سودىيە بىلەن ئادۋوكات ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋىتىنى قائىدىلەشتۈرۈپ ئەدلىيە ئادىللىقىنى قوغداش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 3899 قېتىم كۆرۈلدى

سودىيە بىلەن ئادۋوكات ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋىتىنى قائىدىلەشتۈرۈپ ئەدلىيە ئادىللىقىنى قوغداش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى

9 i) x1 l2 e4 ]8 |( P ~( l. `' e* x ]6 D7 A6 O% ]$ r
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سودىيە بىلەن ئادۋوكات ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋىتىنى قائىدىلەشتۈرۈپ ئەدلىيە ئادىللىقىنى قوغداش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى 7 ?4 n+ {) e" P% t/ E: j * E8 L4 i/ Q' V7 t% ^5 E8 K3 d

 

B( g7 {5 [2 A$ P+ u! F0 b # |; h4 s) H/ |2 X% l& ^- K9 W

سودىيە بىلەن ئادۋوكاتنىڭ دەۋا جەريانىدىكى كەسپىي ئىنتىزام جەھەتتىن چەكلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەدلىيە ئادىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سودىيىلەر قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئادۋوكاتلار قانۇنى» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قانۇن - قائىدىلەرگە ئاساسەن بۇ بەلگىلىمە تۈزۈپ چىقىلدى.

. m: O0 o5 Z: u- y/ F4 h- o0 E1 @( a, K% C

1- ماددا سودىيە بىلەن ئادۋوكات دەۋا پائالىيىتى جەريانىدا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا سادىق بولۇشى، خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشى، قانۇننىڭ ئىززىتى ۋە ئەدلىيە نوپۇزىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.

% L' |7 N9 K4 C, _" W6 }5 u2 p ! q% @8 V( c {! l* k4 c. z

2- ماددا سودىيە قەتئىي ھالدا قانۇن بويىچە دېلو بېجىرىشى، دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلار ھاۋالە قىلغان ئادۋوكاتلارنىڭ ھەر خىل مۇناسىۋەتلەردىن پايدىلىنىپ، ناتوغرا ئۇسۇل بىلەن دېلونىڭ سوت قىلىنىشىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئارىلىشىشى ياكى بېسىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك.

6 ^0 R6 d9 K o) a/ J: v" O * W& b9 g/ V. Z

3- ماددا سودىيە ئۆز ئالدىغا دەۋالاشقۇچى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان ئادۋوكات بىلەن ئايرىم كۆرۈشسە بولمايدۇ.

# X* {2 b, K7 u$ Y: D# R. ]$ j & h& N, u2 A( t4 N" S/ Z

ئادۋوكات بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سودىيە بىلەن ئايرىم كۆرۈشسە بولمايدۇ.

0 V( J) _7 M: o+ o / T& I& O7 R4 |" X

4- ماددا سودىيە ئۆزىنى چەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى قەتئىي ھالدا ئىجرا قىلىشى كېرەك. ئەگەر سودىيىنىڭ شۇ دېلودىكى دەۋالاشقۇچى ھاۋالە قىلغان ئادۋوكات بىلەن تۇغقاندارچىلىق، ساۋاقداشلىق، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىق، بۇرۇن خىزمەتداش بولۇشتەك مۇناسىۋەتلىرى بار بولۇپ، دېلونىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشىغا تەسىر يېتىش ئېھتىمالى بولسا، ئۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. سودىيىنىڭ ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ئالماسلىقىنى شۇ مەھكىمىنىڭ مەھكىمە باشلىقى ياكى سوت ھەيئىتى قارار قىلىدۇ.

0 ?% u* W- b6 z b$ \8 V) Y* C1 A 6 M; v5 e& O& W9 r

ئادۋوكاتلار قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىشلار ياكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر تۈپەيلىدىن دەۋا ۋاكالەتچىسى ياكى ئاقلىغۇچى بولسا بولمايدىغان ئەھۋال بولسا، دەۋالاشقۇچىنىڭ ھاۋالىسىنى رەت قىلىشى ياكى ۋاكالەتچىلىكنى ھاۋالە قىلىش توختىمىنى بىكار قىلىشى كېرەك.

