妇女权益保障法
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 2508 قېتىم كۆرۈلدى

ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى

: M* s% b$ ?( u/ ~. u; ]" p# O' W4 ?0 R

 

% J4 o: v0 G& l6 ^# [/ q" v1 U6 a" j % X2 f, d7 }2 P$ z" y" G* j

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قانۇنى (1992 – يىل 4 – ئاينىڭ 3 – كۈنى 7 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1992 – يىل 4 – ئاينىڭ 3 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 58 – نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى)

3 z& L" \! v; |) \7 W. h' z ( k- P# R4 s- M4 Y

 

2 [- W- J( K7 K) E1 K) A# ^0 ~8 S" N+ G

1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

: \" `4 a4 r' k8 j9 ?, }0 l. `; w2 u& e7 z0 z

1 – ماددا بۇ قانۇن ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئەر – ئاياللارنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاياللارنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇن ۋە ئېلىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تۈزۈلدى.

! H- {0 C) f7 Y7 p) k1 n . i0 h3 n2 B+ R" ?9 Z' Z

2 – ماددا ئاياللار سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ۋە ئائىلە تۇرمۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

5 e ], h* C2 q 7 O. W! w1 Q+ l3 |. L- s) n H. }

دۆلەت ئاياللارنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ئالاھىدە ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، ئاياللارنى ئىجتىمائىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش تۈزۈمىنى پەيدىنپەي مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

+ J. u- G! B* F% F, t. ^* X , F9 L: T* k# w: p f! r0 X2 |* l

ئاياللارنى كەمسىتىش، خارلاش، ناكار قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

- ^8 ?% R# H, s0 P0 ` / J" S* T4 u) c0 O. @. u& Z' f& i

3 – ماددا ئاياللارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، شەھەر – يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلارنىڭ ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان تەشكىلاتلىرى بۇ قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى لازىم.

2 Y4 x6 L( }3 k$ W, o! k! ~4 G. k* d# p b' T7 V

دۆلەت ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىشىگە زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

: m- ?; w$ @1 X$ i 5 q9 b! ?# F& Y) Q4 C9 i% {9 p9 s

4 – ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەشكىلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم. كونكرېت ئاپپاراتلار توغرىسىدا گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلىمە چىقارسا بولىدۇ.

; v2 O0 {) v2 L1 p& b) k5 ~5 d$ S2 w7 i+ S1 A6 M! z

5 – ماددا جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ ۋە ئۇنى قوغداپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.

: D# Q' Y/ d7 _/ g; K! Z2 `7 ]3 c; V9 f T: M

ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت دائىرىسى ئىچىدە ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.

+ P& h4 S+ g# `5 X+ k5 C4 E , o: l6 R; r4 z, w9 g- d9 d

6 – ماددا دۆلەت ئاياللارنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەتلىشىگە، ئۆزىگە ئىشىنىشىگە، ئۆز كۈچىگە تايىنىشىغا، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىغا، قانۇندىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

5 K$ F3 ]5 f5 ^% F1 Q9 ` 3 W# N7 m9 ], l9 E

ئاياللار دۆلەت قانۇنىغا، ئىجتىمائىي ئەخلاققا رىئايە قىلىشى، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم.

/ U, H% A: ~* F0 G4 O4 z1 G2 N ( H6 p+ \! R8 W0 M

7 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئاياللارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.

+ Y4 \+ y k* d' P5 d$ l ; G8 j* i; n9 d+ e/ D l

 

! `, E4 \+ b* }- y $ y5 a' a5 B: b" l

2 – باب سىياسىي ھوقۇق

4 S% L' ]6 X+ Z $ a9 j0 W' V2 ~3 e; C$ X

8 – ماددا دۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر سىياسىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

0 v4 S, b/ l: q+ ?1 w6 j" r$ W: e* F6 V( C/ z

9 – ماددا ئاياللار ھەر خىل يوللار ۋە شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى، ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.

