• يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • ئاۋاتلىقى : 5096
  • مەسلىھەت : 1

ئاغزاكى تەھدىت سالغانلارمۇ تۆلەم جاۋابكارلىقىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ تەلئەت، قاسىم، مالىك، تاھىر قاتارلىقلار ئالدىنقى ئاينىڭ بىر كۈنى يېرىم كېچىدە ئاغىنەم يۇنۇس ھەيدەۋاتقان تاكسىينى توسقان، يۇنۇس ئۇلار ئېيتقان جايغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇ تۆتەيلەن يۇنۇسقا ئايلىنىپ يۈرۈپ يول مۇساپىسىنى ئۇزارتىۋەتكەنلىكىنى ئېيتىپ جېدەللەشكەن، بۇ جەرياندا تەلئەت زورلۇق ئىشلىتىپ يۇنۇسنى ئۇرغان، قاسىم قاتارلىق ئۈچەيلەن بولسا زورلۇق ئىشلەتمەي تاكسىيدىن چۈشۈپ يۇنۇسنى ۋارقىراپ تىللىغان، يۇنۇس ئۇلاردىن قورقۇپ، تاكسىينى تاشلاپ قاچقان، ئۇ قېچىش جەريانىدا پەرھات ھەيدىگەن پىكاپ سوقۇۋەتكەن، يۇنۇس 9 - دەرىجىلىك مېيىپ بولۇپ قالغان. بۇ دېلودا پەرھاتنىڭ قوشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى ئېنىق، ئەمما ئاساسىي تۆلەم مەسئۇلىيتىنى تەلئەت ۋە قاسىم قاتارلىق ئۈچەيلەن قانداق ئۈستىگە ئالىدۇ؟

  • مەسلىھەت بېرىش
  • مەسلىھەت : 1

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان مەزمۇنلارنى يوللايلى !

كىرىش
ئالىي باشقۇرغۇچى

بۇ دېلودا قاسىم قاتارلىق ئۈچەيلەن يۇنۇسنى تىللاپ، ئۇنى روھى جەھەتتىن مەجبۇرلاپ، ھوقۇققا چېقىلىشنى شەكىللەندۈردى. ئادەتتە، ئاغزاكى تەھدىت ياكى تىللاش ئارقىلىق غىدىقلاش بىلەن زىيان نەتىجىسىنىڭ سەۋەپ – نەتىجە مۇناسىۋىتىنى ئىسپاتلاش تەس. بۇ دېلودا قاسىم قاتارلىق ئۈچەيلەننىڭ ئاغزاكى تەھدىت سېلىشى مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، بەلكى بۇ تەھدىت تەلئەتنىڭ زورلۇق ئىشلىتىشىگە قوشۇلغاندىلا ئاندىن ئوبىيكىتىپ جەھەتتىن تەلئەتنىڭ زورلۇق ئىشلىتىشىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرالايدۇ. بۇ دېلودا قاسىم قاتارلىق ئۈچەيلەننىڭ ئاغزاكى تەھدىتى بىلەن تەلئەتنىڭ زورلۇق ئىشلىتىشى ئورتاق بىرلىشىپ، يۇنۇسقا نىسبەتەن روھى جەھەتتىن مەجبۇرلاش كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇنى تاكسىينى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇرلىغان، نەتىجىدە يۇنۇسنى پەرھات ھەيدىگەن پىكاپ سوقۇۋەتكەن. قاسىم قاتارلىق ئۈچەيلەننىڭ ئاغزاكى تەھدىت سېلىش قىلمىشىدىن تەلئەتنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىغا ياردەم بېرىش قىلمىشى شەكىللەنمەيدۇ. ياردەم بېرىش قىلمىشى دېگىنىمىز، باشقىلارغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنى يۈرگۈزۈشىگە قولايلىق يار

18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.