5 ?2 @2 U9 _$ A. c" w) D( b; j3 G& K , P t8 A. p8 D

5- ماددا سودىيە ئادىل سوت قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، دەۋالاشقۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ھاۋالە قىلغان ئادۋوكاتلىرىغا شۇ دېلونىڭ سوت قىلىنىشىغا ئائىت ئەھۋاللارنى قانۇن بويىچە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. لېكىن، سوت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ.

' C. e: q# X* e, }. M0 K" N4 [1 Q - h' q& B9 _ F0 \' m$ F

ئادۋوكاتنىڭ ھەر خىل قانۇنسىز ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ دېلو ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىشىغا، قانۇنغا خىلاپ ھالدا دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋا پائالىيىتىگە خاتا يول كۆرسىتىشىگە بولمايدۇ.

1 U% Q9 ?6 y! _: T# T$ L% _; | ' Q* _- a9 z5 _* S* J& L

6- ماددا سودىيىنىڭ دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى، ئاقلىغۇچىسى بولۇشىغا، ئادۋوكات كۆرسىتىشىگە، تونۇشتۇرۇشىغا ياكى ئادۋوكاتنى ئالماشتۇرۇشقا بېشارەت قىلىشىغا ياكى ئادۋوكاتقا ھاۋالە قىلىش، ئاقلىغۇچىلىق قاتارلىق قانۇن مۇلازىمىتى كەسىپلىرىنى تونۇشتۇرۇشىغا ھەمدە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا دەۋالاشقۇچى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان ئاقلىغۇچىنى مەسلىھەت پىكرى ياكى قانۇنىي پىكىرلەر بىلەن تەمىنلىشىگە بولمايدۇ.

! Y$ a/ P @. f/ p. g$ L% _. H( E # v& w$ g& ]+ O) `0 ?0 m; S

ئادۋوكاتنىڭ ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ھالدا سودىيىنىڭ ئۆزىگە ۋاكالەتچىلىك قىلىش قاتارلىق قانۇنىي مۇلازىمەت كەسپى تونۇشتۇرۇشىنى بېشارەت قىلىشىغا بولمايدۇ.

" q5 ?+ ]9 g3 w 8 H. c% v, b& F9 J6 N

7- ماددا سودىيىنىڭ دەۋالاشقۇچىلاردىن ۋە ئۇلار ھاۋالە قىلغان ئادۋوكاتلاردىن سوۋغات، پۇل، باھالىق ئاكسىيە تەلەپ قىلىشىغا ياكى ئېلىشىغا بولمايدۇ؛ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرىنى باھانە قىلىپ ئادۋوكاتتىن سوۋغات، پۇل تەلەپ قىلىشىغا ياكى ئېلىشىغا بولمايدۇ؛ دەۋالاشقۇچى ۋە ئۇ ھاۋالە قىلغان ئادۋوكاتلارنىڭ مېھماندارچىلىقىدا بولۇشىغا بولمايدۇ؛ دەۋالاشقۇچى ۋە ئۇ ھاۋالە قىلغان ئادۋوكاتلارنىڭ مەبلەغ چىقىرىپ ئولتۇراق ئۆيلىرىنى بېزەپ بېرىشىنى، بۇيۇم سېتىۋېلىپ بېرىشىنى ياكى ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش، ساياھەت پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىشىغا ياكى قوبۇل قىلىشىغا بولمايدۇ؛ دەۋالاشقۇچى ۋە ئۇ ھاۋالە قىلغان ئادۋوكاتلاردىن ھەرقانداق چىقىمنى ئاتچوت قىلىشنى تەلەپ قىلىشىغا بولمايدۇ؛ دەۋالاشقۇچى ۋە ئۇ ھاۋالە قىلغان ئادۋوكاتلاردىن قاتناش قوراللىرى، خەۋەرلىشىش قوراللىرى ياكى باشقا بۇيۇملارنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىشىگە بولمايدۇ.

