ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلەرگە قانداق جازا بېرىلىدۇ؟
酒后机动车驾驶机动车的,处何种处罚?
  • يوللىغۇچى : قەيسەرجان
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 11664 قېتىم كۆرۈلدى

 
# X0 n5 W/ ^9 I- m7 S" J5 c# g( d5 T8 P0 L, | w; S
ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلەرگە قانداق جازا بېرىلىدۇ؟
: U* C8 z' k' A2 K' E' \8 i$ g : D# P5 g2 p6 s [0 [ w- \
 
. w) m9 h( F0 O6 i * J1 `, r. r) E: K3 r! [
رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ تېز ئېشىشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن -كۈنگە ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھەر خىل تىپتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە. موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇنلىغان قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان تۈرلۈك زىيانلىق ئاقىۋەتلەرمۇ تەڭلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. بولۇپمۇ ئەتراپىمىزدا بەزى كىشىلەر ھاراق ئىچكەندىن كېيىن موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەپ، جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈپ، باشقىلارنى ۋە ئۆزىنى روھىي زىيان ۋە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتماقتا، مۆلچەرلىگۈسىز ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بەزى كىشىلەر قانۇن ئاڭ سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن (ھاراق ئىچكەندىن كېيىن قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىپ قويمىساملا بولدىغۇ) دەپ ئويلاپ، موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەپ ئۆزىنىڭ جىنايەت يولىغا مېڭىپ قالغانلىقىنى سەزمەيۋاتىدۇ. ئۇنداقتا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ قاتناش ۋەقەسى چىقارمىسىمۇ، يەنىلا جىنايەت شەكىللىنەمدۇ؟
7 ~+ V# ^: I7 o0 s; s5 M$ S / m' i2 S+ k3 d5 v9 T% Z
    2011-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى 8- قېتىم تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلۈپ يولغا قويۇلغان (جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى)نىڭ 133- ماددا 1- سىدە تۇنجى قېتىم خەتەرلىك ھالەتتە قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى بېكىتىلگەن بولۇپ، ( يولدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ بىر- بىرىنى قوغلىشىپ  مۇسابىقىلەشكەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلار ياكى يولدا مەست ھالەتتە موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلەرگە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، ھەمدە جەرىمانە قويۇلىدۇ) دەپ بەلگىلەنگەن.
% u7 b- @0 d, V+ s8 D 2 N5 W3 S3 ]: Z* S% Q
    دۆلەت سۈپەت نازارەتچىلىك تەكشۈرەش باش ئىدارىسى 2004-يىلى 5- ئاينىڭ 4- كۈنى ئېلان قىلغان(موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەرنىڭ قان، نەپەستىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش)توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا ، ھاراق ئىچىپ موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش دېگىنىمىز، شوپۇرلارنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرت مىقدارى20mg/100mlدىن يۇقىرى ياكى تەڭ ياكى 0mg/100ml8دىن تۆۋەن بولغان ھالەتتە ماشىنا ھەيدەش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. مەست ھالەتتە قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش دېگىنىمىز، شوپۇرلارنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرت مىقدارى0mg/100ml8دىن يۇقىرى ياكى تەڭ بولغان ھالەتتە ماشىنا ھەيدەش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. يۇقارقى ئۆلچەمگە ئاساسەن، شوپۇرلارنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرت مىقدارى20mg/100mlدىن يۇقىرى ياكى تەڭ ، 0mg/100ml8دىن تۆۋەن بولغان ھالەتتە ماشىنا ھەيدىگەنلەرنى ج خ ئورگىنى مەمۇرىي جەھەتتىن چارە كۆرىدۇ. شوپۇرلارنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرت مىقدارى0mg/100ml8دىن يۇقىرى ياكى تەڭ بولغانلار خەتەرلىك ھالەتتە قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشى ئۈچۈن ئەيىبلىنىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىدۇ.
0 M3 y; G2 y+ j1 T # Z& }6 v+ K! h
    ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، قومۇل شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى 2013-يىل 9-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا خەتەرلىك ھالەتتە قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىدىن 238پارچىنى قوبۇل قىلىپ سوتلاپ ئاخىرلاشتۇرغان بولۇپ، ھاراق ئىچىپ خەتەرلىك ھالەتتە موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن جاۋابكارلار قانۇننىڭ تېگىشلىك جازاسىغا ئۇچرىغان.
& Z( ^7 u3 Y# f' p* n 7 O5 U7 o# X5 \. |
    ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەشتىن ساقلىنىڭ!

مەنبە : قەيسەرجان مەمەت
  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.