شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئادۋوكاتلىق ھەققى (ۋاقىتلىق) ئۆلچىمى

(ش ئۇ ئا ر تەرەققىيات– پىلان كومىتېتى، ش ئۇ ئا ر ئەدلىيە نازارىتى (2002) 1047- نومۇرلۇق ھۆججەت)

1– قانۇندىن سورالغان سۇئالغا جاۋاب بېرىش
(1) مال – مۈلۈك مۇناسىۋىتىگە چېتىلمايدىغان بولسا ھەر بىرىگە 20 يۈەندىن 100 يۈەنگىچە ئېلىنىدۇ؛
(2) ئەدەتتىكى مال – مۈلۈك مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدىغان بولسا ، ھەر بىرىگە 50 يۈەندىن 100 يۈەنگىچە ھەق ئېلىنىدۇ .
(3)سودا مال – مۈلۈك مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدىغان بولسا ھەر بىرىگە 100 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە ھەق ئېلىنىدۇ . قانۇندىن سورالغان بىر قەدەر مۇرەككەپ مەسلىھەتكە بەلگىلەنگەن ئۆلچەمنىڭ 3 ھەسسىسى ئىچىدە دەۋالاشقۇچى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ھەق ئېلىنسا بولىدۇ .

2– قانۇن ھۆجىتىتنى ۋەكالىتەن يېزىپ بېرىش
(1) دەۋا ھۆججىتىدىن بىرنى ( بىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋەكالىتەن يېزىپ بېرىشكە 150 يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ؛
(2) قانۇن ئىشى ھۆججىتىدىن بىرنى تەييارلاپ بېرىشكە 100 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە ھەق ئېلىنىدۇ . مۇرەككەپ بولغان قانۇن ئىشى ھۆججىتىگە بەلگىلەنگەن ئۆلچەمنىڭ 3 ھەسسىسى ئىچىدە دەۋالاشقۇچىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ھەق ئېلىنسا بولىدۇ .

3– جىنايى ئىشلار دېلوسىنى بېجىرىش
(1)تەھقىقلەش باسقۇچىدا بىر جىنايى ئىشلار دېلوسىنى بېجىرىشكە 500 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە ھەق ئېلىنىدۇ ؛
(2) ئەيىبلەش باسقۇچىدا 1000 يۈەندىن 4000 يۈەنگىچە ھەق ئېلىنىدۇ ؛
(3)بىرىنچى سوت دېلوسىدىن بىرنى بېجىرىشكە 1500 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە ھەق ئېلىنىدۇ ؛
(4)بىۋاستە ئەرز قىلىنغان جىنايى ئىشلار دېلوسىدىكى دەۋاگەر ياكى ئەيىبلەنگەن دېلودىكى جاۋابكارنىڭ ۋەكالەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ دەۋاغا قاتناشقاندا، مال– مۈلۈك مۇناسىۋىتىگە چېتىلمايدىغان بولسا ،1000 يۈەندىن 4000 يۈەنگىچە ھەق ئېلىنىدۇ . مال مۈلۈك مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدىغىنىدىن ھەق تەلەپ دېلوسى ئۆلچىمى بويىچە ھەق ئېلىنىدۇ.
(5) جىنايى ئىشلار قۇشۇمچە ھەق–تەلەپ دېلوسىدىكى ۋەكالەتچىلىكنى ئۈستىگە ئالسا ، ھەق–تەلەپ دېلوسى ئۆلچىمى بۇيىچە مۇۋاپىق كېمەيتىپ ھەق ئېلىنىدۇ ؛
(6)بىرىنچى سوتتا ئەمەس بەلكى ئىككىنچى سوتتا بېجىرىلگەن دېلونىڭ ھەربىرىگە 2000 يۈەندىن 6000 يۈەنگىچە ھەق ئېلىنىدۇ ؛
(7)بىرىنچى سوت دېلوسىنى بىجىرگەندىن كىيىن يەنە ئىككىنچى سوت دېلوسىنى بېجىرگەن بولسا ، بىرىنچى سوت ئۆلچىمى بويىچە % 60 ھەق ئېلىنسا بولىدۇ ؛ دېلودىكى ئەھۋال مۇرەككەپ ياكى تەسىرى زور بولغان دېلولارغا بەلگىلىمىدىكى ئۆلچەمنىڭ ئىككى ھەسسىسى ئىچىدە دەۋالاشقۇچى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ھەق ئېلىنسا بولىدۇ .
4– ھەق تەلەپ (سودا ئىشلىرى، ئىقتىسادنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ ) دېلوسىغا ۋەكالەتلىك قىلىش
(1)مال– مۈلۈك مۇناسىۋىتىگە چېتىلمايدىغان ھەق تەلەپ دېلوسىنىڭ ھەربىرىگە 500 يۈەندىن 4000 يۈەنگىچە ھەق ئېلىنىدۇ ؛
(2) مال – مۈلۈك دېلوسىغا چېتىلىدىغان ھەق تەلەپ دېلوسىغا تالاش – تارتىشتىكى نىشان بويىچە، بەلگىلەنگەن نىسبەت دائىرىسى ئىچىدە باسقۇچقا بۆلۈپ جۇغلاپ كېڭىشىپ ھەق ئالسا بولىدۇ:

تېز ھېسابلاپ قوشۇلىدىغان ھەق (يۈەن) ھەق ئېلىش ئۆلچىمى تالاش – تارتىشتىكى نىشان
0 800–500 يۈەن 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولسا
300 5 % 10 مىڭ يۈەندىن 100 مىڭ يۈەنگىچە ( 100 مىڭ يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)
1300 4 % 100 مىڭ يۈەندىن 500 مىڭ يۈەنگىچە (500 مىڭ يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)
6300 3 % 500 مىڭ يۈەندىن بىر مىليون يۈەنگىچە (بىر مىليون يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)
16300 2 % بىر مىليون يۈەندىن بەش مىليون يۈەنگىچە (بەش مىليون يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)
66300 1 % بەش مىليون يۈەندىن ئون مىليون يۈەنگىچە (ئون مىليون يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)
116300 0.5 % 10 مىليۇندىن يۇقىرى بولسا
ئەسكەرتىش: ئېلىنىدىغان ھەق سوممىسى = (تالاش- تارتىشتىكى نىشان× ھەق ئېلىش ئۆلچىمى) +تېز ھېسابلاپ قوشۇلىدىغان ھەق
بىرىنچى سوت قىلىنىپ بولۇنغاندىن كىيىن يەنە ئىككىنچى سوت قىلىنغان دېلوغا بىرىنچى سوت ئۆلچىمىنىڭ % 50 تى بويىچە ھەق ئېلىنسا بولىدۇ . دېلو ئەھۋالى مۇرەككەپ ياكى تەسىرى زور بولغان دېلوغا بەلگىلەنگەن ئۆلچەمنىڭ ئىككى ھەسسىسى ئىچىدە دەۋالاشقۇچى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ھەق ئېلىنسا بولىدۇ .

5– مەمۇرىي دېلوغا ۋەكالەتلىك قىلىش
(1)مال – مۈلۈك مۇناسىۋىتىگە چېتىلمايدىغان دېلونىڭ ھەر بىرىگە 500 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە ھەق ئېلىنىدۇ ؛
(2) مال – مۈلۈك مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدىغان ھەق تەلەپ دېلوسى ھەققى ئۆلچىمى بويىچە ھەق ئېلىنىدۇ ؛ دېلو ئەھۋالى مۇرەككەپ ياكى تەسىرى زور بولغان مەمۇرىي دېلوغا دەۋالاشقۇچى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئۆلچەمدىن يۇقىرى ھەق ئېلىنسا بولىدۇ ؛
6– كېسىم دېلوسىغا ۋەكالەتلىك قىلىش
ھەق تەلەپ دېلوسى ئۆلچىمى بويىچە ھەق ئېلىنىدۇ ؛

7– دەۋاغا كىرمەيدىغان قانۇن ئىشىنى بېجىرىش
(1)مال – مۈلۈك مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدىغان ھەر بىر دېلو ئۈچۈن 500 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە ھەق ئېلىنسا بولىدۇ ؛
(2)مال – مۈلۈك مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدىغىنىغا ئوخشىمىغان خىلد
(2)مال – مۈلۈك مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدىغىنىغا ئوخشىمىغان خىلدىكى مەخسۇس تۈردىكى قانۇن ئىشى ئۈچۈن دەۋالاشقۇچى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ھەق ئېلىنسا بولىدۇ ؛

8– قانۇن مەسلىھەتچىسى بولۇش
قانۇن مەسلىھەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغاندا مەسلىھەتلىشىپ ھەق ئېلىنسا بولىدۇ ؛

9– باشقىلار
(1)ئادۋوكاتلار ۋەكالىتەن ئىلتىماس ئەر قىلىش ، قايتا قاراپ چىقىش ۋە ئىجرا قىلىشقا دائىر قانۇن ئىشىنى ۋەكالىتەن بېجىرىشتە ، يۇقىرىدا ئېيتىلغان دېلولارنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بويىچە ئادۋوكاتلىق ئورنى ۋە دەۋالاشقۇچىلار مەسلىھەتلىشىپ ھەق ئالسا بولىدۇ ؛
(2) ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇن ئىشىنى بېجىرىش جەريانىدىكى باھالاش ھەققى، گۇۋاھلىق ھەققى باشقا جايدا دېلو بېجىرىشتىكى كاماندروپكا ھەققى قاتارلىقلارنى ھاۋالە قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ . چىقىم قىلىش ئۇسۇلىنى كىلىشىپ بېكىتىدۇ .
(3) بۇ ھۆججەتنى ئىزاھلاشقا ئاپتونۇم رايونلۇق تەرەققىيات – پىلان كومىتېتى مەسئۇل بولىدۇ ؛
 

سۆز قالدۇرۇش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.