7 F/ F! z# ?8 l$ K, f2 B7 K9 l% Y3 _& R# k- Y( l; }8 Q

دەۋالاشقۇچى ھاۋالە قىلغان ئادۋوكاتنىڭ سودىيىنىڭ ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرىنى باھانە قىلىپ، ئۇنىڭغا سوۋغات، پۇل، باھالىق ئاكسىيە قاتارلىقلارنى سوۋغا قىلىشىغا بولمايدۇ؛ سودىيىنى مېھمان قىلىشىغا، ئۇنىڭغا سوۋغات، پارا بېرىشىگە ياكى دەۋالاشقۇچىلارنى ئۇنىڭغا سوۋغات، پارا بېرىشكە، يېتەكلىشىگە بولمايدۇ؛ سودىيىنىڭ ئولتۇراق ئۆيىنى بېزەپ بېرىشىگە، تاۋار سېتىۋېلىپ بېرىشىگە ياكى مەبلەغ چىقىرىپ سودىيىنى كۆڭۈل ئېچىش، ساياھەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىشىغا بولمايدۇ؛ سودىيىگە قاتناش قوراللىرى، ئالاقىلىشىش قوراللىرى ياكى باشقا نەرسىلەرنى ئارىيەتكە بېرىشىگە بولمايدۇ.

- G O/ J% t, c9 k& s$ Y 6 O& U1 @# C& I- M* E6 D/ r

8- ماددا سودىيىنىڭ ئادۋوكاتلارنىڭ دەۋالاشقۇچىلاردىن مال - مۈلۈك ياكى باشقا مەنپەئەت ئېلىشنى تەلەپ قىلىشىغا ياكى بېشارەت قىلىشىغا بولمايدۇ.

$ G% [7 V% D7 f# j2 p* R 1 `3 c2 _$ Z# e' E, E5 v1 m9 a

دەۋالاشقۇچىلار ھاۋالە قىلغان ئادۋوكاتنىڭ سودىيىنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ ياكى سودىيە بىلەن ئالاقىلىشىشنى، ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىشنى باھانە قىلىپ، دەۋالاشقۇچىلاردىن مال - مۈلۈك ياكى باشقا مەنپەئەت ئېلىشىغا بولمايدۇ.

' Z9 [! ~: o# K6 @ U# z6 k ' |3 v8 R6 x1 J

9- ماددا سودىيە قەتئىي ھالدا قانۇندا بەلگىلەنگەن سوت قىلىش سۈرۈكىگە بويسۇنۇشى، سوت ئىشلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى، سوت ئېچىش ۋاقتىغا بويسۇنۇشى كېرەك.

+ A) Z2 z1 n6 e' B. P6 p . w& J. _6 N% J

ئادۋوكات قانۇندا بەلگىلەنگەن دەۋا ھۆججەتلىرىنى تاپشۇرۇش سۈرۈكى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تەرتىپ خاراكتېرلىك بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىشى، سوت ئېچىلىش ۋاقتىغا بويسۇنۇشى كېرەك.

/ j- N" ?1 o. ~ {4 o# C. s, D7 B 8 c% ?* j6 L& m9 Z% O% s

سودىيە بىلەن ئادۋوكاتنىڭ يوقىلاڭ سەۋەبلەر بىلەن سوت ئېچىشنى كېچىكتۈرۈشىگە بولمايدۇ. سودىيىنىڭ ۋاقتىدا سوت ئاچالمايدىغانلىقى توغرىسىدا ھەقىقەتەن يوللۇق ئاساسى بار بولسا ياكى ئادۋوكاتنىڭ ۋاقتىدا سوتقا چىقالمايدىغانلىقى توغرىسىدا ھەقىقەتەن يوللۇق ئاساسى بار بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى سوتلاش سۈرۈكىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغان ئەھۋال ئاستىدا سوت ئېچىش ۋاقتىنى باشقىدىن ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ ھەمدە دەۋالاشقۇچى ۋە ئۇ ھاۋالە قىلغان ئادۋوكات سوت ئېچىش ۋاقتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

. _: n1 |2 Q4 @) N " L5 R7 t M; Q9 w1 c4 o

10 - ماددا سودىيە سوت پائالىيىتىنى قەتئىي ھالدا قانۇندا بەلگىلەنگەن دەۋا تەرتىپى بويىچە ئېلىپ بېرىشى، ئادۋوكاتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىشى لازىم.

