قانۇن ياردىمى نىزامى
法律援助条例
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 4138 قېتىم كۆرۈلدى

قانۇن ياردىمى نىزامى
- Z. W6 Z8 A) _5 d2 l * v6 o T6 @* k5 l i. l, q8 G$ g

法律援助条例
- X: r4 q) Z+ o. `) s(2003-يىل 7-ئاينىڭ 16-كۈنى گوۋۇيۈەن دائىمىي كېڭىشىنىڭ 15-يىغىندا ماقۇللانغان، 2003-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.)
! F+ x$ W& C" n h 1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ
" P9 J# ?; |! `. n; m        1-ماددا بۇ نىزام ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار پۇقرالارنىڭ زۆرۈر قانۇن مۇلازىمىتىگە ئېرىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، قانۇن ياردىمى خىزمتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
- B9 c5 e* W: k1 o6 N+ T9 X         2-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە توشىدىغان  پۇقرالار مۇشۇ نىزام بويىچە قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش، ۋاكالەتچىلىك قىلش ۋە جىنايى ئىشلار بويىچە ئاقلاش قاتارلىق ھەقسىز قانۇن مۇلازىمىتىگە ئېرىشسە بولىدۇ. 
7 m6 V' J( Y" I. o; g        3-ماددا قانۇن ياردىمى بېرىش ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاكتىپ تەدبىر قوللىنىپ، قانۇن ياردىمى خىزمىتىنى ئىلگىلرى سۈرۈشى، قانۇن ياردىمى خىزمىتىنى مالىيە جەھەتتىن قوللىشى، قانۇن ياردىمى ئىشلىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمىئىيەتكە ماس تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
# a0 G7 O6 x" [- j! \         قانۇن ياردىمى خىراجىتىنى جايىغا ئىشلىتىش، مالىيە ئىقتىسادىي تەپتىش تارمىقىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش كېرەك.
1 F; f7 R. K& v4 _         4-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قانۇن ياردىمى خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ قانۇن ياردىمى خىزمىتىنى نازارەت قلىىپ باشقۇرىدۇ.
, H" n) M, `7 d" T& y& M1 Q         جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ۋە يەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيەتلىرى ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسى بويىچە، مۇشۇ نىزامغا ئاساسەن يولغا قويغان قانۇن ياردىمى خىزمىتىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك.
. s2 Q* S+ L9 A Z* D/ Y: m O# H        5-ماددا بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك، رايون بار شەھەرلىك ياكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنى ئېتىياجغا قاراپ بېكىتىدۇ. 
( @0 a4 C) M9 P8 w         قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قانۇن ياردىمى ئىلتىماسىنى قوبۇل قلىدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ، مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە توشىدىغان پۇقرالارغا قانۇن ياردىمى بېرىشكە خادىم ئەۋەتىدۇ ياكى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. 
- F) G8 ~6 Z' D# H3 e$ c/ ]         6-ماددا ئادۋوكاتلار قانۇن ياردىمى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادۋوكاتلار قانۇنى ۋە مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئادا قلىپ، ياردەم بېرىلگۈچىگە ئۆلچەملىك قانۇن مۇلازىمىتى قلىشى، ياردەم بېرىلگۈ        چىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى،  ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ۋە ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
% m' Z! I5 W$ X3 I* T        7-ماددا دۆلەت جەمئىيەتتىكىلەرنى قانۇن ياردىمى پائالىيىتىگە ئىئانە قىلىشغا ئىلھاملاندۇرىدۇ. 
. c' k+ o, Y# f         8-ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي كوللېكتىپ، كەسپىي ئورۇن قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزىدىكى بايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار پۇقرالارغا قانۇن ياردىمى بېرىشىگە مەدەت ۋە ئىلھام بېرىلدۇ.
; b: C! Z3 ?5 N9 S9 \% ~" o! R! V% S         9-ماددا مۇناسىۋەتلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى قانۇن ياردىمى خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنى تەقدىرلىشى ۋە مۇكاپاتلىشى كېرەك. 
