• ئىسىم -فامىلىسى : راخمان ئەرشىدىن
  • ئىسمىنىڭ خەنزۇچىسى :
  • تەۋەلىك ئورنى : ئۈرۈمچى
  • كەسىپ بېجىرىش كېنىشكە نومۇرى : 539***********165
  • تۇرۇشلۇق ئادۋوكاتخانا : شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتلىق ئورنى
  • ئالاقىلىشىش نومۇرى : 18096911717
  • ئۈندىدار نومۇرى :
  • QQ نومۇرى : 1060214205
  • ئالاقىلىشىش ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى باۋخېڭ سارىيى 908 - نومۇر
  • ئەزا بولغان ۋاقتى : 19-10-2016
  • مەسلىھەت سانى : 59
  • بۇ ئادۋوكات 3472 قېتىم كۆرۈلدى

راخمان ئەرشىدىن 1983- يىلى كۇچا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىشقا چۈشكەن، بۇ جەرياندا ھەر قايسى كوللېگىيەلىرىدە سودىيە، كوللېگىيە باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، 2007- يىلى پېنسىيەگە چىققان. ئۇ سابىق شىنجاڭ سىياسىي - قانۇن ئىنىستىتوتى، شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتېتى قاتارلىق بىلىم يۇرتلىرىدا قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرگەن؛ 1994 - يىللىق ئادۋوكاتلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن؛ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن دەسلەپتە قانۇن مۇلازىمەت كەسپى بىلەن 2011- يىلىدىن ھازىرغىچە ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. راخمان ئەرشىدىن ئۇزۇن يىل قانۇن كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە ئوقۇش جەريانىدا، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەت بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ ھەم كەسپىي خىزمىتىگە يېتەكچى قىلىپ، نۇرغۇن چىگىش، مۇرەككەپ ۋە يېڭى تىپتىكى تۈرلۈك دېلولارنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، بىر قەدەر مول ئەمەلىي بىلىم ۋە تەجرىبە ھاسىل قىلغان؛ بۇنىڭدىن سىرت، كەسپىي خىزمىتى بىلەن يېڭى قانۇن مەسىلىلىرى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشنى بوشاشتۇرماي تۇتۇپ، نەچچە ئون پارچە ئىلمىي ماقالە، ئەدەبىي ئاخبارات، قانۇندىن ساۋات قاتارلىق ئەسەرلىرىنى يېزىپ، ناھىيەدىن تاكى مەركەزگىچە ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات – مەتبۇئات ۋاستىلىرىدە ئېلان قىلىنغان؛ ئۇ خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنشۇناسلىقى» ناملىق تولۇق كۇرسنىڭ قانۇنشۇناسلىق دەرسلىك كىتابى، دۆلەتلىك سودىيەلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك سودىيەلەرنى تەربىيەلەش دەرسلىكى قىلىنغان. راخمان ئەرشىدىن ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شوغۇللانغاندىن بۇيان، ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىي تەجرىبىسى، بەلگىلىك نەزەرىيىۋىي بىلىمى ۋە قوش تىل جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك جىنايى ئىشلار دېلولىرى، قاتناش ھادىسىسى، داۋالاش ھادىسىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەخمىلىنىش ھادىسىسى ۋە ھوقۇققا چېقىلىشتىن كېلىپ چىققان باشقا تۈرلۈك زىياننى تۆلىتىش دېلولىرى، شۇنىڭدەك ھەر خىل توختام ، قەرز ، نىكاھ، مىراس ماجىرالىرى دېلولىرى، تۈرلۈك قانۇن ئىشلىرىنى ئەتراپلىق، ئىنچىكە، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، ھاۋالە قىلغۇچىلار ۋە قانۇن مەسلىھەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا، كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكتە.

18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.