• يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • ئاۋاتلىقى : 2014
  • مەسلىھەت : 1

دەۋادىن كەچكەنلەر يەنە دەۋا قىلسا سوت مەھكىمىسى قوللامدۇ ئەسقەر ھەيدىگەن پىكاپ بىلەن ئالىم ھەيدىگەن پىكاپ ئۆزئارا سوقۇلۇپ كېتىپ، ئىنىم ئەنقەر قازا قىلدى. قاتناش ساقچى تارمىقى جاۋابكار ئەسقەرنىڭ قوشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى توغرىسىدا قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسى چىقاردى، كېيىن باشقا يەردىكى خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى چىقىرىپ، ئىنىمنىڭ تۈرلۈك چىقىملىرىنى 380 مىڭ يۈەن قىلىپ بېكىتىپ، سوغۇرتا شىركىتىنى 300 مىڭ يۈەن، جاۋابكار ئەسقەرنى 80 مىڭ يۈەن تۆلەشكە بۇيرۇدى، ئەمما ئەسقەرنى بىرنەچچە قېتىم ئىزدەپ بارغان بولساممۇ، ئۇ تۆلەم تۆلەشنى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ سوتقا ئەرز سۇنۇشنى ھاۋالە قىلدىم، ئەمما ئادۋوكات سوت ئېچىلىش ۋاقتىنى توغرا ئىگىلىيەلمىگەنلىكتىن ئىككىلىمىز سوتقا قاتنىشالمىدۇق. كېيىن بىلسەك، سوت مەھكىمىسى دەۋاگەرلەر چاقىرىق قەغىزى ئەۋەتىپ چاقىرتىلسىمۇ ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن سوتقا كەلمىگەن، دەپ قاراپ، كېسىم چىقىرىپ دەۋادىن كەچكەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىپتۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا يەنە دەۋا قىلسام سوت مەھكىمىسى قوللامدۇ

  • مەسلىھەت بېرىش
  • مەسلىھەت : 1

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان مەزمۇنلارنى يوللايلى !

كىرىش
ئالىي باشقۇرغۇچى

تەلىيىڭىز بار ئىكەن، دەرقەمسىز ھۆكۈم چىقىۋەتمەپتۇ، قايتا دەۋا قىلىشقا بولىدۇ.

18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.