ﭘﻮﺟﺎﯕﺰﺍ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﯚﻟﻪﻡ ﻣﺎﺟﺮﺍﺳﯽ
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 7146 قېتىم كۆرۈلدى

ﭘﻮﺟﺎﯕﺰﺍ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﯚﻟﻪﻡ ﻣﺎﺟﺮﺍﺳﯽ
4 a3 L p+ m% s, k: k0 _; ~ . Y: X4 z9 A I0 x
     ﺑﯘﻟﺘﯘﺭ ﻓﯧﯟﺭﺍﻟﺪﺍ ﻗﯩﺰﭼﺎﻕ ﺷﻴﺎﯞ ﺩﻩﻥ ﮪﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯽ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﯩﻠﯽ ﺑﯧﺮﯨﭙـ ﻗﯘﻧﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯼ. 23 ــ ﻓﯧﯟﺭﺍﻟﺪﺍ ﺗﯧﺨﯽ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺷﻘﯩﻤﯘ ﻛﯩﺮﻣﯩﮕﻪﻥ ﺷﻴﺎﯞ ﻛﺎﯓ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯼ ﺷﻴﺎﯞ ﺩﻩﻧﻨﯩﯔ ﮪﺎﻣﻤﯩﺴﯽ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﯽ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺩﯙﯞﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺗﻨﯽ ﭼﯚﺭﯨﺪﻩﭖ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﯼ، ﺷﻴﺎﯞ ﺩﻩﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﯞﺭﻩ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﯽ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﯼ. ﺗﻮﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻛﯧﻠﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻳﯜﺯﺑﻪﺭﺩﯼ، ﺑﯩﺮ ﭘﻮﭼﺎﯕﺰﺍ ﺷﻴﺎﯞ ﻛﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﯽ ﺋﻮﺗﻘﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﭘﺎﺭﺗﯩﻠﯩﺪﯼ، ﺯﯗﯕﺰﯗﻳﯘﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺷﻴﺎﯞ ﻛﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﻮﯓ ﻛﯚﺯﯼ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﺪﯼ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ ــ ﺋﺎﻧﯩﺴﯽ ﺋﯘﻧﯽ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﻛﻜﭗ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺩﺍﯞﺍﻻﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﯓ ﻛﯚﺯﯨﻨﯽ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻠﯽ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﯼ، ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺑﺎﮪﺎﻻﺷﺘﺎ ﺷﻴﺎﯞ ﻛﺎﯓ 8 ــ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯧﻴﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯼ، ﺩﻩﭖ ﺑﺎﮪﺎﻻﻧﺪﯼ. ﺷﻴﺎﯞ ﻛﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﻮﯓ ﻛﯚﺯﯨﻨﯽ ﺋﯘ 14 ــ 15 ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻼ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﯟﻩﺗﻜﯩﻠﯽ ﺑﻮﻻﺗﺘﯽ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﯽ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭘﯘﻝ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﯽ. ﺷﻴﺎﯞ ﻛﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ ــ ﺋﺎﻧﯩﺴﯽ ﺷﻴﺎﯞ ﺩﻩﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯚﻟﻪﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﯽ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﺪﯼ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯚﻟﻪﻣﺪﻩ ﻛﯧﻠﯩﺸﻪﻟﻤﯩﺪﯼ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻴﺎﯞ ﻛﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ ــ ﺋﺎﻧﯩﺴﯽ ﺷﻴﺎﯞ ﺩﻩﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ ــ ﺋﺎﻧﯩﺴﯽ، ﮪﺎﻣﻤﯩﺴﯽ، ﻳﯧﺰﻧﻪ ﺋﺎﺗﯩﺴﯽ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺳﻮﺗﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯ ﺳﯘﻧﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺯﯨﻴﺎﻧﻼﺭﻧﯽ ﺗﯚﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﯽ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﯼ. 
. D* B5 [$ b& J. B# d8 x$ p 2 v/ ]! A% S* U: G
     ﺳﻮﺕ ﻣﻪﮪﻜﯩﻤﯩﺴﯽ ﺑﯘ ﺩﯦﻠﻮﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺷﻴﺎﯞ ﻛﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﻮﯓ ﻛﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﺸﯽ ﺋﻮﺑﯩﻴﻜﯩﺘﯩﭗ ﭘﺎﻛﯩﺖ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﮔﯘﯞﺍﮪﭽﯽ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻴﺎﯞ ﻛﺎﯕﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯽ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻛﯚﭖ ﮔﯘﯞﺍﮪﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯘﯞﺍﮪﻠﯩﻖ ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﻟﯩﻞ ــ ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﺯﻩﻧﺠﯩﺮﯼ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﺷﻴﺎﯞ ﻛﺎﯕﻨﯩﯔ ﺯﺧﻤﯩﺴﯽ ﺷﻴﺎﯞ ﺩﻩﻥ ﺋﺎﺗﻘﺎﻥ ﭘﻮﺟﺎﯕﺰﯨﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯽ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺷﻴﺎﯞ ﺩﻩﻥ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﮪﻪﻕ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺋﯩﮕﮓ ﻛﯩﺸﯽ، ﮪﻪﻕ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻣﻪﺳﺌﻮﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯽ ﺋﯜﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﯽ ﻛﯧﺮﻩك، ﺑﯘﻧﯽ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﯞﻩﺳﯩﻴﻠﯩﺮﯼ ﺋﯜﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺷﻴﺎﯞ ﺩﻩﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ ــ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﺳﯩﻴﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻗﯽ ﺷﻴﺎﯞ ﺩﻩﻧﻨﯩﯔ ﮪﺎﻣﻤﯩﺴﯽ، ﻳﯧﺰﻧﺎ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻐﺎ ﮪﺎﯞﺍﻟﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﯼ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮪﺎﻣﻤﯩﺴﯽ، ﻳﯧﺰﻧﻪﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﺳﯩﻴﻠﯩﻚ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯽ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯽ ﺑﺎﺭ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺷﻴﺎﯞ ﺩﻩﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ %70 ﻣﻪﺳﺌﻮﻟﯩﻴﻪﺗﻨﯽ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ، 222 ﻣﯩﯔ 800 ﻳﯜﻩﻧﻠﯩﻚ ﺗﯚﻟﻪﻡ ﻣﻪﺳﺌﻮﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯽ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﯽ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﮪﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﯼ
. O: ]" p6 j1 C* [4 u 4 Z2 ]/ e7 V, a) f4 @" `
شىنجاڭ ئادۋوكات تورىدىن ئۆزقۇت تەرجىمىسى

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.