يەر ھۆددە بەرگۈچىلەر قانداق ئەھۋالدا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 5884 قېتىم كۆرۈلدى

يەر ھۆددە بەرگۈچىلەر قانداق ئەھۋالدا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ
, [7 g, x7 M! c& d" {! ] ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا يەر ھۆددىگەرلىك قانۇنى››نىڭ 53 – ماددىسىدا: ‹‹ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسلەردىن يەر ھۆددە ئالغۇچىنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز يەتكۈزگەنلەر ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك›› دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، 54 – ماددىسىدا: ‹‹ھۆددە بەرگۈچىلەردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى دەخلى – تەرۇزنى توختىتىش، ئەسلى نەرسىسىنى قايتۇرۇش، ئەسلى ھالىتىگە كەلتۈرۈش، توسالغۇنى، خەتەرنى تۈگىتىش، زىياننى تۆلەش قاتارلىق ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك›› دەپ بەلگىلەنگەن. بۇلار:
3 H) g/ D3 Z: B# X% }8 w+ V5 u     (1) ھۆددە ئالغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ئىشلەپچىقىرىش، باشقۇرۇشتا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش؛ (2) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھۆددە يېرىنى قايتۇرۇۋېلىش، تەڭشەش؛ (3) ھۆددە ئالغۇچىنى يەر ھۆددىگەرلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئايلاندۇرۇشقا مەجبۇرلاش ياكى ئۇنىڭغا توسالغۇ بولۇش؛ (4) ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇشنى باھانە قىلىپ، ھۆددە ئالغۇچىنى يەر ھۆددىگەرلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشكە ياكى ئۇنى ئۆزگەرتىشكە، يەر ھۆددىگەرلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئايلاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش؛ (5) ‹‹ئوزۇقلۇق ئاشلىق ئېتىزى›› ۋە ‹‹مەسئۇلىيەت ئېتىزى››غا ئايرىش باھانىسى بىلەن ھۆددە يېرىنى قايتۇرۇۋېلىپ، خېرىدار چاقىرىپ ھۆددە بېرىش؛ (6) ھۆددە يېرىنى قەرز پۇلغا ھېسابلاپ قايتۇرۇۋېلىش؛ (7) ئاياللارنى قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان يەر ھۆددىگەرلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش ۋە ئۇلارغا زىيان يەتكۈزۈش؛ (8) يەر ھۆددىگەرلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىدىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلىش.

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.