3 O/ o, N" f9 y, }& c; v2-باب قانۇن ياردىمىنىڭ دائىرىسى
& [& h( |$ `1 m8 g; ^2 F2 O f& n        10-ماددا پۇقرالاردىن ۋاكالەتچىلىك قىلىشقا ئېھتىياجلىق تۆۋەندىكى ئشلارنى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولغانلىقتىن ۋاكالەتچىگە ھاۋالە قىلالمىغانلىرى قانۇن ياردىمى بېرىشنى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ:
2 \5 H: m3 b7 ?$ [* Y5 f* |        (1) دۆلەت تۆلىمىنى قانۇن بويىچە تەلەپ قىلش؛ 
/ g- _8 D0 ^' }7 K* P9 X' v         (2) ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتى ياكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تەمىناتى تەلەپ قىلىش؛
, A1 g6 ` z M0 Q         (3) نەپىقە پۇلى، قۇتقۇزۇش پۇلى تەلەپ قىلىش؛
. ?) x3 g. D3 |4 T3 y9 d( f- ?8 z        (4) قاراش ھەققى، بېقىپ تەربىيىلەش ھەققى، بېقىش ھەققى تەلەپ قىلىش؛ 
! C- a6 `$ z2 S. |6 W% n8 K) G        (5) ئەمگەك ھەققى تەلەپ قىلىش؛
! G4 Q( Q; m E, b        (6) ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىدە پەيدا بولغان ھەق تەلەپ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى تەشەببۇس قىلىش.
0 c( ?$ n, T6 Q4 K        ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنمىگەن قانۇن ياردىمى ئىشلىرى ھەققىدە قوشۇمچە بەلگىلىمە چىقارسا بولىدۇ. 
% w9 \4 D$ {) c' q9 Z4 s E        پۇقرالار مۇشۇ ماددىنىڭ 1-ۋە 2-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئىشلاردا قانۇن مەسلىھەتى بېرىشنى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلسا ابولىدۇ.
$ J3 g _: p ~4 d, [0 c' y        11- ماددا جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەندە، پۇقرالار قانۇن ياردىمى بېرىشنى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ:
0 j) ^1 V' z# T. @        (1) جىنايەت گۇماندارىنى تەھقىقلىگۈچى ئورگان 1-قېتىم سوراق قىلغاندىن كېيىن ياكى ئۇنىڭغا مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانغان كۈندىن باشلاپ، جىنايەت گۇماندارى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولغانلىقتىن ئادۋوكات تەكلىپ قىلمىغان بولسا؛ 
6 _6 n# q0 ~8 T+ B0 U& d" \ C         (2) ئەيىبلەنگەن دېلودىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ياكى يېقىن تۇغقىنى دېلو تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولغانلىقتىن ۋاكالەتچىلىك قىلىشنى دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلمىغان بولسا؛
$ ^) ~+ y0 H, z; Z         (3) بىۋاستە دەۋا دېلوسىدىكى بىۋاستە دەۋا قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى دېلونى خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولغانلىقتىن ۋاكالەتچىلىك قىلىشنى دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلمىغان بولسا.
! h/ Y9 e I$ E- Q6 v        12-ماددا ئەيىبلىگۈچى سوتقا چىقىپ ئەيىبلەيدىغان دېلودا جاۋابكار ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولغانلىقتىن ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى بېكىتىپ بېرىشتە، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قانۇن ياردىمى بېرىشى كېرەك.
3 b2 K( v( c, U) M( m        جاۋابكار ئەما، گاس، گاچا بولغانلىقتىن ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلىكتىن ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلمىغان بولسا ياكى جاۋابكار ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى بولسىمۇ ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى بېكىتىپ بېرىشتە، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى جاۋابكارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى تەكشۈرمەيلا قانۇن ياردىمى بېرىشى كېرەك.
6 ^' d, _, O* x) Z" i: V         13-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان پۇقرالارنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە قانۇن ياردىمى ئىشلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ بەلگىلەيدۇ.
) q( c7 G0 ], ~' j        ئىلتىماس قىلغۇچى ئولتۇرۇشلۇق جاينىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئۆلچىمى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئۆلچىمى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئۆلچىمى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
" R# Z) }$ G2 Y( H* a5 x Q3-باب قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئلتىماس قىلىش ۋە تەكشۈرۈش
( V6 g7 |+ _( r5 ]
8 X2 |7 K; f3 L6 t" D, e- p        14-ماددا پۇقرالار مۇشۇ نىزامنىڭ 10-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئىشلاردا قانۇن ياردىمى بېرىشنى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك:
. ~0 f7 {& F. F7 t8 S        (1) دۆلەت تۆلىمى تەلەپ قىلىشتا، تۆلەم مەجبۇرىيىتى بار ئورگان تۇرۇشلۇق جايدىكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىش؛ 
* `4 |% x- E% E! B! j         (2) ئىجتىمائىي  سۇغۇرتا تەمىناتى، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تەمناتى بېرىشنى تەلەپ قىلىش ياكى نەپىقە پۇلى، قۇتقۇزۇش پۇلى بېرىشنى تەلەپ قىلشتا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتى، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تەمىناتى ياكى نەپىقە پۇلى، قۇتقۇزۇش پۇلى بېرىش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان تۇرۇشلۇق جايدىكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئلتىماس قىلىش؛
: y" O# T/ m6 K: S! W5 v7 O! j8 c         (3) قاراش ھەققى، بېقىپ تەربىيىلەش ھەققى ۋە بېقىش ھەققى بېرىشنى تەلەپ قىلىشتا، قاراش ھەققى، بېقىپ تەربىيىلەش ھەققى، بېقىش ھەققى بېرىش مەجبۇرىيىتى يار كىشى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىش؛ 
- B& w+ M. R3 P6 g4 [        (4) ئەمگەك ھەققى بېرىشنى تەلەپ قىلىشتا، ئەمگەك ھەققى بېرىش مەجبۇرىيىتى بار كىشى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىش؛
& C5 q5 P2 _) b) s        (5) ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەركىتىدە پەيدا بولغان ھەق تەلەپ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى تەشەببۇس قىلشتا، تەلەپ قىلىنغۇچى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىش.
