ئادەم قۇتقۇزغۇچى نېمە ئۈچۈن قاتناش ھادىسە مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟
救人者为何承担交通事故责任?
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 11883 قېتىم كۆرۈلدى

ئادەم قۇتقۇزغۇچى نېمە ئۈچۈن قاتناش ھادىسە مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟
0 O, z7 R2 y( T لى كېجې
' x2 W1 z9 A2 v. s3 c 3 Q" V+ b# M' H

    16 ياشلىق قىز لى شۇشۇ باتۇرلۇق بىلەن ئېتىلىپ بېرىپ، بىر ياشلىق قىزنى ئاپتوموبىل سوقۇۋېتىشتىن قۇتقۇزۇپ قالدى، ئەمما ئۇنىڭ ئوڭ پۇتى ئاپتوموبىل چاقى ئاستىدا قالدى. يېقىندا گۇڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ فوشەن شەھىرى شۇندې رايونىدىكى قاتناش ساقچىلىرى بۇ ھادىسىگە قارىتا بېكىتمە چىقىرىپ، لى شۇشۇنىڭ يولدىن توغرىسىغا ئۆتۈشى قاتناش بىخەتەرلىكىگە توسالغۇلۇق قىلىش قىلمىشىنى شەكىللەندۈرگەن، شۇڭا بۇ ھادىسىدە ئۇ بەلگىلىك مەسئۇلىيەتنى (تەخمىنەن %25) ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ قارىدى.
4 e. x7 W& g; c- b+ `% u7 G     ئادەم قۇتقۇزغۇچىنىڭ جاۋابكار بولۇپ قېلىشى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى گاڭگىرىتىپ قويدى، ئۇلار ساقچىلارنىڭ يۇقىرىقى يەكۈنىدىن گۇمانلاندى. ساقچى تەرەپ: جياڭ ۋېنۋېن (بىر ياش توققۇز ئايلىق بالا) بىلەن لى شۇشۇنىڭ زەخىملىنىشى ئىككى خىل ھادىسە، شۇڭا ھادىسە جاۋابكارلىقى ئايرىلىشى كېرەك؛ لى شۇشۇ جياڭ ۋېنۋېننىڭ يولدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈشىنى توسۇش ئۈچۈن، قاتناش بىخەتەرلىكىگە خىلاپلىق قىلغان. قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 63–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۇنىڭ سەۋەنلىكى ھادىسە سادىر بولۇشتىكى سەۋەبنىڭ بىرى، دەپ چۈشەندۈرگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى لى شۇشۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش، دەپ بېكىتكەنىدى.
1 u n- s( Z3 h* L2 g# b     مەن فوشەن شەھىرىدىكى قاتناش ساقچى ئورگانلىرىنىڭ لى شۇشۇ ئۆزىنىڭ زەخىملىنىشىدە تۆتتىن بىر قىسىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ چىقارغان يەكۈنىنىڭ قانۇنىي ئاساسى يوق، بۇ يەكۈندە ۋە ئۇنىڭ قانۇنغا تەتبىقلىنىشىدا مەسىلە بار، دەپ قارايمەن. ئۇنداقتا بۇ قاتناش ھادىسىسى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك؟
. \6 n7 Q% y* V. j& J2 T* h     مېنىڭچە، لى شۇشۇ جياڭ ۋېنۋېننى يېتىلەپ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يولدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ ھادىسە سادىر قىلغان بولسا، ئۇنى ھادىسە، دەپ بېكىتىش كېرەك. ئەمما ئەمەلىيەتتە جياڭ ۋېنۋېن ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا يولدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن، لى شۇشۇ ئادەم قۇتقۇزۇش يولىدا كۆكرەك كېرىپ چىقىپ، خەۋپكە تەۋەككۈل قىلغان. شۇڭا بۇ ئىككىسىنىڭ زەخىملىنىشىدىن كېلىپ چىققان ھادىسىدە مەسئۇلىيىتى ئوخشىمىغان ماھىيەتتىكى قانۇنىي مۇناسىۋەت سۈپىتىدە بېكىتىلسە، توغرا بولىدۇ.
0 d+ {9 L9 w: V7 \" f# z d9 M     تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، قاتناش ساقچى ئورگانلىرى بۇنى ئىككى ھادىسە، دەپ قارىغان. ئەمما يەكۈندە بىرتەرەپلىمىلىك كۆرۈلگەن. سەۋەبى قاتناش ساقچى ئورگانلىرى لى شۇشۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىشتە خاتالاشقان. ساقچىلار لى شۇشۇنىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلمىشىدا سەۋەنلىك كۆرۈلگەن، شۇڭا قىسمەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ قارىغان. ئەمەلىيەتتە، لى شۇشۇنىڭ يولنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈشى ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىشتەك قەھرىمانلىق روھى بولۇپ، ئۇنىڭدا قانۇن جەھەتتىكى قەستەنلىك ياكى سەۋەنلىك مەۋجۇت ئەمەس.
9 L* G& w, @9 I z I     لى شۇشۇ بەلگىلىك ھادىسە مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكمۇ – يوق؟ ناھايىتى روشەنكى، ئادەتتىكى قانۇن قائىدىلىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇنىڭدا سۇبيېكتىپ سەۋەنلىك مەۋجۇت ئەمەس، ئۇنىڭ ھەرىكىتى قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى شەكىللەندۈرمەيدۇ، شۇڭا ئۇ بەلگىلىك ھادىسە جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. بۇ يەكۈننىڭ ئېنىق قانۇنىي ئاساسىي بار.
3 `% ]2 X2 g# ^    2010–يىلى 1–ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ‹‹ھوقۇققا دەخلى–تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى››نىڭ 23– ماددىسىدا: باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق–مەنپەئىتىنىڭ دەخلى–تەرۇزگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش يولىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ھوقۇققا دەخلى–تەرۇز قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ھادىسىنىڭ سادىر بولۇش جەريانىدىن قارىغاندا، لى شۇشۇنىڭ يارىلىنىشى بىر ياشلىق قىز جياڭ ۋېنۋېننىڭ يولدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈۋاتقاندا تېز سۈرئەتتە كېلىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىغا سوقۇلۇپ كېتىش خەۋپى سەۋەب بولغان. لى شۇشۇ باشقىلارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنىڭ دەخلى–تەرۇزغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، باتۇرلۇق بىلەن ئېتىلىپ بېرىپ ئۆزى يارىلانغان. شۇڭا ‹‹ھوقۇققا دەخلى–تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى››دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، لى شۇشۇ ئۆزى يارىلانغانلىقنىڭ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، بۇ جاۋابكارلىقنى ھوقۇققا دەخلى–تەرۇز قىلغۇچى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئېلىمىزنىڭ قانۇننى تەتبىقلاش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، قاتناش ھادىسىلىرىدە ھوقۇققا دەخلى–تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقىنى بېكىتىشتە، چوقۇم ‹‹ھوقۇققا دەخلى–تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى››نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.
* L- B0 R* K% I. A ^5 p, o' z7 l     ئومۇمەن، لى شۇشۇ قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالماسلىقى كېرەك. فوشەن شەھەرلىك قاتناش ساقچى ئورگانلىرىنىڭ لى شۇشۇنىڭ قاتناش ھادىسىسىدە قىسمەن جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە چىقارغان يەكۈنىنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىشقا ۋە دەلىللەشكە توغرا كېلىدۇ.

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.