/ u& j* Q# ]& c' u6 ?5 a, P - |" z- w6 `/ Z4 u$ P/ ?, @

ئادۋوكات سوتخانا تەرتىپىگە ئاڭلىق بويسۇنۇشى، سودىيىنىڭ ئابرۇيىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئاڭلاش، ۋاكالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى لازىم.

3 A8 c$ a3 Q5 O$ F3 E9 b. v 4 h# }$ U3 S: _

11- ماددا سودىيە بىلەن ئادۋوكات دەۋا جەريانىدا ئەدلىيە قائىدە - يوسۇنلىرىغا قاتتىق بويسۇنۇشى، ياخشى قىياپەتنى ساقلىشى، ئىش ھەرىكىتى مەدەنىي بولۇشى كېرەك.

+ A& G! m, D1 w+ ?. {0 ^ _ " V K. p7 |3 S- `* k7 j+ s7 M1 g" d

12- ماددا سودىيىنىڭ بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەرىكەتلىرىگە قارىتا ئادۋوكات ئۆزى ياكى ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى، ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەھۋالنى ئىنكاس قىلسا بولىدۇ ياكى ئاشكارىلاش خېتى ئارقىلىق تەرتىپكە خىلاپلىق قىلغان سودىيىنى پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.

, M' Y# b& p0 w) R9 B1 I 4 S0 W }! M7 g, T; N9 e

ئادۋوكاتنىڭ بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەرىكەتلىرىگە قارىتا سودىيە بىۋاسىتە ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى، ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىگە ئەھۋالنى ئىنكاس قىلسا ياكى مەمۇرىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش، مەمۇرىي جازا بېرىش، ھەتتا قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدا ئەدلىيىلىك تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.

) F4 f% t0 O; ~; f/ [ U& O$ d* [. ^2 Q5 c, w

13- ماددا دەۋالاشقۇچى، دېلوغا مۇناسىۋەتسىز كىشىلەر سودىيە ياكى ئادۋوكاتنىڭ مۇشۇ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەرىكەتلىرىنى بايقىسا، مۇناسىۋەتلىك خەلق سوت مەھكىمىسى، ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مۇپەتتىش تارمىقى، ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىگە ئەھۋالنى ئىنكاس قىلسا ياكى ئاشكارىلاش خېتى يازسا بولىدۇ.

; w8 A5 ~6 L5 D! x# ` # A+ C5 b; Z. _- F* S; }5 R& f

14- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى، ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى مۇشۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان سودىيە، ئادۋوكاتلارنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، مۇناسىۋەتلىك قانۇن، قانۇن - قائىدە ياكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

% s) i7 B z1 h1 M( h( h / B. Q& o. B H' z: L/ g: b

15- ماددا سودىيە بىلەن ئادۋوكاتنىڭ دېلونى ئىجرا قىلىش داۋامىدىكى ئىنتىزام جەھەتتىن چەكلىنىشى مۇشۇ بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

8 e5 J( g5 F3 k ) `* p# ?9 {, g" [

خەلق سوت مەھكىمىسىدىكى باشقا خىزمەتچى خادىملار ۋە ئادۋوكات ياردەمچىلىرىنىڭ ئىنتىزام جەھەتتىن چەكلىنىشى مۇشۇ بەلگىلىمىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنىڭ مەزمۇنىدىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

?# T+ }7 I$ E4 h: q4 d : k( c& D- D! o$ W

16- ماددا بۇ بەلگىلىمىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى مەسئۇل بولۇپ چۈشەندۈرىدۇ.

2 r/ j$ ]4 K. l0 I/ a4 d' g% f : m% f" r9 y5 u) p5 a

17- ماددا بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

" u. |' w1 Z# w0 O, y3 R* q
- _; z1 ~& C* ?" ~# U( t$ m, _% A4 ?0 Z# v; V* h4 I( B6 w2 t. f

 

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.