«ئىجرا قىلىپ بەرمىدى»
  • يوللىغۇچى :
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • ئاۋاتلىقى : 511
  • مەسلىھەت : 1

«ئىجرا قىلىپ بەرمىدى» مەن قۇرلۇش قىلىپ ئالالمىغان 58000كوي پۇلنى سوتقا ئەرىز قىلىپ سوت ئېچىلغان، سوت ھۆكۈمىدە ماڭا دەۋا ھەققى بىلەن قوشۇپ بىرىدىغانغا ھۆكۈم چىققان 2017 يىل 2ئاينىڭ 25دە بۇ ھۆكۇمنى مۇناسىۋەتلىك ماتياللىرى بىلەن قوشۇپ ئىجراغا ئۆتكۈزگەن 3ئاينىڭ 18كۈنى ئجرادىكىلەر چىقىپ مۇرەسسەلەشتۇرۇپ قويغان مۇرەسسىيەدە 2017يىلى 7ئاينىڭ 18كۇنىدىن بۇرۇن بارلىق پۇلنى دەۋا ھەققى بىلەن قوشۇپ بىرىدىغان غا كىلىشىم تۇزگەن ئىدۇق ئامما ھازىرغىچە بىرمۇچەنمۇ بەرمىدى مەن ئىجرا ئىدارسىگە نەچچە قىتىم كىرگەن بولساممۇ ئجرادىكىلەر ئەتە چىقىپ ئىجرا قىلىپ بىرىمىز دەپ كىلەر ھەپتە چىقىمىز دەپ مىنى بەزلەپ ھازىرغىچە چىقىپ ئىجرا قىلىپ بەرمىدى بۇ قىلغىنى توغىرمۇ مەسلەھەت بەرگەن بولساڭلا

  • مەسلىھەت بېرىش
  • مەسلىھەت : 1

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان مەزمۇنلارنى يوللايلى !

كىرىش
نۇرمەمەتجان تۇرغۇن 13899902143

ياخشىمۇسىز، ئىجىرا تەرتىپى توغرىسىدا قانۇندا مۇنداق بەلگىلەنگەن.  خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئايدىن ئاشقىچە ئىجرا قىلىپ بەرمىسە، ئىجرا ئىلتىماسى قىلغۇچى ئىجرا قىلىپ بېرىشنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ، ئەسلىي خەلق سوت مەھكىمىسىنى مەلۇم مۆھلەتتە ئىجرا قىلىپ بېرىشكە بۇيرۇسا بولىدۇ، شۇ مەھكىمە ئىجرا قىلىشنى قارار قىلسىمۇ ياكى باشقا خەلق سوت مەھكىمىسىنى ئىجرا قىلىپ بېرىشكە بۇيرۇسىمۇ بولىدۇ. دىمەك، يۇقارقى بەلگىلىمە بويىچە ئىشىڭىزنى ھەل قىلسىڭىز بولىدۇ جاۋاپ بەرگۈچى : شىنجاڭ دانا ئادۋوكاتلىق ئورنىدىن نۇرمەمەتجان تۇرغۇن 13899902143

ئالىي باشقۇرغۇچى

جاۋاب بېرىلىپ بولۇندى

18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.