ۋەسىيەت قىلغۇچى بىر نەچچە ۋەسىيەت قالدۇرغان بولسا، قايسىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك؟
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 4259 قېتىم كۆرۈلدى

ۋەسىيەت قىلغۇچى بىر نەچچە ۋەسىيەت قالدۇرغان بولسا، قايسىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك؟
e* p8 ^+ s7 s) V' X تۇرغۇن ئۆمەر
, K9 ?" b+ E$ _ - m* B6 s2 ^- X' B" A G% a


u- S2 A3 t& W4 i8 J   دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇن ۋە ئالاقىدار ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ۋەسىيەت قىلغۇچى بىر نەچچە ۋەسىيەت قالدۇرغان بولسا، كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن، ۋەسىيەتنىڭ ئۈنۈمىنى بېكىتىش كېرەك.
5 j$ n+ i% ?; p6 L* K( i
+ W; V% ~' u; f& |: g( j    1) ۋەسىيەت قىلغۇچى قالدۇرغان بىر نەچچە ۋەسىيەتنىڭ مەزمۇنى بىر – بىرىگە زىت كەلمىسە، ۋەسىيەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ۋارىسلىق ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە بېجىرىش كېرەك؛
S* d5 k$ L. p0 m/ a5 h
' ]( s4 K% K5 a; ~) L, |; b   2) ۋەسىيەت قىلغۇچى قالدۇرغان بىر نەچچە ۋەسىيەتنىڭ مەزمۇنى بىر – بىرىگە زىت كەلسە، دۆلىتىمىز ‹‹ۋارىسلىق قانۇنى››نىڭ 20 – ماددىسىدىكى ‹‹بىر نەچچە ۋەسىيەتنىڭ مەزمۇنى بىر – بىرىگە زىت كەلسە، ئاخىرقى ۋەسىيەتنى ئاساس قىلىش كېرەك›› دېگەن بەلگىلىمىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؛
) K: l' ]& ^' g6 `; C/ H8 i( G
. g, V+ X' a9 [$ N5 W    3) ۋەسىيەت قىلغۇچى قالدۇرغان بىر نەچچە ۋەسىيەت ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئوتكۈزۈلگەن ۋەسىيەتنىڭ مەزمۇنى بىلەن زىت كەلسە، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ۋەسىيەتنى ئاساس قىلىش كېرەك.
, h" Y5 }) L; U4 Z0 A
# t( H; ~; c- D' N9 \7 g5 C   ‹‹ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ <ۋارىسلىق قانۇنى>نى ئىجرا قىلىشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكرى››نىڭ 42 – ماددىسىدا ‹‹ۋەسىيەت قىلغۇچى ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە مەزمۇنى بىر – بىرىگە زىت كېلىدىغان بىر نەچچە ۋەسىيەت قالدۇرغان بولسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ۋەسىيەتلەردىن ئەڭ ئاخىرىدا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگىنىنى ئاساس قىلىش كېرەك، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن ۋەسىيەتتە، ئاخىرىدا قالدۇرغىنىنى ئاساس قىلىش كېرەك›› دەپ بەلگىلەنگەن .

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.