• يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • ئاۋاتلىقى : 5317
  • مەسلىھەت : 2

ئاتا - ئانام مېنى تاشلىۋېتىپ يېقىدا پەيدا بولۇپ مېنى باق دەي مەن قىز بالا توغۇلۇپ قالغاچقا، ئۆز ئاتا – ئانام مېنى بېقىشنى خالىماي تاشلىۋېتىپتىكەن. كېيىن ساقچىلار مېنى تېپىۋېلىپ خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىغا ئاپىرىپ بېرىپتۇ. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ھازىرقى مېنى بېقىۋالغان ئاتا – ئاتام خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىغا بېرىپ رەسمىيەت ئۆتەپ مېنى بېقىۋاپتۇ. ئۇلار مېنى بېقىپ چوڭ قىلدى. ئالىي مەكتەپتىمۇ ئوقۇتتى. مەن ھازىر مۇقىم خىزمەتكە ئېرىشتىم. ئايلىق كىرىمىممۇ خېلى يۇقىرى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئۆز ئاتا – ئانام مېنى ئىزدەپ تېپىپ، بېقىش مەجبۇررىيىتىمنى ئادا قىلىشىمنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. مېنىڭ ئۆز ئاتا- ئانامنى بېقىش مەجبۇرىيتىم بارمۇ؟

  • مەسلىھەت بېرىش
  • مەسلىھەت : 2

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان مەزمۇنلارنى يوللايلى !

كىرىش
ئالىي باشقۇرغۇچى

بېقىۋالغان ئاتا – ئانىڭىز خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئارقىلىق سىزنى بېقىۋالغان. بۇ دۆلىتىمىز بېقىۋېلىش قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە پۈتۈنلەي ئويغۇن بولۇپ، سىز بىلەن بېقىۋالغان ئاتا – ئانىڭىز ئوتتۇرىسىدا قانۇنلۇق بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن. بۇ مۇناسىۋەت قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا سىز بىلەن بېقىۋالغان ئاتا- ئانىڭىز ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق – مەجبۇرىيەتكە نىكاھ قانۇنىدىكى ئاتا – ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسدىكى ھوقۇق – مەجبۇرىيەتكە دائىر بەلگىلىمىلەر تەدبىقلىنىدۇ، شۇڭا ئۆز ئاتا – ئانىڭىز بىلەن بولغان ھوقۇق – مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىڭىز تەبىئىي ھالدا يوقىلىدۇ. سىز بېقىۋالغان ئاتا – ئانىڭىزغا ۋاپادارلىق يەتكۈزۈپ، ئۆز ئاتا – ئانىڭىزغا بولغان بېقىش مەجبۇرىيىتىڭىزنى ئادا قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىراق ئۆز ئاتا – ئانىڭىزنىڭ سىزنى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن بېقىۋالغان ئاتا – ئانىڭىز بىلەن بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى ھەرگىزمۇ يېڭىدىن ئاتا - ئانا بىلەن پەرزەنت مۇناسىۋىتى شەكىللەندى، دېگىلى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، قانۇن سى

مەمەتئېلى

ئ‍ەگەر سىز ئ‍ۇلارنى بېقىشنى خالىمسىڭىز قانۇن ھەرگىز زورلىمايدۇ ،سىزنى بېقىۋالغان ئ‍اتا ئ‍انڭىز قانۇنى رەسمىيەت تەرتىپ بويىچە ئىش قىلىپ سىز بىلەن رەسمى بېقىش بېقىۋېلنىش مۇناسۋىتى ئ‍ورناتقان

18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.