دۇكاندا ئايالىمنىڭ ھەققى بارمۇ
  • يوللىغۇچى : xjadwokat657
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • ئاۋاتلىقى : 231
  • مەسلىھەت : 2

ياخشىمۇسىز! مەن 2013-يىلى 5-ئايدا ھەممە پۇلنى بىر قىتىمدا تولۇق تۆلەش شەكلى ئارقىلىق مەلۇم سودا بازىرىدىن دۇككان سىتىۋالغان.2014-يىلى 11-ئايدا توي قىلدىم.2016-يىلىنىڭ باشلىرىدا دۇككان سىتىش ئورنىدىكىلەر تىلىفۇن قىلىپ مەن دۇككان سىتىۋالغان ۋاقىتتىكى قىزىل تاشلىق دۇككان كىنىشكىسى بىجىرىش ئۈچۈن تەمىنلەپ بەرگەن توي قىلمىغانلىق ئىسپاتىنى يۈتتۈرۈپ قويغانلىقىنى ۋە بۇ ئىسپاتنى قايتىدىن تەمىنلەپ بىرىشنى ئىيتتى،لىكىن مەن بۇ چاغدا توي قىلىپ بولغانلىقىم تۈپەيلى توي قىلمىغانلىق ئىسپاتىنى تولۇقلاپ ئەكىلىشكە ئامالسىز قىلىپ،توي خىتىنىڭ كۆپەيتمە نۇسخىسىنى ئاپىرىپ بىرىپتىمەن.كىيىن دۇككان كىنىشكىسى بىجىرىلىپ قولۇمغا ئالغاندا ئايالىمنىڭ ئىسمىمۇ يىزىلىپ چىقىپتۇ،ئەينى چاغدا ئايالىم ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن بولغاچقا مەن مەلۇم بىر مۇمكىنچىلىكلەردىن ئەنسىرەپ ۋاختىنچە بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا دىمىگەن.2016-يىلى 11-ئايدا ئايالىم بىلەن ئاجرىشىپ كەتتۇق،مىنىڭ ئۆي كىنىشكىسىدىكى ئايالىمنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرۋەتكۈم بار ئىدى،لىكىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بارسام چوقۇم ئايالىم بىللە بىرىپ قول قويۇپ بەرگەندىلا ئاندىن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىجىرەلەيدىكەنمەن. لىكىن مەن ئۇنىڭ بۇ ئىشنى ئۇقۇپ قالسا مىنىڭ ھەققىم بار ئىكەن دەپ تالاش تارتىش -كىلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭغا دىيەلمەيۋاتىمەن ماڭا مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز مۇشۇ خىل ئەھۋالدا ئۇنىڭ ھەققى بولامدۇ؟

  • مەسلىھەت بېرىش
  • مەسلىھەت : 2

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان مەزمۇنلارنى يوللايلى !

كىرىش
ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەينى چاغدا بىخەستىلىك قىپسىز، ئۇستا ئادۋوكات تېپىپ، مۈلۈكنىڭ تويدىن بۇرۇنقى مۈلۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاتقۇزۇڭ. 18999174577

قۇربانجان روزى 13899141532

دۇككان سېتىۋالغان ۋاقىتتا سىز تاپشۇرغان پۇلغا قارىتا، سىزگە تالون ياكى پۇل تاپشۇرۇۋالغانلىق ھۆججىتى بەرگەن بولسا، بۇ ئەڭ ياخشى دەلىل ئىسپات بولىدۇ، دۇككان كىنىشكىسىنىڭ ئەر خوتۇن نامىدا چىققانلىقىغا قارىتا، دۇككان ساتقۇچى ئەسلىدىكى ھەقىقى ئەھۋالغاقارىتا گۇۋاھلىق بەرسە ياكى يازما ئسپات چىقىرىپ بەرسە بولىدۇ . بۇ تويدىن بۇرۇن سېتىۋالغانلىقىڭىزنى ئىسپاتلايدۇ .

18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.