7 S+ k6 W8 |! Y9 {$ }         15-ماددا بۇ نىزامنىڭ 11-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن كىشىلەردىن قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئىلتىماس قىلدىغانلىرى دېلونى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. قاماپ تۇرۇلۇۋاتقان جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىلتىماسىنى سولاقخانا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا 24سائەت ئىچىدە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، سولاقخانا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسىگە ياكى يېقىن تۇغقانلىرىغا قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا تاپشۇرىدىغان ئالاقىدار گۇۋاھنامە، ئىسپات ماتېرىيالىنى تېپىپ بېرىشنى ئۇقتۇرىدۇ.
; M' c) x) U$ F; D" E7 f$ |         16-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىتىدارى يوق كىشى ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن كىشى بولسا،ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى چاكالىتەن ئىلتىماس قىلىدۇ.
3 B' e: d$ E4 b3 m% M- C/ [ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى  يوق كىشى ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن كىشى بىلەن ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن چاكالەتچىسى ئوتتۇرسىدا دەۋا ياكى باشقا مەنپەئەت ماجىراسى تۇغۇلۇپ،قانۇن ياردىمى بىرىشكە توغرا كەلسە، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىلەردىن تالاشتاقانغان شۇئىش بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولمىغانلىرى ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلىدۇ.
, f1 S3 F: W8 z% p         17-ماددا پۇقرالارۋاكالەتچىلىك قىلىش،جىنايى ئىشلاردا ئاقلاش،قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا،تۆۋەندىكى گۇۋاھنامە،ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇشى كېرەك:
0 L% F3 `5 Z$ |' Z9 @/ ^( ^ F9 L(1)كىملىكى ياكى كۈچكە ئىگە باشقا سالاھىيەت ئىسپاتى، ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ يەنە ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بارلىقىغا دائىر ئىسپاتى؛
9 Q- z) U0 Z) Y ^: ^% T        (2) ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلىقىغا دائىر ئىسپاتى؛ 
4 O& v2 @& d7 F. ?        (3) قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىشقا ئائىت دېلو ماتېرىيالى.
- w f7 {, Y+ H# W/ ?        ئىلتىماس يازما بولۇشى، ئىلتىماس جەدىۋىلى تولدۇرۇلۇشى كېرەك؛ يازما ئىلتىماس قىلىشتا قىيىنچىلىقى بارلار ئاغزاكى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئۇنى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرى ياكى ئىلتىماسنى ۋاكالىتەن تاپشۇرىدىغان مۇناسىۋەتلىك ئاپپارات خادىملىرى خاتىرىلەپ قويىدۇ.
, o4 s1 d7 p/ ]* h" _; j9 f: n         18-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قانۇن ياردىمى ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن تەكشۈرۈشى كېرەك؛ ئىلتىماس قلغۇچى تاپشۇرغان گۇۋھنامە، ئىسپات ماتېرىيالىنى تولۇق ئەمەس دەپ قارىسا، ئىلتىماس قىلغۇچىدىن تولۇقلاشنى ياكى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچى تەلەپ بويىچە تولۇقلىمىسا ياكى چۈشەندۈرمىسە، ئىلتىماسنى بىكار قىلدى دەپ ھېسابلايدۇ؛ ئىلتىماس قىلغۇچى تاپشۇرغان گۇۋاھنامە، ئسپات ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاشقا توغرا كېلىدۇ دەپ قارىسا، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى مۇناسىۋەتلىك ئورگان، ئورۇنلاردىن تەكشۈرۈپ ئىسپاتلايدۇ. 
