بۆرەكنى قانداق قىلىمەن
  • يوللىغۇچى : xjadwokat366
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • ئاۋاتلىقى : 103
  • مەسلىھەت : 1

مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم، مەن ئىككى بالىنىڭ ئانىسى، باللىرىمنىڭ ئىككىلىسى قىز، بىزگە ياردەم قولىنى سۇنغىدەك ئۇرۇق تۇققانلىرىمىز يوق، مەن باللىلارنىڭ چوڭى، ئانام يەتمىش ياشقا كىرىپ قالدى، بالامنىڭ دادىسى تەرەپ بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلمايمىز، 12 يىلدىن بۇيان ئىككى بالىنى ئۆزۈم بېقىپ كەلدىم، ئۆزىمىزنىڭ مۇقۇم ئۆيىمىز بولمىغاچقا ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرۇپ كىلىۋاتىمىز، ھازىر ماڭغىدەك يولۇم قالمىدى، ئۆزۈم ئۈچۈن ئەمەس، ئانام ۋە قىزلىرىم ئۈچۈن تىرىشتىم لىكىن يالغۇز بىر ئايال بولغىنىم ئۈچۈن تۇرمۇشتا بەك قىيىنچىلىقتا قالدىم، قىينالساممۇ مەيلى ئىدى باش تىققۇدەك ماكان يوق ھاياتىمدىن ئۈمىتسىزلىنىپ كىتىۋاتىمەن، شۇڭا بىر بۆرىكىمنى سېتىپ بالىلىرىمغا بولسىمۇ بىر ماكان قىلىپ بىرىشنى ئويلىغان، ئۆزۈم نىمە بولسام مەيلى ئىدى، ئەمما ئادەم ئەزاسى سېتىش قانۇنغا خىلاپكەن، مەن قانداق قىلىشىم كېرەك، ھازىرقىدەك قانۇن تۈزۈم بويىچە ئىدارە قىلىنىۋاتقان جەمىيەتتە شۇ ئويۇمنى قانداق قىلسام تەرتىپ بويىچە قىلالايمەن، ماڭا مەسلىھەت بىرىلگەن بولسا ئاجىزە بىر ئايالنىڭ ئۆتۈنىشى ئىدى،

  • مەسلىھەت بېرىش
  • مەسلىھەت : 1

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان مەزمۇنلارنى يوللايلى !

كىرىش
نۇرمەمەتجان تۇرغۇن 13899902143

ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى ئۆز تەۋەلىكىڭىزدىكى مەھەللە كومتېت، يېزا ( تەۋەلىك باشقۇرۇش كومتېتى، كوچا ئىش باشقارمىسى ) لىق خەلق ئىشلىرى ئىشخانىسىغا ئىنكاس قىلىڭ؛ 2. باللىرىڭىزنىڭ دادىسىدىن باللىرىڭىزنىڭ بېقىلىش ھەققىنى تەلەپ قىلىڭ

18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.