بېلەت ياساش، ھايىنىغا سېتىش جىنايىتى ۋە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان جازا
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 4840 قېتىم كۆرۈلدى

بېلەت ياساش، ھايىنىغا سېتىش جىنايىتى ۋە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان جازا
: h- |' P: F& a) K( W( M1 X1 O1 B 5 k( R( Y6 l7 n" I$ ^. R1 j

  بېلەت ياساش ۋە ئۇنى ھايىنىغا سېتىش جىنايىتى ئاپتوموبىل، پويىز، ئايروپىلان ۋە كېمە – پاراخوت بېلىتى، پوچتا ماركىسى ھەمدە باشقا قىممىتى بار بېلەتلەرنى ياساش ياكى شۇ خىل يالغان بېلەتلەرنى ھايىنىغا سېتىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ جىنايەتنىڭ دەخلى – تەرۇز ئوبيېكتى دۆلەتنىڭ قىممىتى بار بېلەتلەرنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى بۇزۇشتۇر. بۇ جىنايەتنىڭ سۇبيېكتى ئادەتتىكى سۇبيېكت بولۇپ، قەستەن ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتكە تەۋە. ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 227 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغانلاردىن سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. بېلەت باھاسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ئالاھىدە كۆپ بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، بېلەت باھاسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئاپتوموبىل، پويىز، ئايروپىلان، كېمە – پاراخوت بېلىتىنى ھايىنىغا ساتقانلاردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ساتقان بېلىتىنىڭ باھاسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.
2 T9 H% T5 s8 u5 v$ }/ m5 k! ~! ]     ئەكرەمجان تەييارلىغان

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.