• ئىسىم -فامىلىسى : كۆرەش ھاشىم
  • ئىسمىنىڭ خەنزۇچىسى :
  • تەۋەلىك ئورنى : ئۈرۈمچى
  • كەسىپ بېجىرىش كېنىشكە نومۇرى : 079***********165
  • تۇرۇشلۇق ئادۋوكاتخانا : راۋان ئادۋوكاتلىق ئورنى
  • ئالاقىلىشىش نومۇرى : 13899887007
  • ئۈندىدار نومۇرى :
  • QQ نومۇرى :
  • ئالاقىلىشىش ئادرېسى : ئۈرۈمچى
  • ئەزا بولغان ۋاقتى : 27-05-2016
  • مەسلىھەت سانى : 0
  • بۇ ئادۋوكات 1366 قېتىم كۆرۈلدى

كۆرەش ھاشىم كۆرەش ھاشىم، شىنجاڭ راۋان ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئادۋوكات، شائىر، يازغۇچى، قانۇن تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇر ئادۋوكاتلىق كەسپى نەزەرىيىۋى تەتقىقاتىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكۈچى مۇتەخەسسىس. ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسىم كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان كىسىمچىسى. 1998 - يىلى ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر 1000 پارچىدىن ئارتۇق ھەر تۈرلۈك ئەسەرلىرى نوپۇزلۇق گېزىت - ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. ھەم ئۇنىڭ ئىش ــ پائالىيەتلىرى گېزىت ــ ژورناللاردا كۆپ قېتىم تونۇشتۇرۇلغان. ئۇندىن باشقا، ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ تىيەندىخى ئادۋوكاتلىق ئورنى، شىنجاڭ دانا ئادۋوكاتلىق ئورنىنى قۇرۇشتا ئالاھىدە ھەمكارلاشقۇچى بولغان. ئۇ، 1984ــ يىلدىن 1999 ــ يىل 4 ــ ئايغىچە ئاقتۇ ناھىيىلىك سودا ــ سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىدە ئىشلىگەن. 1994 ــ يىلى شىنجاڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كادىرلار ئىنىسىتىتوتىدا ئوقۇغان. 2004 ــ يىلى غەربى شىمال سىياسى ــ قانۇن ئىنىستىتوتىدا قانۇن كەسپىدە تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرگەن. 1999 ــ يىلى 6 ــ ئايدىن 2008 ــ يىل 4 ــ ئايغىچە توققۇز يىل ئىچىدە قەشقەر ۋىلايەتلىك شىنجاڭ شىننەن ئادۋوكاتلىق ئورنىدا، ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ شىڭجىياڭ ئادۋوكاتلىق ئورنى، شىنجاڭ تىيەندىخې ئادۋوكاتلىق ئورنىدا ئىشلىگەن. 2008 ــ يىلى 9 ــ ئايدا تۆت ئادۋوكات ھەمكارلىشىپ شىنجاڭ دانا ئادۋوكاتلىق ئورنىنى قۇرغان. 2010 ــ يىلى 4 ــ ئايدا دانا ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىقىدىن چىكىنىپ شىنجاڭ راۋان ئادۋوكاتلىق ئورنىنى بىۋاستە قۇرۇپ چىققان. ئادۋوكات كۆرەش ھاشىم ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغاندىن بۇيان، بىر تەرەپتىن ئادۋوكاتلىق نەزەرىيە تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن تۈرلۈك جىنايى ئىشلار، ھەق تەلەپ، مەمۇرى دېلولىرىنى بىجىرىپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ، مەملىكەت ئىچى ۋە چەتئەلگە چېتىلغان تەسىرى چوڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرى ۋە ھەق تەلەپ، مەمۇرى دېلولارنى بىجىرىپ، ئۆزىنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ كەسپى نەزەرىيىۋى تەتقىقات ماقالىلىرىدىن پۇقرالار قانداق ۋاقىتتا روھى تۆلەمگە ئېرىشەلەيدۇ؟ئادۋوكاتلىق ھوقۇقى نەدىن كېلىدۇ؟