, G0 o" |, e2 I8 i ' x% [. O4 u u, }8 ?+ `( {

10 – ماددا ئاياللار ئەرلەر بىلەن باراۋەر سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

) H8 m- t `0 j& x, w/ S# N3 x& b9 P4 y' r) U4 [1 B( B+ w

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئىچىدە مۇۋاپىق ساندا ئايال ۋەكىللەر بولۇشى ھەم ئايال ۋەكىللەرنىڭ نىسبىتى پەيدىنپەي كۆپەيتىلىشى لازىم.

' x+ v6 g l( Z+ c+ |" n4 g8 Z* ? T! Z+ {) r+ P, c$ u+ l

11 – ماددا دۆلەت ئايال كادىرلارنى پائال يېتىشتۈرىدۇ ۋە تاللاپ ئۆستۈرىدۇ.

0 d" W! R8 d2 I/ s3 t7 _ $ c+ F, b1 T) K1 f8 h

دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار كادىرلارنى ئىشقا قويغاندا، ئەر – ئاياللار باراۋەر بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئايال رەھبىرىي كادىرلارنى يېتىشتۈرۈشكە، تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

]! C9 a$ V; v: C0 K" w( w( S" V l! ^/ E

دۆلەت ئاز سانلىق مىللەت ئايال كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

+ {9 a( ~3 s( {- [) e6 [ 6 h; f+ ?5 ]1 Q7 H7 ` n

12 – ماددا ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى ۋە باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى دۆلەت ئورگانلىرىغا، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارغا ئايال كادىرلارنى تونۇشتۇرسا بولىدۇ.

2 E/ i& h/ ?* |* i# x3 b ( k; K/ t4 c, {! x

13 – ماددا ئالاقىدار تارماقلار ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش توغرىسىدىكى تەنقىد ياكى مۇۋاپىق تەكلىپلەرنى ئاڭلىشى ۋە قوبۇل قىلىشى، ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز يەتكۈزگەنلىك توغرىسىدىكى ئەرز – شىكايەت ۋە پاش قىلىش مەسىلىلىرىنى ئالاقىدار تارماقلار پاكىتلىرىنى ئېنىقلاپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى لازىم. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ بېسىپ قويۇشىغا ياكى زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىشىغا بولمايدۇ.

2 {# ~) g u O' D. V+ F! ~' Z 6 o3 L; F0 e( @6 n" n' M

 

6 w Z5 T% v6 W1 m3 a! \3 E+ r7 n

3 – باب مەدەنىيەت، مائارىپ ھوقۇق – مەنپەئىتى

; |1 r' @; s5 r$ _6 \; d ( ?4 C/ v; _- y9 ^. O" T- |

14 – ماددا دۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر مەدەنىيەت، مائارىپ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

) [3 Y. N$ ^4 Q2 X2 c . A6 K' y2 N+ k0 @1 Q

15 – ماددا مەكتەپلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىشى، ئاياللارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش، يۇقىرى مەكتەپلەرگە چىقىش، ئوقۇش پۈتتۈرۈش تەقسىماتى، ئىلمىي ئۇنۋان ئېلىش، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

1 A7 u Q8 {+ h& |" v) r4 @ $ }( z8 P: z& p! z) o7 A. ^ F+ z

16 – ماددا مەكتەپلەر ياش – ئۆسمۈر قىزلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن مائارىپ، باشقۇرۇش، مۇئەسسەسە قاتارلىق جەھەتلەردە تەدبىر قوللىنىپ، ياش – ئۆسمۈر قىزلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

! q& L0 Q+ f* u, t' |% n' B @8 z# { 2 f% g! r% ^& {% f" W

17 – ماددا ئاتا – ئانىلار ياكى ئۇلارنىڭ ھامىيلىرى ئوقۇش يېشىغا يەتكەن ئۆسمۈر بالا قىزلارنىڭ مەجبۇرىي مائارىپنى قوبۇل قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم.

