سىناق ئىشلەۋاتقان مەزگىلىدە ئەمگەكچىگە مائاش بېرىش كېرەكمۇ
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 4706 قېتىم كۆرۈلدى

سىناق ئىشلەۋاتقان مەزگىلىدە ئەمگەكچىگە مائاش بېرىش كېرەكمۇ
4 p8 |# J$ y9 T+ J8 n" h" Rمۇھەممەت ئابلىمىت ئۆزقۇت
$ \9 ?+ p0 r9 d4 u& M+ c8 p4 h% a

   كارخانىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، كارخانىلار تېخىمۇ كۆپ ئىقتىساس ئىگىلىرىگە موھتاج بولماقتا، كارخانىلار خادىم قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى خادىملارنى بىر مەزگىل سىناق ئىشلىتىدۇ، ئۇنداقتا بۇ مەزگىلدە ھەقسىز ئىشلىتىش كېرەكمۇ ياكى بەلگىلىك مائاش بېرىش كېرەكمۇ؟
. w/ j+ o3 x0 y5 g   ئەمگەك توختام قانۇنىنىڭ 20 – ماددىسىدا: ‹‹ ئەمگەكچىنىڭ سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدىكى مائاشى شۇ ئورۇندىكى ئوخشاش ئىش ئورنىدىكىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاشىدىن ياكى ئەمگەك توختامىدا پۈتۈشكەن مائاشىنىڭ %80 ىدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ ھەمدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن.
; g. A$ d2 ?+ B. J4 d+ \: t, fئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر كەسىپ ياكى ئورۇنغا سىناپ ئىشلىتىش توغرا كېلىپ قالسا، ئىمزالانغان ئەمگەك توختامىنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقىغا ئاساسەن سىناق ئىشلىتىش مۇددىتىنى پۈتۈشۈش كېرەك. ئەمگەك توختام قانۇنىنىڭ 19 – ماددىسىدا: ‹‹ ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى ئۈچ ئايدىن يۇقىرى، بىر يىلدىن تۆۋەن بولسا، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى بىر ئايدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ؛ ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى بىر يىلدىن يۇقىرى، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن بولسا، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى ئىككى ئايدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ؛ ئۈچ يىلدىن يۇقىرى تۇراقلىق مۇددەتلىك ۋە تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزگەن بولسا، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى ئالتە ئايدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.
* L& H4 F' S& u% M. e6 a4 s" k  ئادەم ئىشلەتكۈچى بىر ئورۇن بىر ئەمگەكچى بىلەن سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى بىرلا قېتىم پۈتۈشىدۇ.
, O; N; O* J) J( e  مۇئەييەن ئىشنى پۈتتۈرۈش مۇددەت قىلىنغان ئەمگەك توختامىدا ياكى مۇددىتى ئۈچ ئايغا يەتمەيدىغان ئەمگەك توختامىدا سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى پۈتۈشۈشكە بولمايدۇ.
" l; M; e) Y! [6 P5 j1 h# p   ئەمگەك توختامى مۇددىتى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمگەك توختامىدا سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىلا پۈتۈشۈلگەن بولسا، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، بۇ مۇددەت ئەمگەك توختامى مۇددىتى بولىدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن.

1 \% T2 Z n3 e' M" E & t. G! U. x& |+ E/ Y* P; b+ y4 n
شىنجاڭ ئادۋوكات تورى
5 \3 ~/ i# G5 M5 G0 i  
; I+ R( n/ ?: l0 ?' B- e - k' S/ m, K$ ~6 k9 E! g4 H

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.