婚姻
  • يوللىغۇچى : xjadwokat893
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • ئاۋاتلىقى : 398
  • مەسلىھەت : 2

قانۇن مەسلەھەتدىكى بارچە ئەزىزلەر مۇشۇ ۋاقتىڭلا خەيرىلىك بولسۇن مىنىڭ بىر دوستۇم بار ئىدى توي قىلغىلى 1يىل بولغاندا تۇققان تۇققىلى بىرى ئىرى تالاغا قاراپ قېلىپ ئاجرىشمەن دەپ تۇرۋالدى ھازىر بالىسى 9ئايلىق بولدى بالىغا قارىمايدۇ ھەم تۇرمۇش پۇلىمۇ بەرمىدى قانداق قىلمىز دىسە بالا 1ياشقا كىرگەندە ئاجرىشمەن دەيدىكەن بولمىسا سەن چىق ئوتتۇرغا دەپ ھىچ ئەلەم قىلىپ كىتۋاتىدۇ ئىرى تالاغا قاراپ قالغىننى ئېتراپ قىلمايدۇ ئىرىنى ساقلاپ تۇرسا بۇلامۇ يا ئالدىدا ئوتتۇرغا چىقسا بۇلامۇ ؟

  • مەسلىھەت بېرىش
  • مەسلىھەت : 2

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان مەزمۇنلارنى يوللايلى !

كىرىش
نۇرمەمەتجان تۇرغۇن 13899902143

ياخشىمۇسىز، ئاجرىشىش دېلوسىدا ئالدىنقى شەرت ئاجرىشىش، ئۇنىڭدىن كېيىن بالىنىڭ بېقىش مەسلىسى، بېقىلىش ھەققى مەسلىسى، ئورتاق مۈلۈك، ئورتاق قەرز مەسلىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ . تويلىشىش قانۇنىدا : ئايال تەرەپ ئېغىرياغ، بالا تۇغۇلۇپ بىر ياشقا توشمىغان، بويىدىن ئاجراپ ئالتە ئايغا توشمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئەر تەرەپ ئاجرىشىشنى ئوتتۇرىغا قويسا بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن . مىنىڭ مەسلىھەتىم بولسا، ئوتتۇرىدا بىر بالا بولغانكىن ئامال بار ئۆز ئارا يول قويۇشۇپ ،تۇرمۇشنى ساقلاپ قالسۇن، ئەرگە چوڭلارنىڭ نەسھەت قىلىشىنى تەلەپ قىلسۇن.

ئەركىن دۇنيا

ئەر تەرەپ تالاغا قاراپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا ئايل تەرەپ ئاجىرىشىشقا قۇشۇلمىسا، سوت مەھكىمىسى ئاجراشتۇرمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ بىر يشقا توشمىغان بالىسى بار ئىكەن، شۇڭا ئاسانلىقچە ئاجىراشتۇرمايدۇ؛ ئايال تەرەپ ئاجىرىشىشنى خالىمىسا، چوڭلار ياكى دوس بۇرادەرلەر، ئاياللار جەمئىتى، تۇرۇشلۇق كەنىت كومىتىتى ياكى ئاھالىلەر كومىتىتى قاتارلىقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئەر تەرەپكە خىزمەت ئىشلىسە بولىدۇ؛

18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.