1 F6 J2 n- S" T) a7 B- O, R : j; B8 G: m% S1 i- q6 g

جىددىي كېسەللىك ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈر بالا قىزلارنى مەكتەپكە بەرمىگەن ئاتا – ئانىلار ياكى ئۇلارنىڭ ھامىيلىرىغا شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى تەنقىدىي تەربىيە بېرىشى ھەم ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنى ئۆسمۈر بالا قىزلىرىنى مەكتەپكە بېرىشكە بۇيرۇشى لازىم.

4 y7 f* |/ Y) a3 k3 B7 ?/ e6 `, h) Z' ]& Y

ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈر بالا قىزلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۆسمۈر بالا قىزلارنىڭ شۇ جايدا بەلگىلەنگەن يىل چەكلىمىسى بويىچە مەجبۇرىي مائارىپنى قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

+ P5 k2 r3 c$ N# r0 b$ e& i; f ( \) e# z& X. s/ I6 g

18 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلىمە بويىچە ئاياللار ئارىسىدىكى ساۋاتسىزلىق، چالا ساۋاتلىقلارنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ۋە ساۋاتسىزلىق تۈگىتىلگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق تەربىيىلەش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەشكىلىي شەكىل ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى كونكرېت يولغا قويۇشقا ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە نازارەتچىلىك قىلىشى لازىم.

% v4 T; b3 D2 S! R* j$ N3 y$ U 4 g* {4 ~- q( \9 c. \" S1 X. p

19 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار تەدبىر قوللىنىپ، ئاياللارنى كەسپىي مائارىپ ۋە تېخنىكا تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇشى لازىم.

9 S6 U9 E5 G% f' i6 Y + [: g# w8 z2 g0 b: y

20 – ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە كارخانا كەسپىي ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىشى، ئاياللارنىڭ ئىلىم – پەن، تېخنىكا، ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە باشقا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا، ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

# r0 Z3 B7 s3 n- c+ @* g" n* R4 j5 Y: s0 }4 c$ `( V. i

 

4 h+ J6 F5 I" m* Y % g' o9 A# J0 Z2 Z: a, Y& C, M! R

4 – باب ئەمگەك ھوقۇق – مەنپەئىتى

! w) |# Z, D$ M+ W7 s# u' v$ } y5 k* S. X4 I7 [% Y% Y* x

21 – ماددا دۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر ئەمگەك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

: A# \7 O/ C3 D, N 5 A/ ?$ [% w9 ~" u, ^: B

22 – ماددا ھەرقايسى ئورۇنلار ئىشچى – خىزمەتچى ئالغاندا ئاياللارغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئىش تۈرى ياكى ئىش ئورۇنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا جىنسىي ئايرىمىسى تۈپەيلىدىن ئاياللارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىشقا ياكى ئاياللارنى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈۋېلىشقا بولمايدۇ.

6 I9 V* d/ W4 o) b7 r! I $ ~+ w2 k3 R' P- s* Z) F) o

16 ياشقا توشمىغان قىزلارنى ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

% ~+ p- ]9 b% x 6 y# _8 a$ o" r* x7 V7 g5 y' y

23 – ماددا ئەر – ئاياللارنىڭ ئوخشاش ئىشىغا ئوخشاش ھەق بېرىلىدۇ.

0 K% i, q4 {8 V# i, g* I9 U2 a 6 |9 @1 M. }* L

تۇرالغۇ ئۆي تەقسىماتى ۋە پاراۋانلىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش جەھەتتە ئەرلەر بىلەن ئاياللار باراۋەر بولىدۇ.

" \% k6 k% p6 R' W0 x) U: @4 Z* w0 m c, g: c, m

24 – ماددا ۋەزىپە، دەرىجە، كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسىنى باھالاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەر – ئاياللار باراۋەر بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئاياللارنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ.

