• ئىسىم -فامىلىسى : مۇھەممەت ئابلىمىت
  • ئىسمىنىڭ خەنزۇچىسى : 木合买提·阿不力米提
  • تەۋەلىك ئورنى : ئۈرۈمچى
  • كەسىپ بېجىرىش كېنىشكە نومۇرى : 131***********165
  • تۇرۇشلۇق ئادۋوكاتخانا : شىنجاڭ شىئەن ئادۋوكاتخانىسى
  • ئالاقىلىشىش نومۇرى : 18999174577
  • ئۈندىدار نومۇرى : oz0428
  • QQ نومۇرى : 3447964487
  • ئالاقىلىشىش ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى ياڭزىجاڭ يولى 61 - نومۇر 2 - بىنا 17 - قەۋەت
  • ئەزا بولغان ۋاقتى : 27-05-2016
  • مەسلىھەت سانى : 115
  • بۇ ئادۋوكات 55576 قېتىم كۆرۈلدى

مۇھەممەت ئابلىمىت(شىنجاڭ شىئەن ئادۋوكاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، كەسپىي ئادۋوكات، يوۋ فۇ ئادۋوكاتلار قوشۇنىنىڭ باش ئادۋوكاتى) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، شىنجاڭ تىيەنخۈي گۇرۇھىدا بىر يىل سېتىش دېرىكتورى بولۇپ ئىشلىگەن. كېيىن يېزىقچىلىقتىكى ئالاھىدە ماھارىتىگە ئاساسەن شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىگە ئىمتىھان ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىپ 10 يىل قانۇن تەشۋىقاتى بىلەن شوغۇللانغان، قانۇن مەسلىھەتچىسى، مۇخبىر، قانۇنچىلىق تەرجىمانى، مۇھەررىر بولغان. بۇ جەرياندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ ج خ، تەپتىش، سوت سىستېمىلىرىدا قانۇننىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىش ئەھۋاللىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئەڭ نادىر ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. قانۇن مەسلىھەتچىسى بولۇش جەريانىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئەۋەتىلگەن قانۇن مەسىلىلەرگە گېزىت يۇزىدە ھەقسىز، توغرا مەسلىھەت بېرىپ، كەڭ مەسىلىھەت سورىغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي - قانۇن كومىتېتى تەشكىللىگەن «تىنچ - ئامان شىنجاڭ» سەپىرىگە قاتنىشىپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تىنچ، خاتىرجەم ئەھۋاللىرىنى ئۆتكۈر قەلىمى بىلەن ئەينەن ھالدا كەڭ جاماتچىلىككە تونۇشتۇرغان. ئادۋوكاتلىق ساھەسىگە ئوتتەك قىزىقىش تۈرتكىسىدە مۇھەممەت ئابلىمىت خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئادۋوكاتلىق ساھەسىگە قەدەم قويغان. 2014 - يىلى فېۋرالدا شىنجاڭ ئادۋوكات تورىنى (xjadwokat.com)ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ، تورچىلىق ساھەسىدىكى زور بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز قانۇنچىلىق ئىشلىرىغا بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشقان. 2016 – يىلى «460» ئەدلىيە ئىمتىھانى تور دەرسخانىسىنى قۇرۇپ، سوت، تەپتىش، ج خ ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپنىڭ قانۇن كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن يېقىنقى بەش يىللىق ئىمتىھان سوئالىنى ئاۋازلىق، توغرا، ئېنىق ھالدا يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا كەڭ كارخانىچىلار ئۈچۈن تۈرلۈك دەرسخانىلارنى تەسىس قىلىپ، ئۇلارنىڭ سودا پائالىيىتىنى بىخەتەر ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن يېقىندىن ياردەمدە بولغان. كەسپىي ئادۋوكات مۇھەممەت ئابلىمىتنىڭ كەسپىي يۆلىنىشى بولسا ھۆكۈمەت، ئىدارە - ئورگان قانۇن مەسلىھەتچىلىكى، ھازىرقى جەمئىيەتتە كۆپ ئۇچراۋاتقان شىركەت پاي ھوقۇقى ماجراسى، شىركەت قانۇن مەسلىھەتچىلىكى، شىركەت پاي ھوقۇقى نىسبىتىنى تەڭشەش، ھۆكۈمەت، ئىدارە - ئورگان قانۇن مەسلىھەتچىلىكى، توختام ماجراسى، ئاجرىشىش ماجراسى قاتارلىقلار. 2017 - يىلى 6 - ئايدا مۇھەممەت ئابلىمىت ئادۋوكات شاڭخەيدە ئېچىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئادۋوكاتلار «كارخانا ۋەيران بولۇش تەرتىپى» تەتقىقات - مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ زور ئۆنۈمگە ئېرىشكەن. 2018 - يىلى 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى مۇھەممەت ئابلىمىت ۋاڭ دوجۈن، سۈن پىڭ، خاۋ لۇڭبىن، دىلشات، شېرىن قاتارلىق قابىل ئادۋوكاتلاردىن يوۋ فۇ شىركەت ئادۋوكاتلىرى قوشۇنىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، كەسىپلەشكەن ھالدا كەڭ كارخانىچىلارنىڭ قانۇنىي ئىشلىرىنى سېتىمىلىق ئۈستىگە ئېلىپ كەلمەكتە. مۇھەممەت ئابلىمىت يەنە شىركەتلەرنىڭ دائىملىق قانۇن مەسلىھەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇ ھازىر شىنجاڭ ماركمودا شىركىتى، شىنجاڭ تىللا مالىيە – بۇغالتىرلىق شىركىتى، شىنجاڭ يېپەك يولى بەگ ئۈنچە – مەرۋايىت شىركىتى، كەيخۈيدې سودا شىركىتى، تيەنخۈي گۇرۇھى، ئەلبەھىر سودا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ دائىملىق قانۇن مەسلىھەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلمەكتە. ئۈندىدار: قانۇن ساھەسىدىكىلەر ئۈچۈن:858909268 قانۇن ساھەسىدىن باشقا ساھەدىكىلەر ئۈچۈن: oz0428

18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.