• يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • ئاۋاتلىقى : 5048
  • مەسلىھەت : 1

بىر ئۆينى ئىككى قېتىم ساتسا قانداق قىلىشىم كېرەك مەن بۇلتۇر نويابىردا مامۇتنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى بىر يۈرۈش ئۆينى 160 مىڭ يۈەنگە سېتىۋېلىشقا كېلىشكەنىدىم. ئۆي سېتىش – سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالانغاندىن كېيىن، مەن پۇلنى ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ تۆلەپ بولدۇم. ئۆي سېتىش – سېتىۋېلىش توختامىدا، مامۇتنىڭ 2013 - يىلى ئىيۇندا نىشاندىكى ئۆينى ماڭا تاپشۇرۇپ، ئۆينىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بېرىدىغانلىقى، خالىغان بىر تەرەپ پۇشايمان قىلسا 50مىڭ يۈەن تۆلەيدىغانلىقى پۈتۈلگەنىدى، بىراق بۇ يىل ئىيۇندا مامۇتقا ئۆينى تاپشۇرۇشنى ئېيتسام، ئۇ ئۆينى ئاكىسىغا سېتىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ئۆي پۇلى ۋە تۆلەمنى قايتۇرۇپ بېرىشكە ئاغزاكى قوشۇلغان بولسىمۇ، 60 مىڭ يۈەندىن باشقا پۇلنى تا ھازىرغىچە قايتۇرمىدى. مەن قانداق قىلىشىم كېرەك، قانداق قىلغاندا بۇنداق ئالدىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

  • مەسلىھەت بېرىش
  • مەسلىھەت : 1

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان مەزمۇنلارنى يوللايلى !

كىرىش
ئالىي باشقۇرغۇچى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تاۋار ئۆي سودىسى توختامىغا دائىر ماجىرا دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتىنىڭ 8 - ماددىسىدا: تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، تاۋار ئۆي سودىسى توختامىدىكى مەقسەتكە يەتكىلى بولمىغاندا، ئۆيگە ئېرىشەلمىگەن ئالارمەن توختامنى بىكار قىلىشنى، تۆلىگەن ئۆي پۇلى ۋە ئۆسۈمىنى قايتۇرۇشنى، زىياننى تۆلەشنى ھەمدە تۆلىگەن ئۆي پۇلىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن ئاشمايدىغان تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ساتارمەن ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ: (1) تاۋار ئۆي سودىسى توختامى تۈزۈشكەندىن كېيىن، ساتارمەن شۇ ئۆينى ئالارمەنگە دېمەيلا 3-كىشىگە رەنە قويسا؛ (2) تاۋار ئۆي سودىسى توختامى تۈزۈشكەندىن كېيىن، ساتارمەن شۇ ئۆينى 3-كىشىگە سېتىۋەتسە، دەپ بەلگىلەنگەن. دۆلىتىمىز توختام قانۇنىنىڭ 57- ، 58 -، 107- ماددىلىرىدا: توختام كۈچكە ئىگە بولمىسا، بىكار قىلىنسا ياكى ئاخىرلاشسا، ئۇنىڭدىكى تالاش - تارتىشنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىغا دائىر مۇستەقىل ماددىلارنىڭ كۈچىگە تەسىر يەتمەيدۇ، توختام كۈچكە ئىگە بولمىغان ياكى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، شۇ

18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.