* I! d4 N4 n( h T8 C + o+ j/ h. B) J' r. G! `7 W% {4 @

25 – ماددا ھەرقانداق ئورۇن ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، ئاياللارنىڭ خىزمەت ۋە ئەمگەكتىكى بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى كېرەك، ئاياللارنى ئاياللار شۇغۇللىنىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان خىزمەت ياكى ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

3 g1 B$ ^6 ?) {" t3 m ^& _0 J- f: W9 e1 n$ h

ئاياللار ھەيز مەزگىلى، ھامىلىدارلىق مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى، بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە ئالاھىدە قوغدىلىدۇ.

7 E( d4 G ]! A* ]: L8 M8 _6 a& z7 l8 H1 u

26 – ماددا ھەرقانداق ئورۇننىڭ تويلىشىشلىنىش، ھامىلىدار بولۇش، تۇغۇت دەم ئېلىشى، بالا ئېمىتىش قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن بوشىتىۋېتىشىگە ياكى ئەمگەك توختامىنى ئۆز ئالدىغا بىكار قىلىۋېتىشىگە بولمايدۇ.

/ u& b2 B, c7 ]2 ]) e! W( A9 X - |2 } P- V" \# o

27 – ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋە تېببىي داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ياشانغان، كېسەل بولغان ياكى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان ئاياللارنىڭ ماددىي ياردەمگە ئېرىشىشىگە شەرت – شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ.

' ]& i8 K, s" K7 `$ B( v9 n) ~5 J6 i K6 {. E5 R' g7 `" E

 

0 s) \' y7 d. `, ~9 k ' [& l- }# Z1 w6 _) s" ^/ Q* L

5 – باب مال – مۈلۈك ھوقۇق – مەنپەئىتى

5 l9 X5 @0 B8 L1 j p6 y9 { [% U B L+ T

28 – ماددا دۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر مال – مۈلۈك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

) l7 n5 K2 {6 S4 c6 X3 M1 P5 b0 ]: z N6 l4 n& {0 D

29 – ماددا تويلىشىشلىنىش، ئائىلىدىكى ئورتاق مال – مۈلۈك مۇناسىۋىتىدە ئاياللارنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

; ^/ t7 F# t- G( M! o. A" M3 |: Q+ V: R- } m- O% w# I/ ~& N& {

30 – ماددا يېزىلاردا مەسئۇلىيەت ئېتىزى، ئوزۇقلۇق ئاشلىق ئېتىزى قاتارلىقلارنى بۆلگەندە، ئۆي ئورنى تەستىقلىغاندا، ئاياللار ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئاياللارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

3 b5 c/ X9 V# y$ j# Z' G, b. }& E- N8 T$ ~6 ]

ئاياللار تويلىشىشلانغان، تويلىشىشتىن ئاجراشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ مەسئۇلىيەت ئېتىزى، ئوزۇقلۇق ئاشلىق ئېتىزى ۋە ئۆي ئورنى يېرى قاتارلىقلار كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.

1 c$ d) ]) H1 E. a; b) X! p. A 4 h5 R. r4 j( a7 ~' L

31 – ماددا ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولغان مال – مۈلۈككە مىراسخورلۇق قىلىش ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، ئوخشاش تەرتىپتىكى قانۇنىي مىراسخورلار ئىچىدە ئاياللارنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ.

2 c# _9 R/ J. k: v4 {2 c ! G, C9 U% m8 Y3 m& Z' a

جورىسى قازا قىلىپ كەتكەن ئاياللار مىراس ئالغان مال – مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ھەرقانداق كىشىنىڭ ئارىلىشىغا بولمايدۇ.

. K" M4 `; p+ I$ x1 A ) j, n D. ~' L0 C5 ]& S& A. q

32 – ماددا جورىسى قازا قىلىپ كەتكەن ئاياللار قېيناتىسى، قېينانىسى ئالدىدا ئاساسلىق بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولسا، قېيناتا، قېينانىنىڭ بىرىنچى تەرتىپتىكى قانۇنىي مىراسخورى بولىدۇ. ئۇنىڭ مىراسخورلۇق ھوقۇقى پەرزەنتلىرىنىڭ ۋارىسلىق مىراسخورلۇقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.