# [2 s* {) l+ O' p         قانۇن ياردىمى بېرىش شەرتىگە توشسا،قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قانۇن  ياردىمى بېرىشنى ۋاقتىدا قارار قىلىشى كېرەك ؛قانۇن ياردىمى بېرىش شەرتىگە توشمىسا، ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئاساسىنى يازما ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
! W# {# D% V) v: S, n# h- z9 T9 d19-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن قانۇن ياردىمى ئاپپاراتنىڭ قانۇن ياردىمى بېرىش شەرتىگە توشمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرىشىغا باشقىچە پىكىرى بولغانلىرى پىكىرىنى شۇ قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنى بېكىتكەن ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ، ئەدىلىيە مەمۇرىي تارمىقى باشقىچە پىكىرىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش ئىش كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈشى كېرەك، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىلتىماس قىلغۇچىنى قانۇن ياردىمى بېرىش شەرتىگە توشىدىكەن دەپ قارىسا، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنى شۇ ئىلتىماس قىلغۇچىغا ۋاقتىدا قانۇن ياردىمى بېرىشكە يازما بۇيرۇشى كېرەك.
' @1 i1 Z' P* K+ i% o K# ~* ]
( T) r/ p$ o' m. n9 T8 ^ 4-باب قانۇن ياردىمى بېرىش
+ ~8 X7 E6 O& b A         20-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئاقلاشنى بېكىتكەن دېلودا، خەلق سوت ئېچىشتىن10-كۈن ئىلگىرى ئاقلاشنى بېكىتكەنلىك ئۇقتۇرۇشى ۋە ئەيىبنامىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى ياكى ھۆكۈمنامىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا تاپشۇرىدۇ؛ خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدا سوت قىلمىسا، ئاقلاشنى بېكىتكەنلىك ئۇقتۇرۇشى ۋە ئەيىبنامىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى ياكى ھۆكۈمنامىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى سوت قىلىدىغان جايدىكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا تاپشۇرسا بولىدۇ.
& E7 Z9 D; q E! V1 O$ U        21-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىشكە ئادۋوكاتلىق مۇلازىمەت ئورنىنى ئادۋوكات ئورۇنلاشتۇرشقا بېكىتسە ياكى ئۆزىنىڭ خادىمىنى ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىشكە ئۆزىگە قاراشلىق خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى ئاقلاشنى بېكىتكەن دېلودا، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى سوت ئېچىلىشتىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى بەلگىلىگەن بېجىرگۈچى خادىمنىڭ ئىسملىكىنى ئاقلاشنى بېكىتكەن خەلق سوت مەھكىمىسىگە خەۋەر قىلىشى كېرەك.
% }# d, A# @! T& c/ E5 p9 ~        22-ماددا قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرگۈچى خادىملار كەسىپ ئەخلاقى ۋە كەسىپكارلىق ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىشى كېرەك، قانۇن ياردىمى بېرىشتە پۇل-مال ئېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
7 u5 } y4 P+ B/ R        23-ماددا قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرگۈچى خادىملار تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە يولۇققاندا، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا دوكلات قىلىشى، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى ئېنىقلاپ، شۇ قانۇن ياردىمىنى توختىتۋېتىشى كېرەك:
) B' k. z b: }& P7 ^: D        (1) ياردەم بېرىلگۈچى ئىقتىسادىي كىرىم ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن، قانۇن ياردىمى بېرىش شەرتىگە توشمايدىغان بولۇپ قالسا؛
/ R/ w$ q; H {        (2) دېلونىڭ سوتى ئاخىرلاشقان ياكى دېلو بىكار قىلىنغان بولسا؛
( y) m. E# M. u7 j% r% Q6 w        (3)ياردەم بېرىلگۈچى دېلونى ئادۋوكاتقا ياكى باشقا ۋاكالەتچىگە ئۆز ئالدىغا ھاۋالە قىلىۋەتكەن بولسا؛
# u4 Z6 u H; ]9 Q _6 [4 }. Y" J4 \        (4) ياردەم بېرىلگۈچى قانۇن ياردىمىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلسا.
) d! y- p' m9 C* J         24- ماددا قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىشكە بېكىتىلگەن ئادۋوكات ياكى قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىجتىمائىي تەشكىلات خادىمى دېلوئاخىرلاشقاندا، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئالاقىدار قانۇن ھۆججەتلىرىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلمىسى شۇنىڭدەك دېلو ئاخىرلاشتۇرۇش دوكلاتى قاتارلىق ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
/ }) q4 Q0 q7 x R' M- a% }( }6 g         قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن دېلو ئاخىرلاشتۇرۇش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن، قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىشكە بېكىتىلگەن ئادۋوكاتقا ياكى قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىجتىمائىي تەشكىلات خادىمىغا قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىش پۇلى بېرىش كېرەك.
