• قايتىش
  • توردىكى ئەسەرلەرنى ھەقسىز چۈشۈرۈش دەرۋى ئاخىرلاشتىمۇ
توردىكى ئەسەرلەرنى ھەقسىز چۈشۈرۈش دەرۋى ئاخىرلاشتىمۇ
     دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى ئىشخانىسى يېقىندا «توردىكى كۆچۈرۈلمىلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تارقاتقان بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىنتېرنېت تورى تاراتقۇلىرىنىڭ باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى كۆچۈرۈپ تارقىتىشتىن ئىلگىرىتارقىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشى ھەم كۆچۈرۈلگەن مەزمونغا ھەق تاپشۇرۇشى كېرەكلىكى ئېنىق بەلگىلەندى. بەزى تاراتقۇلار بۇنىڭغا قارىتا: «بۇ ئىنتېرنېت ۋاسىتىلىرىدىكى مەزمونلارنى ھەقسىز ئىشلىتىش دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېيىشكەن.
بۇ ھەقتە ئىلگىرىمۇ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە چىقىرىلغان. مەسىلەن، گوۋۇيۈەن تۈزۈپ تارقاتقان «توردا ئۇچۇر تارقىتىش ھوقۇقىنى قوغداش نىزامى» نىڭ 2 ــ ماددىسىدا: «ھوقۇق ئىگىسىنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ھوقۇقىنى ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى ۋە مۇشۇ نىزام قوغدايدۇ، قانۇن، مەمۇرىي بەلگىلىمىلەردە ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرىدىن باشقا ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخس باشقىلارنىڭ ئەسىرى، نومۇرى، ئۈن ــ سىن بۇيۇملىرىنى ئۇچۇر تورى ئارقىلىق جامائەتىچلىككە تەمىنلىمەكچى بولسا ھوقۇقدارنى ئىجازىتىنى ئېلىشى ۋە ھەق تاپشۇرۇشى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن. بىراق، ئەمەلىي تۇرمۇشتا بۇ بەلگىلىمە ياخشى ئىجرا بولمىغان، توردىن كۆچۈرۈلمىلەرنى ھەقسىز چۈشۈرۈش ئەھۋالى يەنىمۇ مەۋجۇت، شۇڭا دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى ئىشخانىسى تارقاتقان بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ چەكلەش كۈچىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىنى بىر نېمە دېمەك تەس.
      نۇرغۇن ئاپتورلار ئەسەرلىرىنىڭ ھەقسىز كۆچۈرۈلگەنلىكىنى بىلسىمۇ سۈكۈت قىلىدۇ، چۇنكى بۇ جەھەتتىكى ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ تەننەرخى ناھايىتى يۇقىرى، ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ ھەم نۇرغۇن زېھىن تەلەپ قىلىدۇ. 
     شۇڭا دۆلەت نەشىر ھوقۇقى ئىدارىسى ئۇقتۇرۇشنىڭ دەسلەپكى ئۆنۈمىنى كۆرمەكچى بولسا، نازارەتنى كۈچەيتىشى، جازالاشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.
«جۇڭگو قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى
سۆز قالدۇرۇش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.