3 ]. p! q% p" x% I S9 Y0 m) G0 M ' `; x5 K0 w- u' }, R- h

 

% X/ P6 b5 |9 h3 {" b- i' R& l# U + E& Y- N# j; V' e: m) n& b

6 – باب جىسمانىي ھوقۇق

% e1 A) B) l& Z 9 [9 w6 e6 v" X& j% F1 E* d) }

33 – ماددا دۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر جىسمانىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

0 S) [3 ?# G+ N7 {! l + |9 P# ]2 t5 g1 R

34 – ماددا ئاياللارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە دەخلى – تەرۇز قىلىشقا بولمايدۇ. قانۇنسىز ھالدا نەزەربەند قىلىش ۋە باشقا قانۇنسىز ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئاياللارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى تارتىۋېلىش ياكى چەكلەش مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئاياللارنىڭ يېنىنى قانۇنسىز ئاختۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

" ~* a! p( A* G% o2 X + E/ x7 S& b& A) W

35 – ماددا ئاياللارنىڭ ساغلام ياشاش ھوقۇقى دەخلى – تەرۇزغا ئۇچرىمايدۇ. قىز بوۋاقلارنى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈش، تاشلىۋېتىش، ناكار قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ قىز تۇغقان ئاياللارنى ھەم تۇغماس ئاياللارنى كەمسىتىش، خارلاش مەنئى قىلىنىدۇ؛ خۇراپىي زورلۇق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ ئاياللارنى ناكار قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ ياشانغان ئاياللارنى خورلاش، باقماي تاشلىۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

9 C3 s( s! h& y6 A5 l* q6 W( M % G& |0 T" c0 V0 H6 I- ?) K

36 – ماددا ئاياللارنى ئالداپ سېتىش، تۇتقۇن قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئالداپ سېتىلغان، تۇتقۇن قىلىنغان ئاياللارنى سېتىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

9 T8 L& n% z) Y: {% k( m Q1 q # H, f/ w; r, ]; T3 I

خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئالداپ سېتىۋېتىلگەن، تۇتقۇن قىلىنغان ئاياللارنى قۇتۇلدۇرۇشى لازىم. ئالداپ سېتىۋېتىلگەن، تۇتقۇن قىلىنغان ئاياللارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەنلىرىنى ھەرقانداق كىشىنىڭ كەمسىتىشىگە بولمايدۇ. شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم.

. \/ M/ V# Z, |; U D# a. v# G9 W, F/ K; v, V0 ~

37 – ماددا ئىپپەت – نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

7 C7 Y% V# p5 n6 P0 u* ^# N6 S4 {" Q: Q0 b5 w! \: H

ئاياللارنى ئىپپەت – نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرۇش، زورلاش، ئالداپ ئېزىقتۇرۇش، سولاپ بېرىش، ئاياللارنى ئىپپەت – نومۇسىنى سېتىشقا تونۇشتۇرۇش، ياللىۋېلىش، ئاياللارنى باشقىلار بىلەن ئويناشقا سولاپ بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ.

1 O; A# W0 B- V3 q0 j( E' e8 Z, I* w

38 – ماددا ئاياللارنىڭ سۈرەت ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، پايدا ئېلىش مەقسىتىدە ئېلان، سودا ماركىسى، كۆرگەزمە دېرىزىلىرى، كىتاب – ژۇرناللاردا ئاياللارنىڭ سۈرىتىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

# V3 Z2 }2 W% {8 X5 c4 o U# t! a , ?# ^, z3 O4 q8 W

39 – ماددا ئاياللارنىڭ نام – شۆھرەت ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ئىززەت – ھۆرمىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ھاقارەت قىلىش، تۆھمەت قىلىش، خۇپىيانە سىرىنى سىرتقا يېيىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئاياللارنىڭ نام – شۆھرىتى ۋە كىشىلىك غۇرۇرىغا زىيان يەتكۈزۈش مەنئى قىلىنىدۇ.

