• يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • ئاۋاتلىقى : 5804
  • مەسلىھەت : 1

توقلۇقتىن شوخلۇق چىقتى بالام 22 ئ‍ايلىق بولدى، ئ‍ايالىم ئ‍اجرىشىش ئ‍ۈچۈن سوتقا ئ‍ەرىز سۇندى ۋە بالىنى ئ‍ەۋىلىشنى تەلەپ قىپتۇ ،سوت يىقىندا ئ‍ىچىلىدۇ، ئايالىمنىڭ ئ‍اجرىشىشتىكى سەۋەبى ئ‍اساسسىز يالغان ئ‍ۆزۈمنى سوتتا ئ‍اقلاشقا ئ‍ىسپاتلار تۇلۇق سۇئالىم ، مەن قانداق قىلسام بالىنى ئ‍ۆزۈم ئ‍الالايمەن ، ئ‍ادۇكاتلاردىن سورىسام ئ‍اجراشمايمەن دەپ تۇرىۋالسام سوت مەجبۇر ئ‍اجراشتۇرمايدىكەن ئ‍ىككىنجى قىتىملىق سوت ئ‍ىچىلغىچە بالاممۇ ئ‍ىككى ياشقا تۇشىدىكەن،،،ئاندىن بالىنى ئ‍ىلىشتا ئ‍ۈمۈت باركەن مۇشۇ خىل ئ‍ۇسۇل توغرىمۇ سوت قانچىلىك ۋاقىتتا ئ‍ىككىمىزنى مەجبۇر ئ‍اجراشتۇرىدۇ ؟ يول كۆرسەتسىڭىز رەھمەت

  • مەسلىھەت بېرىش
  • مەسلىھەت : 1

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان مەزمۇنلارنى يوللايلى !

كىرىش
ئالىي باشقۇرغۇچى

ئاجراشقىڭىز بولمىسا سوتتا نىكاھ قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ئاجرىشىشقا سەۋەب بولىدىغان ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئايالىڭىزنىڭ ئاجرىشىش تەلىپنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ئايالىڭىز ئاجرىشىشقا سەۋەب بولىدىغان مۇھىم دەلىل - ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىيەلمىسە ئاجرىشىش تەلىپى رەت قىلىنىشى مۇمكىن. مۇشۇنداق ئەھۋالدا بالىنى كىم بېقىش مەسىلىسىنى ئويلىشىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. ئەگەر ئايالىڭىز يەنە ئاجرىشىش دەۋاسى قىلىپ، نىكاھتىن ئاجرىشىشىقا سەۋەب بولىدىغان دەلىل - ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىسە ياكى ئەر _ خوتۇن ئىككىڭلار ھەقىقەتەن چىقىشالمىغانلىق تۈپەيلىدىن ئايرىلىپ تۇرغىنىڭلارغا ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتسە ۋە ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن نىكاھتىن ئاجراشتۇرۇشنىڭ باشقا شەرتلىرى ھازىرلانغان بولسا سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم بىلەن نىكاھتىن ئاجراشتۇرىدۇ.

18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.