房屋纠纷ئۆي ماجراسى
  • يوللىغۇچى : xjadwokat227
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • ئاۋاتلىقى : 96
  • مەسلىھەت : 1

مەن 2013-يىلى دادام تۇرۇۋاتقان ئىجارىلىك ئۆينى دادامغا ئۆزەم يېنىمدىن پۇل چىقىرىپ ئېپ بەگەن، دادام ھايات ۋاقتىدا دادام تۇرىدىغان، دادامدىن كېيىن قالسا ئۆزەم پايدىلىندىغان شەرت بىلەن، بۇنىڭغا باشقا قېرىنداشلىرىممۇ خوشاللىق بىلەن قوشۇلغان، دادام 2015-يىلى تۈگەپ كەتتى، دادام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن مەن بۇ ئۆينى باشقىلارغا ئىجارىگە بىرىپ پايدىلاندىم، بىر ئاينىڭ ئالدىدا مەن بۇ ئۆينى سېتىۋەتمەكچى بولۇپ ئادەم تېپىپ، ئۆينىڭ نامىنى ئۆتكۈزۈپ بىرىدىغان باسقۇچقا كەلگەندە، بۇ ئۆينىڭ نامى دادامنىڭ نامىدابولغانلىقى ئۈچۈن (ئۇچاغدا مېنىڭ نامىمدا باشقائۆي بولغانلىقتىن ئۆينىڭ نامىنى دادامنىڭ نامىدا ئالغۇزۇپتىكەنمەن ،) (ئاكام تۈگەپكەتكەنلىكتىن) ئاكامنىڭ ئايالى بالىسى 18ياشقا توشمىغانلىق تۈپەيلىدىن بالىنىڭ ھىمايچىسى سۈپىتىدە قول قويۇپ بىرىشكە چاقىرىتىلغاندا، ئۆزىنىڭ قول قويمايدىغانلىقىنى، بۇ ئۆينى ئەسلى باھاسىدا ئۆزىگە سېتىپ بىرىشىمىزنى تەلەپ قىپ تۇرىۋالدى ، ئەمدى مەن قانداق قىلىشىم كېرەك

  • مەسلىھەت بېرىش
  • مەسلىھەت : 1

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان مەزمۇنلارنى يوللايلى !

كىرىش
نۇرمەمەتجان تۇرغۇن 13899902143

ئەگەر يەنگىڭىزنىڭ ئۆيدىن پايدىلىنىش نىيتى بولسا، جىيەنلىرىڭىزنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا بىر تەرەپ قىلسىڭىز بولىدۇ

18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.