$ L% ^3 Q- J8 X 5 {( W9 v: e2 N5 n2 G+ ~

 

/ v/ M3 C0 c/ A4 J+ P * c. J1 d( b+ L" w! V) u$ ^

7 – باب تويلىشىش، ئائىلە ھوقۇق – مەنپەئىتى

7 C. \- e% `' e7 p# W& m 1 T( S7 U5 L! V

40 – ماددا دۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر تويلىشىشلىنىش، ئائىلە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

+ {! x- |" E5 ^3 V+ S- b3 B/ k' s 0 S+ G, D. ?/ \/ T$ L, J

41 – ماددا دۆلەت ئاياللارنىڭ تويلىشىشتا ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ. ئاياللارنىڭ تويلىشىشلىنىش، تويلىشىشتىن ئاجرىشىش ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىش مەنئى قىلىنىدۇ.

3 `. ]; t6 e/ [2 O! J7 v! L( l! v- T7 f' F' D! F$ T

42 – ماددا ئايال تەرەپ پىلانلىق تۇغۇتتىكى تەلەپلەر بويىچە ھامىلىدار بولۇشنى توختاتسا، ئوپېراتسىيىدىن كېيىن ئالتە ئايغىچە ئەر تەرەپ تويلىشىشتىن ئاجرىشىش تەلىپىنى قويۇشقا بولمايدۇ. ئايال تەرەپ تويلىشىشتىن ئاجرىشىش تەلىپىنى قويغانلار ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ئەر تەرەپنىڭ تويلىشىشتىن ئاجرىشىش تەلىپىنى قوبۇل قىلىش ھەقىقەتەن زۆرۈر دەپ قارىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

4 T* m! j5 V* L5 O5 c8 { . k2 |% }" }+ b5 X3 p

43 – ماددا ئاياللارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەر – ئايالنىڭ ئورتاق مال – مۈلكىدىن جورىسى بىلەن باراۋەر بەھرىمەن بولىدىغان ئىگىلەش، ئىشلىتىش، مەنپەئەتلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى ئىككى تەرەپنىڭ كىرىم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.

7 ~$ L* v" E k# K; T- N! a4 ? ` ! h$ j7 Y8 ^" w& D$ y, X

44 – ماددا دۆلەت تويلىشىشتىن ئاجراشقان ئاياللارنىڭ تۇرالغۇ ئۆيگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ.

+ T5 g* V1 f; ^* C. l# [* y6 L , s+ \4 B) A1 P: x, S9 r

ئەر – ئايالنىڭ ئورتاق ئۆي – جايى بولسا، تويلىشىشتىن ئاجراشقاندا ئۆي – جاينى بۆلۈشۈش ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىمى ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ. پۈتۈشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىككى تەرەپنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ، ئايال تەرەپ ۋە پەرزەنتلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە ئېتىبار قىلىش پرىنسىپى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئەر – ئايال ئىككى تەرەپنىڭ باشقا پۈتۈمى بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

D/ p( Z }3 w ! o: y: i+ R5 Y- p

ئەر – ئايال ئورتاق ئىجارىگە ئېلىپ ئىشلىتىۋاتقان ئۆي بولسا، تويلىشىشتىن ئاجراشقاندا، ئايال تەرەپنىڭ تۇرالغۇ ئۆيى ئايال تەرەپ ۋە پەرزەنتلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە ئېتىبار بېرىش پرىنسىپى بويىچە كېلىشىم ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.

( u* m' R5 ]+ X- o* l- C$ }" A2 I# V

ئەر – ئايالنىڭ تۇرالغۇ ئۆيى ئەر تەرەپ ئىشلەۋاتقان ئورۇندا بولسا، تويلىشىشتىن ئاجراشقاندا ئايال تەرەپنىڭ تۇرىدىغان جايى بولمىسا، ئەر تەرەپ شەرتلىك ھالدا ياردەم قىلىپ ھەل قىلىپ بېرىشى كېرەك.

0 [/ s: _3 U6 P" N, E : t1 W" y0 \) ?7 L: v

45 – ماددا ئاتا – ئانا ھەر ئىككى تەرەپ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنى ھامىيلىقىغا ئېلىش ھوقۇقىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولىدۇ.

