! G0 a3 D- s4 F

4-باب: دۆلەت بايرىقى، دۆلەت شېئىرى، دۆلەت بەلگىسى، پايتەخت

, S! d1 p+ u+ l5 i- {$ N 8 \ R& Y, p. H) e' H2 L; `

141-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى-بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق.

" K, P3 s' z% }! f6 v$ I4 y7 F: F: y 6 u& O0 C( P3 P. P) F

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى- «پىدائىيلار مارشى».

* Y O0 q O% ~: B 5 w, m! u$ o H, }! Q1 q

142-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى ئوتتۇرىسىغا بەش يۇلتۇز، نۇرى ئاستىدىكى تيەنئەنمېننىڭ چۆرىسىگە باشاقلار ۋە چىشلىق چاقنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن.

5 ]1 ?! c) H$ y+ X# _ g! n; } 5 H8 w4 U* d, b* ~ X

143-ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاختەختى-بېيجىڭ.

8 }& b2 e2 h7 i& M8 G3 X ! ~; P" K( k0 m1 k- O7 U4 G

 

مەنبە : مەندىن
  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.