يانفون قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن قەرز ھۆججىتى ئېتىراپ قىلىنامدۇ
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 8151 قېتىم كۆرۈلدى

يانفون قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن قەرز ھۆججىتى ئېتىراپ قىلىنامدۇ
! O% J3 c$ ~1 S ( i0 I- _' \8 E% V1 F q

پەن تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، قەغەز يۈزىدە يېزىلىدىغان نۇرغۇن ھۆججەتلەرنىڭ ئورنىنى يانفون ئۇچۇرى ئىگىلىدى. ئۇنداقتا باشقىلاردىن پۇل قەرز ئالغاندا، يانفون قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىقلا قەرز ھۆججىتى ئەۋەتىشكە بولامدۇ؟ بۇنىڭ قانۇنىي ئۆنۈمى بارمۇ؟
5 W% z# E ?+ ]% F# ] بۇنىڭ جاۋابى سىزنىڭ كۈتكەن يېرىڭىزدىن چىقىدۇ. ھەقدارلىق – قەرزدارلىق مۇناسىۋىتىنى يانفون قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىقمۇ ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ. ‹‹توختام قانۇنى›› دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئالاقىدارلار توختام تۈزگەندە، يازمىچە شەكىل، ئاغزاكى شەكىل ۋە باشقا شەكىللەرنى قوللانسا بولىدۇ. قانۇن، مەمۇرىي قانۇن – نىزاملاردا يازمىچە شەكىل قوللىنىش بەلگىلەنگەنلىرى يازمىچە شەكىل قوللىنىش كېرەك.
- r: ?% ^, _& Z1 Iيانفون قىسقا ئۇچۇرىنىڭ دەلىل – ئىسپات قاتارىدا بېكىتىلىش – بېكىتىلمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا يانفون قىسقا ئۇچۇرىنىڭ ئوبىيكىتىپچانلىقى، قانۇنلۇقلۇقى ۋە باغلىنىشچانلىقىغا قاراش كېرەك. ئەگەر يانفون قىسقا ئۇچۇرىنى ھەقىقەتەن قەرز ئالغۇچى يازغان ھەم ئۆزى يولىغان ھەمدە قىسقا ئۇچۇر يوللانغان يانفون نومۇرى قەرز ئالغۇچىنىڭ نامىدا بولسا، شۇنداقلا قىسقا ئۇچۇر مەزمونىنى قەرز بەرگۈچى ئۆزگەرتىۋەتمىگەن بولسا، بۇ قىسقا ئۇچۇر قەرز ھۆججىتىنى دەل – ئىسپات قاتارىدا قوللىنىشقا بولىدۇ.
* d: v" \) S+ } E+ H, ^; mبۇ بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم ئېلىم – بېرىم ئىشلىرىدا يانفون قىسقا ئۇچۇرىدىن پايدىلىنىپلا مۇئامىلە قىلىڭلار، دېگەنلىك ئەمەس، ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، قەغەز يۈزىگە يېزىلغان قەرز ھۆججىتى ئەڭ بىخەتەر ھەم ئىشەنچىلىك بولىدۇ، ئىمكانىيەت بولسىلا قەغەز ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

. x7 ^/ T. V6 D3 ]! H8 Cشىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتلىق ئورنىدىن مۇھەممەت ئابلىمىت ئۆزقۇت

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.