• قايتىش
  • شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت ئادۋوكاتلار ئۈندىدار توپىنىڭ قائىدى...
  ↵
شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت ئادۋوكاتلار ئۈندىدار توپىنىڭ قائىدىسى
 
شىنجاڭ ئ‍از سانلىق مىللەت ئ‍ادۋوكاتلار توپىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشى ۋە خاسلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئ‍ۈچۈن تۆۋەندىكىدەك توپ قائىدىسى تۈزۈپ چىقىلدى، ئۇستازلارنىڭ ۋە كەڭ كەسىپداشلارنىڭ ئ‍اڭلىق رىئايە قىلىشىنى سەمىمىي ئ‍ۈمىد قىلىمىز.                                       
1. مەزكۇر توپ مۇدىر ئ‍ادۋوكات، كەسپىي ئ‍ادۋوكات، پراكتىكانت ئ‍ادۋوكات ۋە ئ‍ەدلىيە خىزمەتچى خادىمى (قوشۇمچە ئ‍ادۋوكاتلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان) قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان توپ بولۇپ، يۇقىرىقىلاردىن باشقىلارنىڭ مەزكۇر توپقا كىرىشى چەكلىنىدۇ.                               
2 . توپىمىزنىڭ ئ‍اساسلىق مەقسىتى ئ‍ۆزئارا ئ‍ۆگىنىش، ئ‍ۆزئارا تەجرىبە ئ‍الماشتۇرۇش ۋە كەسپىي ساپايىمىزنى ئ‍ۆستۇرۇش بولغانلىقى ئ‍ۇچۇن توپقا قالايمىقان سودا ئ‍ۇچۇرلىرى، لاۋا ئ‍ۇچۇرلارنى ۋە ئ‍ارتۇقچە چىراي ئ‍ىپادىلىرىنى ئ‍ەۋەتىش، قانۇنغا مۇناسىۋەتسىز بولغان سىن، تەييار يازما ۋە رەسىملەرنى ئ‍ەۋەتىش، قىزىل بولاق ئ‍ەۋەتىش، ھەرقانداق شەكىلدىكى ئ‍ىئانە توپلاش ۋە ئ‍ىئانە توپلاشقا ئ‍ائىت ئ‍ۇچۇرلارنى ئ‍ەۋەتىش بىردەك مەنئى قىلىنىدۇ. (ئەسكەرتىش: قانۇن كەسپىي سالاھىيەت ئ‍ىمتىھانى ۋە قانۇن كىتابلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئ‍ۆز ئ‍ىچىگە ئ‍المايدۇ).
3.بارلىق كەسىپداشلارنىڭ توپتىكى ئ‍ىسمىنى ئ‍ۆزىنىڭ ئ‍ەسلى ئ‍ىسمىغا ئ‍ۆزگەرتىشىنى ۋە ئ‍ادۋوكاتلىق ئ‍ورنىنىڭ ئ‍ىسمىنى قوشۇپ يېزىشىنى سەمىمىي تەلەپ
قىلىمىز.
4. توپىمىزدا ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئ‍ۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 18:00دىن  18:45گىچە، شەنبە، يەكشەنبە كۇنلىرى، ئۇرۇمچى ۋاقتى سائەت 11:00دىن11:45گىچە لېكسىيە ئ‍ورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. لېكسىيە سۆزلىگۈچىنى توپ كېڭەشمىسى بېكىتىدۇ.
5. دېلو تەھلىل قىلغاندا ئۇيغۇرچە كونا يېزىق ئ‍ىشلىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئاۋازلىق تەھلىل قىلىنسىمۇ بولىدۇ.
6. قەرەللىك ۋاقىتتا ئ‍ۇستازلارنىڭ يېتەكلىشى بويىچە سۇئال جاۋاب شەكلىدە ئ‍ەدلىيە ئ‍ىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىنىدۇ.
7. توپنىڭ مەشغۇلات ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8 دىن كەچ سائەت 23 كىچە بولىدۇ. 23 تىن كېيىن ئۇچۇر
ئەۋەتىشكە بولمايدۇ.
شىنجاڭ ئ‍از سانلىق مىللەت ئ‍ادۋوكاتلار ئۈندىدار توپى كېڭەشمىسىدىن:
1. توپ باشلىقى: روشەنگۈل توختى. شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى.
2. توپ نازارەتچىسى: مۇھەممەت ئابلىمىت ئۆزقۇت: شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى، شىنجاڭ ئادۋوكات تورىنىڭ مەسئولى، شىنجاڭ ئادۋوكات سالونىنىڭ مەسئولى.
3. توپ باشلىقى ياردەمچىلىرى :
ئوسمانجان ئاۋۇت: شىنجاڭ تۆمۈر چوققا ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى.
مەخمۇتجان مەمەت: شىنجاڭ دادىل ئادۋوكاتلىق
ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى.
4. توپ كېڭەشمە ھەيئەتلىرى:
ئەنۋەر ئابلا: شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ
مۇدىر ئادۋوكاتى.
نۇرگۈل توختى مۇئەللىم: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن پەنلىرى پىروفېسسورى، شىنجاڭ ئاۋام ئ‍ادۋوكاتلىق ئ‍ورنىنىڭ ئ‍ادۋوكاتى
ئابلىكىم ئادۋوكات: شىنجاڭ يۇلغۇن ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى.
ئەيسائېلى مۇھەممەت: تۇمشۇق شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىدىن.

2016 – يىل 11 – فېۋرال
سۆز قالدۇرۇش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.