1 i0 {! W( P* w * J5 J+ B* n: n- H4 V

ئاتىسى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يوقاتقان بولسا ياكى باشقا ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەرنى ھامىيلىقىغا ئېلىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان بولسا، ھەرقانداق كىشىنىڭ ئانىسىنىڭ ھامىيلىقىغا ئېلىش ھوقۇقىغا ئارىلىشىشىغا بولمايدۇ.

) v( Q- p) S( H9 Z, b: } $ _- Q# ]2 `3 y, Y

46 – ماددا تويلىشىشتىن ئاجراشقاندا، ئايال تەرەپ تۇغماسلىق ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغان ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۇغۇش ئىقتىدارىنى يوقاتقان بولسا، پەرزەنتلىرىنى بېقىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا پەرزەنتلىرىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە پايدىلىق بولۇش شەرتى ئاستىدا ئايال تەرەپنىڭ مۇۋاپىق تەلىپىگە ئېتىبار بېرىش كېرەك.

+ l; n/ J; S o & M4 r( }4 q; I% a& k

47 – ماددا ئاياللارنىڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بالا تۇغۇش، بېقىش ھوقۇقى بولىدۇ، شۇنداقلا تۇغماسلىق ئەركىنلىكىمۇ بولىدۇ.

8 b8 L' Q! {3 }) l! _ o 5 c7 I) f) Q1 o7 N& a

تۇغۇت يېشىدىكى ئەر – ئايال ئىككى تەرەپ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويماقچى بولسا، ئالاقىدار تارماقلار بىخەتەر، ئۈنۈملۈك تۇغۇتتىن ساقلىنىش دورا سايمانلىرى ۋە تېخنىكىسى بىلەن تەمىن ئېتىشى، تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغان ئاياللارنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

3 q% R! f' m3 n- t0 s) A. h q* C- Q

 

( g% n1 g0 p9 b$ S C$ d ( \: \: r) n: j# `' u7 Y' f- x5 M4 n7 w2 h

8 – باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

7 H) ^; \1 R! ?* u2 A( | # m/ @1 Z0 m9 f$ N6 U7 l

48 – ماددا ئاياللارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتى دەخلى – تەرۇزغا ئۇچرىغاندا، دەخلى – تەرۇزغا ئۇچرىغۇچى ئالاقىدار باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا ياكى قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇشقا ھوقۇقلۇق.

' i# {6 H% h! [" J L g/ n1 g4 Z3 f* m

ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتى دەخلى – تەرۇزغا ئۇچرىغاندا، دەخلى – تەرۇزغا ئۇچرىغۇچى ئاياللار تەشكىلاتىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ، ئاياللار تەشكىلاتلىرى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ياكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، دەخلى – تەرۇزغا ئۇچرىغان ئايالنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىشى لازىم.

+ L' I" _: } |) \! l" e/ ]7 M# S5 f* u8 z! R$ S' B

49 – ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئاياللارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز يەتكۈزگەنلەرگە، باشقا قانۇن، نىزاملاردا جازا بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ قانۇن، نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

8 `. W3 i. ?2 z* z ' F- W4 O3 M% q

50 – ماددا ئاياللارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇسا ھەم كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار خادىملارغا مەمۇرىي چارە كۆرسە بولىدۇ:

2 Q2 V. L. _. R' M- B" G & u) ~' \" H2 g% x3 ~$ H

(1) ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈشكە ئالاقىدار بولغان ئەرز – شىكايەت، پاش قىلىش مەسىلىلىرىنى ئىتتىرىپ قويۇش، ئارقىغا سۆرەش، بېسىپ قويۇپ بىر تەرەپ قىلماسلىق؛

! K: F* }* ` U$ e5 \ 9 o2 k- Q5 C2 n

(2) قانۇن، نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئاياللارنى قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىش ياكى ئاياللارنى قوبۇل قىلىش شەرتىنى ئۆستۈرۈۋېلىش؛