8 ^; d( d I; e; w) X         قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىش ياردەم پۇل ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى تەڭ دەرىجلىك مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋيىسىگە قاراپ، قانۇن يادىمى ئاپپاراتى بېجىرگە قانۇن ياردىمى دېلولىرىنىڭ ئوتتۇرىچە تەننەرخى قاتارلىق ئامىللاردىن پايدىلىنىپ بېكىتسە ھە، ئېھتىياجغا تەڭشىسە بولىدۇ. 
: v; m: c+ ^3 }# O9 V6 ^         25-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى پۇقرالار قانۇن مەسلىھەتى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىشلارنى ۋاقتىدا بېجىرىشى كېرەك؛ مۇرەككەپ ۋە چىگىش بولغانلىرىنى ۋاقىتنى ئالدىن پۈتۈشۈپ بېجىرسە بولىدۇ. 
9 I# A0 q4 ~" }; S 5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
0 O, e% O& W+ k. I: y$ E1 K1 D" d' p        26-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە ئىنتىزام چارىسى كۆرۈلىدۇ:
, O* J& v8 U! L( e$ I& q         (1) قانۇن ياردىمى بېرىش شەرتىگە توشمايدىغانلارغا قانۇن ياردىمى بېرىش ياكى قانۇن ياردىمى بېرىش شەرتىگە توشىدىغانلارغا قانۇن ياردىمى بەرمەسلىك؛ 
. f5 \% G2 t8 I         (2) قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىشتە پۇل-مال ئېلىش؛
1 ^+ v7 u5 P/ A" L: B D) ~0 }        (3) ھەقلىق قانۇن مۇلازىمىتى قىلىش؛
- Z! A( B+ K0 k( d' Q9 Q         (4) قانۇن ياردىمى خىراجىتىنى ئىگىلىۋېلىش، بۆلۈشۈۋېلىش ۋە ئىشلىتىۋېلىش.
- c9 n0 ]# H" K9 D5 X         قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىشتە ئالغان پۇل-مالنى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ ھەقلىق قانۇن مۇلازىمىتىدىن قىلغان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇن ياردىمى خىراجىتىنى ئىگىلىۋالغان، بۆلۈشۈۋالغان ۋە ئىشلىتىۋالغانلارنى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 
: V+ S; Z5 [+ k9 y0 b* z$ X2 z+ E         27-ماددا ئادۋوكاتلىق مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدىن قانۇن  ئاپپاراتىنىڭ بېكىتكىنىگە ئۇنىماي، قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىشكە ئۆزىنىڭ ئادۋوكاتىنى ئورۇنلاشتۇرمىغانلىرىغا ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا بىر ئايدىن يۇقىرى، ئۈچ ئايدىن تۆۋەن ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش جازاسى بېرىدۇ.
4 _5 M% T, n! y2 S5 [         28-ماددا ئادۋوكاتلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىگە ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ،  تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا بىر ئايدىن يۇقىرى، ئۈچ ئايدىن تۆۋەن ئىش توختىتىش جازىسى بېرىدۇ:
7 C) y0 t# V+ H: i        (1) قانۇن ياردىمى دېلوسىنى يوللۇق سەۋەبى يوق تۇرۇپ رەت قىلغانلار ۋە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇۋەتكەنلەر؛ 
* F, I. J3 o# u9 @2 }6 S        (2) قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىشتە پۇل-مال ئالغانلار
) D7 V5 Q z8 d& p6 B5 s# Q* f5 U8 _         ئالدىنقى تارماقنىڭ (2) تارماقچىسىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلغانلارنى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئېلىۋالغان پۇل- مالنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە ئالغان پۇل-مال قىممىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە  قويسا بولىدۇ. 
6 s8 P! w. t7 I, r0 \         29-ماددا ئادۋوكاتلاردىن قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىشتە كەسىپ ئەخلاقى ۋە كەسىپكارلىق ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا ئادۋوكاتلار قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
3 K0 W2 `& H; y' v, C) d0 f b        30-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى خادىملىرىدىن قانۇن ياردىمى خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە- كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش قىلمىشى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 
) h9 d5 v. a: S: o9 y; j* a% w5 N3 i
0 W* O5 K) g# m/ G 6-باب قوشۇمچە پرىنسىپ: 
6 N7 V/ s4 ]! W6 K1 P         31-ماددا بۇ نىزام 2003-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.