- ئادۋوكاتلار
- > مۇھەممەت ئابلىمىت
- >بەرگەن مەسلىھەتلىرى
- 彩礼
- 工资
- 执行
- قانداق قىلساق ئاجرىشالايمىز
- 婚姻
- 2017يىلى 9ئايدا چوڭلار نىڭ تونۇشتۇرشى بىلەن توي قىلغان . تويدىن بۇرۇن تويغا ھىچ قانداق نارازلىقى بالىقىنى بىلدۇرمىگەن.تويدىن كىيىن يەتتە كۇندە يوتقاننى ئايرىۋالدى.20جى كۈنى بۇ تويغا ئاتا-ئانىسىنىڭ مەجبۇرلىغانلىقى بىلەن قىلغانلىقنى دىدى.26كۈنلە بولغاندا قەستەن مۇش ئاتتى. ئاندىن قىينامغا تىلفۇن قىلىپ يولغان سەپ قويغان.يىنىپ چىققىلى ئۇنمىغانلىقى سەۋەبىدىن 30كۈنى چوڭلار بىلەن كىردۇق. 10بىشىنىڭ ئالدىدىمۇ ئاتا-ئانىسنىڭ مەجبۇرلىغانلىقى دەپتى تەربىيە قىلىپ قوشاپ قويدى. چىقىپ8كۈنى ئايالىمنى تەكشۈرۈتسەك ھامىلدار بولۇپ قالغان چىقتى.شۇ كۈنى بىزنىڭ يوقلىمىزدىن پايدىلنىپ چىرىپ كەتتى. قوسقىدا قالغانلقى سىزىكتە ئەدىن ھىيقىپ كىتىپ شۇنداق قىلۋىتىپتۇ دەپ چۈشىنچە بەردى ھازىر بالىمىز تۇغۇلۇپ 8ئايلىق بولاي دىدى.توي قىلغاندىن تاتىپ ھازىرغىچە نەچچە قىتىم مۇش ئىتىپ نىيتىنى بۇزۇپ ئاجىرشىمەن دەپ تۇردۇ.بىزنىڭ ئۆيدە توي بولۇپ تۇرغان ۋاقتى 6ئاي چىقدۇ.ئۇردى خورلىدى دەپ تۆھمەت قىلىش ئارقىلىق ئاجىرشىمەن دەپ تۇردۇ.مەن قانۇنى ھوقۇق مەنپەتىمنى قانداق قوغدىسام ھەقىقى قوغدىيالايمەن.تەپسلى يازاي دىسەم پاتمىدى.
- 继承
- 婚姻关系
- تويدىن كېيىن بىر تەرەپنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى ئۆي چېقىلسا ئورنىغا بېرىلگەن ئۆي ئورتاق مۈلۈك بولامدۇ دوستۇم قەيسەرنىڭ توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئۆز ئىگىدارلىقىدا بىر يۈرۈش ئۆي بار ئىدى. ئۇ توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىڭ بۇ ئۆيى چېقىلدى ھەم بۇ ئۆينىڭ ئورنىغا بىر يۈرۈش يېڭى ئۆي تەقسىم قىلىندى. تەقسم قىلىنغان بۇ يېڭى ئۆي ئەر – خوتۇۇننىڭ ئورتاق مۈلكى ھېسابلىنامدۇ؟
- قېيناپام بىزنى ئاجراشتۇرماقچىكەن
- بىز ئاجرىشالامدۇق
- دەۋادىن كەچكەنلەر يەنە دەۋا قىلسا سوت مەھكىمىسى قوللامدۇ ئەسقەر ھەيدىگەن پىكاپ بىلەن ئالىم ھەيدىگەن پىكاپ ئۆزئارا سوقۇلۇپ كېتىپ، ئىنىم ئەنقەر قازا قىلدى. قاتناش ساقچى تارمىقى جاۋابكار ئەسقەرنىڭ قوشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى توغرىسىدا قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسى چىقاردى، كېيىن باشقا يەردىكى خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى چىقىرىپ، ئىنىمنىڭ تۈرلۈك چىقىملىرىنى 380 مىڭ يۈەن قىلىپ بېكىتىپ، سوغۇرتا شىركىتىنى 300 مىڭ يۈەن، جاۋابكار ئەسقەرنى 80 مىڭ يۈەن تۆلەشكە بۇيرۇدى، ئەمما ئەسقەرنى بىرنەچچە قېتىم ئىزدەپ بارغان بولساممۇ، ئۇ تۆلەم تۆلەشنى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ سوتقا ئەرز سۇنۇشنى ھاۋالە قىلدىم، ئەمما ئادۋوكات سوت ئېچىلىش ۋاقتىنى توغرا ئىگىلىيەلمىگەنلىكتىن ئىككىلىمىز سوتقا قاتنىشالمىدۇق. كېيىن بىلسەك، سوت مەھكىمىسى دەۋاگەرلەر چاقىرىق قەغىزى ئەۋەتىپ چاقىرتىلسىمۇ ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن سوتقا كەلمىگەن، دەپ قاراپ، كېسىم چىقىرىپ دەۋادىن كەچكەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىپتۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا يەنە دەۋا قىلسام سوت مەھكىمىسى قوللامدۇ
- ئۆلگەنلىكىنى جاكارلاش ئۈچۈن يوقاپ كەتكىنىگە قانچە يىل بولغان بولۇشى كېرەك 2014- يىلى 20 - ئىيۇل مەھەللىمىزدە ئولتۇرۇشلۇق ھەسەن ئىمىن بىلەن مەخمۇتنى تاغدىكى قويلىرىنى ئەكىلىپ بېرىشكە ياللاپ، ئۈچەيلەن بىللە تاغقا چىقىپتۇ. 26 – ئىيۇل لوپنۇر ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى ھەسەننىڭ ئاكىسى قۇربانغا تېلېفون بېرىپ: ‹‹ئىنىڭىز ھەسەن يۇقاپ كېتىپتۇ›› دەپ خەۋەر قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قۇربان تۇغقانلىرى بىلەن بىللە ئىنىسىنى ئىزدەپ تاغقا چىقىپتۇ، ئۇلار تاغقا چىققاندىن كېيىن قوي ئەكىلىشكە چىققان يەنە بىر ئادەم راخمان بىلەن بىر ئىتنىڭ ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىپتۇ، ئەمما ھەسەننىڭ دېرىكى بولماپتۇ، جەسىتىنىمۇ تاپالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەسەننىڭ ئاپىسى سوت مەھكىمىسىگە بارسا، تۆت يىل ساقلاشنى ئېيتىپتۇ، تۆت يىل توشسا ئاندىن بۇ دېلونى قوبۇل قىلىدىكەن. بۇ دېلونى چوقۇم تۆت يىل كۈتۈش كېرەكمۇ؟
- 婚姻纠纷
- 交通事故
- 民间借贷
- 合伙协议
- 民间借贷
- 房屋买卖
- 请律师