پۇقرالار نېمە ئۈچۈن ئادۋوكاتقا ئىشەنمەيدۇ؟قاتارلىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. پاشىنى زەمبىرەك بىلەن ئاتمايلى ناملىق ماقالىسى جەمئىيەتتە، بولۇپمۇ تىببى ساھەدە كۈچلۈك بەس ــ مۇنازىرە قوزغىغان. يېقىندا يازغان ئۇيغۇر ئادۋوكاتلىرىنى نۇمۇسقا قۇيۇۋاتقان نەزىرىيە نامراتچىلىقى ئادۋوكاتنى كىم ئاقلايدۇ قاتارلىق 30 پارچىدىن نەزەرىۋىي ماقالىسى بار. ئۇندىن باشقا، ئەدەبىيات بىلەن قانۇن بىرلەشتۈرۈلۈپ يېزىلغان ئەدەبى تەنقىد مەنىۋى قاتىللىققا ئايلانماسلىقى كېرەك، ئەدەبى تەنقىدنىمۇ قانۇنچىلىق ئىزىغا سېلىش كېرەك، قاتارلىق ئوبزورلىرى جەمئىيەتتە كۈچلىك بەس ــ مۇنازىرە قوزغاپ، مەنىۋى بايلىقلارنى قوغداشنىڭ بايراقدارى بولدى. ئۇنىڭ ئالتە پارچە ماقالىسى 1 ــ ، 2 ــ ، 3 ــ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن. ئادۋوكات كۆرەش ھاشىم ناتىق، ئىنكاسى تىز، كەسىپكە پۇختا، پاكىت ۋە دەلىل ــ ئىسپات توپلاشقا ئەستايىدىل ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادۋوكاتلارنىڭ بىرى. ئۇ ھەر قايسى دەۋالارنى بىجىرىشتە ئونۋېرسال قابىلىيەتكە ئىگە. بولۇپمۇ يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىچكىرى ئۆلكىدىكى ئاز سانلىق مىللەت پۇقرالىرى سادىر قىلغان مەملىكەت بويىچە تەسىرى چوڭ جىنايى ئىشلار دېلولارنى ئىشلەپ، دېلولاردىكى قوش تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، مۇقىملىق ۋە ئىجتىمائى ئادىللىقنى قوغداپ، قانۇن مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى، ئۇ قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان دېلولار ۋە قاتىللىق دېلولىرىنى بىجىرىش جەريانىدا، ماھىرلىق بىلەن ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلىپ، جەمئىيەتكە تونۇلۇپ، ئادۋوكاتلىق كەسپىنى ئىجتىمائى ئادىللىقنىڭ مۇھىم تەرىپى سۈپىتىدە نامايەن قىلغان. ھەمدە ھەر دەرىجىلىك ئەدىلىيە مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ئادۋوكات كۆرەش ھاشىمنىڭ يەنە تەشكىللەش، يىتەكلەش ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇپ، پىشقەدەم ئادۋوكاتلارنىڭ دېلو ئىشلەش ماھارىتىنى ئىگەللەش جەھەتتە كۈچلۈك كۆزىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە. بولۇپمۇ ئادۋوكاتلىق قوشۇنىغا يېڭىدىن قوشۇلغانلارغا قارىتا، تەلەپنى يۇقىرى قويۇپ، قانۇن يېزىقچىلىقى ۋە مۇنازىرە نۇتىقىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ دەرس ئۆتۈپ، ھازىرغا قەدەر 20 دىن ئارتۇق ياشلارنى تەربىيلىدى. ئۇ نۆۋەتتە بىر نەچچە يىللىق خىزمەت ئەمەلىيەت جەريانىدا توپلىغان ماتىرىياللىرىغا ئاساسەن زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكاتلىرى سىزمۇ ئادۋوكات بولالايسىز دېگەن كىتابلىرىنى جىددى ئىشلىمەكتە. كۆرەش ھاشىم ئادۋوكاتلىق كىنىشكا نۇمۇرى: 16501200210955079 ئىشخانا (فاكىس): 2826222﹣0991 پوچتا نۇمۇرى: 830001 تېلېفون: 13579563331، 13319837999، 13899887007 ئادېرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى شىمالىي ئازادلىق يولى 237 ــ نومۇر جۇلا خەلقئارا سودا بازىرى 2049 ــ نومۇرلۇق ئۆي.

18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.