0 ?) K" P5 H- ]) _3 Z/ O% m' [6 N' Q1 N0 s6 ]+ Y

(3) ئۆي تەقسىم قىلىش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسىنى باھالاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەر – ئاياللار باراۋەر بولۇش پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئاياللارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز قىلىش؛

$ B( ]) D4 M+ s6 H. W , z5 e+ T W0 `3 A6 A$ g8 D

(4) تويلىشىشلىنىش، ھامىلىدار بولۇش، تۇغۇت دەم ئېلىشى، بالا ئېمىتىش قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى خىزمەتتىن بوشىتىۋېتىش؛

: X: _* s1 U" U3 H 8 w4 I' K8 k. @7 m9 L' L

(5) مەسئۇلىيەت ئېتىزى، ئوزۇقلۇق ئاشلىق ئېتىزى قاتارلىقلارنى بۆلۈش، ئۆي ئورنى تەستىقلاشتا ئەر – ئايال باراۋەر بولۇش پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئاياللارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈش؛

- B! z& @/ u( `" q2 C 3 h# `) o( s6 L# d4 o O5 c

(6) ئوقۇشقا كىرىش، يۇقىرى مەكتەپكە چىقىش، ئوقۇش پۈتتۈرۈش تەقسىماتى، ئۇنۋان بېرىش، چەت ئەلدە ئوقۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەر – ئاياللار باراۋەر بولۇش پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئاياللارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈش؛

( |; o7 g7 T% D4 H. T" Q4 I( X1 j; O& w3 q6 O9 k

ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشلىرى ئۈستىدىن ئەرز بەرگەن، شىكايەت قىلغان، پاش قىلغانلاردىن زەربە بېرىپ ئۆچ ئالغانلارنى تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ياكى ئۇنىڭغا مەمۇرىي جازا بېرىدۇ. دۆلەت خادىملىرى ئۆچ ئېلىپ زەربە بېرىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن بولسا، ئۇلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 146 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

5 @0 y& C9 f$ T# r 9 @1 t+ U6 O7 Y" M3 R N" O! U

51 – ماددا ئاياللارنى باشقىلار بىلەن ئويناشقا ياللىغان، سولاپ بەرگەنلەر ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش ۋە جازالاش نىزامىنىڭ 19 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولۇپ جىنايەت شەكللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 160 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

/ \ T) U7 \7 l6 O4 d4 C 5 _2 H/ J! b" L

52 – ماددا ئاياللارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈپ، مال – مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتقان ياكى باشقا زىيان پەيدا قىلغانلار قانۇن بويىچە تۆلەپ بېرىشى ياكى باشقا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

9 }; z3 g+ \( y& y' L 7 x0 Z% [! Y! o, m: U

 

0 c6 r! n Z; u: d; _0 D% r9 a* B$ h& R4 D2 y1 w" }4 B

9 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

+ {( A/ p. H: d/ n: }* q3 z/ o . {4 I; e$ W. F/ {5 l8 `2 g ]% \

53 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بۇ قانۇنغا ئاساسەن ئالاقىدار نىزام تۈزۈپ چىقىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىپ يولغا قويسا بولىدۇ.

8 @2 t. V+ f) s 3 Q, P6 ^5 r5 k! f

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى بۇ قانۇنغا ئاساسەن، يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.

7 T1 J0 x9 X+ w9 M# e! V4 { 3 o$ V+ u. a3 F5 v" E

مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردىكى خەلق قۇرۇلتايلىرى بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن پرىنسىپلارغا ئاساسەن، شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىلگەن ياكى تولۇقلانغان بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ بەلگىلىمىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ؛ ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەرنىڭ بەلگىلىمىسى ئۆلكە ياكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ ھەم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.

* {, p2 w' b: R% d+ _; a1 Z 8 W1 L8 g. t# m) D$ ^

54 – ماددا بۇ قانۇن 1992 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

$ C+ g8 u: r# F+ Q0 Y- G 5 S. E* J3 V; l" K8 v7 |

 

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.